ئىرمىشىپ-چىرمىشىپ يۆگىمەچ ئوتتەك،
بىردەملىك شادلىققا بەرمەيلى تۇتۇق.
ئېزىتقۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ،
ئۆمۈرلۈك بەخىتتىن قالمايلى قورۇق.
ئىنتىلىپ ياشايلى ھالال نىكاھقا،
ئۈزمەيلى ئالدىراپ ئىپپەت گۈلىنى.
قىزىىسۇن ئال-ئارا خۇشال تويىمىز،
جاھانغا تارىتىپ ياڭراق كۈيىنى.