@@بىر بويتاق يىگىتنىڭ مۇھەببەتتىكى كونا - يىڭى كەچمىشلىرى@@

ۋاقتى:2010-05-13 00:33مەنبە: يوللىغۇچى:مۇراتجان مۇختەر چېكىلىشى:قىتىم
   1ئۇ تۇنجى قېتىم بىر قىز بىلەن بەكمۇ تەستە تونۇشتى...
ئۇ قىز يىگىتنىڭ تۇنجى قېتىم ياخشى كۆرگىنى ئىدى، قىز كاتتا بىر باينىڭ ئەتىۋارلىق قىزى ئىدى، يىگىت تۇنجى قېتىم كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالغان بۇ قىزنى بەك ياخشى كۆرەتتى، قىزمۇ ھەم شۇنداق ئىدى...
يىگىت سودا ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ قېلىپ قىز بىلەن توپتۇغرا ئىككى ئاي كۆرۈشەلمىدى...
قىز كىچىك، نادانلىقىدىن يىگىتنىڭ مۇھەببىتىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى... www.iz.la
قىز باشقا بىر يىگىتنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلدى...
يىگىت قايتىپ كىلىپ قىزنى بىر مۇنچە تىللىدى -دە، قىز توي قىلغان كۈنى بولۇشىغا ھاراق ئىچتى...
ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ تۇنجى سۆيگۈسىنى قەلب ئېتىزىنىڭ ئەڭ پىنھان يىرىگە مەڭگۈلۈك كۆمۈۋەتتى...
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئۇ يەنە لايىق ئىزدەشكە باشلىدى...
چۈنكى، ئۇ توي قىلمىسا بولمايتتى...

2
ئۇ يەنە بىر قىز بىلەن تونۇشتى...
ئۇ قىز يىگىتنىڭ دۇكان قوشنىسى ئىدى، قىزنىڭ گۈزەللىكى، تاتلىق كۈلۈشلىرى، قايرىلىپ قاراشلىرى يىگىتنىڭ قەلبىدىكى مۇزنى ئىرىتىشكە تىرىشاتتى. يىگىتمۇ ھەم قىزغا ئىنتىلەتتى... ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇلار ئاخىرى تۇنۇشتى، پاراڭلاشتى، بىر - بىرىگە كۆڭۈل بىرىشتى...
بىر چاغلاردا يىگىتنىڭ قولىقىغا تۇيۇقسىز ئىككى دوستىنىڭ مەخپىي پارىڭى كىرىپ قالدى:
- ..... بىلەن .... كىچىدىن .... نىڭ ياتىقىدا قونۇپتۇ...
يىگىت ئۆزىنى خۇددى ئاسماندىن تاشلىۋىتىلگەندەك، ئەسكى چاپاندەك خورلانغانلىقىنى ھىس قىلدى...
ئەتىسى يىگىت قىزنى خالىي بىر يەرگە ئاپىرىپ، قىزنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ھېلىقى خەۋەرنىڭ راست - يالغانلىقىنى سورىدى: www.iz.la
- ئاخشام نەدە ياتتىڭ...؟
- .... نىڭ ياتىقىدا...!!!
- نىمىشقا...
- ...
- گەپ قىلە، مىنى ياخشى كۆرەتتىڭغۇ، بۇ يالغانمىدى...؟
- مىنى كەچۈرۈڭ...
- تۈفىي، سەندەك ھايۋاننى كۆزۈم مەڭگۈ كۆرمىسۇن!!!
يىگىت قىزنىڭ يۈزىگە نەپرەت بىلەن بىرنى تۈكۈرگەندىن كىيىن كەينىگە قايتتى...
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئۇ يەنە لايىق ئىزدەشكە باشلىدى...
چۈنكى، ئۇ توي قىلمىسا بولمايتتى...

3
ئۇ يەنە بىر قىز بىلەن تونۇشتى...
قىز يىگىتنىڭ نەۋرە سىڭلىسى بىلەن بىللە تاغىسىنىڭ يېزىلىق ئاشلىق پونكىتىنىڭ ئىچىدىكى ياتىقىدا قونۇپ ئوقۇيتتى. ئۇ قىزنىڭ ئۆيى قوشنا يېزىدا ئىدى، قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يىگىتنىڭ دەردلەنگەن يۈرىكى يەنە كۆيۈشكە باشلىدى...
قىزمۇ يىگىتنى يۇشۇرۇنچە ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى...
بىر كۈنى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇۋاتقان ھەممە قىز ئۆيىگە قايتتى، ئەمما يىگىتنىڭ دىلبىرى قايتمىدى. يىگىت دەرھال ياتاققا كىردى. قىز ئوت - كاۋاپ بولۇپ ياتاتتى. يىگىت شۇ ھامان قىزغا دورا ئەكىرىپ ئىچۈرگەندىن كىيىن ئۇ قىزنىڭ يېنىدىن بىر كىچە ئايرىلمىدى. ئۇياقتىن - بۇياقتىن پاراڭلىشىپ ئىككىسى قەلب سىرلىرىنى بىر - بىرسىگە ئاشكارىلىدى... www.iz.la
ئەتىسى ئەتتىگەن قىز چېچىنى تارىدى، يىگىتمۇ چېچىنى يۇيدى، ئۇ ئىككىسى چاچلىرىنى قۇرۇتۇۋاتقاننىڭ ئۈستىگە ياتاققا باشقا قىزلار كىرىپ قالدى، ھەر ئىككىسىنىڭ ھۆل چېچى مانا مەن دەپ تۇرسا ئۇلار گۇمانلانماي تۇرالايتتىمۇ...؟
جىدەل چىقتى...
يىگىتنىڭ نەۋرە سىڭلىسى يىگىت بىلەن قىزنى قۇشۇپ بىر مۇنچە ئەيىبلىدى...
قىز باشقا ياتاققا كۆچتى...
بىر كۈنى قىز يىگىتكە بىر پارچە خەت بەردى، يىگىت خەتنى شۇ ھامان ئاچتى. خەتتىن ئايرىلىش كۈيى ياڭرايتتى...

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


يىگىتنىڭ مۇھەببىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىلغانلىرى ۋە ئۇرۇنۇشلىرى پۈتۈنلەي بىكار كەتتى...
يىگىت قىزنىڭ ئۆزىدىن نىمە ئۈچۈن ئايرىلغىنىنىڭ سەۋەبىنى ھازىرغىچە بىلەلمىدى...
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئۇ يەنە لايىق ئىزدەشكە باشلىدى...
چۈنكى. ئۇ توي قىلمىسا بولمايتتى...

4
ئۇ يەنە بىر قىز بىلەن تونۇشتى...
قىزنىڭ قىپقىزىل بىر قۇر كىيىم ئىچىدە خۇددى بىر پارچە يالقۇندەك چاقناپ تۇرغان لاتاپەتلىك تۇرقى يىگىتنىڭ يۈرىكىگە بىر گۈلخاننىڭ ئوتىنى يېقىۋەتتى... ئىز تورى www.iz.la
يىگىت بىر ئاماللار بىلەن قىزنىڭ ماقۇللۇق جاۋابىنى ئالدى...
يىگىت ئاتا -ئانىسىغا ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى ئەۋەتىشنى ئېيتتى...
ئەپسۇس...
ئەلچىلەر شۇم خەۋەر ئەكەلدى...
ئەڭ ئىشەنچىلىك خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ قىزنىڭ ئانىسى گەرچە 50 ياشقا يىقىنلاپ قالغان بولسىمۇ، تېخىچە ياشلىقىدىن قالمىغان، قىزلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە چوڭ قىلغان، < نەزەر - دائىرىسى ئوچۇق... > ئايالمىش...
يىگىت بۇ خەۋەردىن گۇمانلانغان ھالدا ئۆزىمۇ باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆردى، خەۋەر راست ئىدى...

www.iz.la


ئۇ قىزدىن ئۆزىنى ئاستا - ئاستا تارتتى...
قىز ئۇنىڭ بىلەن قانچە قىلىپمۇ كۆرۈشەلمەي ئاخىرى بولدى قىلدى...
يىگىتمۇ ئۇ كۈنلەرنى بىر پارچە چۈش ئورنىدا ئۇنتۇپ كەتتى ، ئەمما قەلب دۇنياسىدا يوغان بىر تال ؟ قالدى...
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئۇ يەنە لايىق ئىزدەشكە باشلىدى...
چۈنكى ئۇ توي قىلمىسا بولمايتتى...

5
ئۇ يەنە بىر قىز بىلەن تونۇشتى...
ئۇ بوي - تۇرقى كىلىشكەن، چىرايلىق بىر قىز ئىدى...
مۇھەببەت ئۆزىنىڭ سىھرى كۈچى بىلەن ئۇلارنى بىر - بىرىگە يىقىنلاشتۇردى...
ئىز تورى بەك ياخشى

شىرىن دەملەر ئۇلارنى ئۆزىنىڭ باغرىدا ئەللەيلىتەتتى...
بىر چاغلاردا قىز يىگىتكە ئەمدى ئەلچى كىرگۈزۈشنى ئېيتتى...
يىگىت قىزغا چاقچاق قىلىپ < مەن يەنە 2 يىل توختاپ توي قىلىمەن... > دىدى...
قىز شۇ ھامان يىگىتكە گەپمۇ قىلماي يۈگۈرگىنىچە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى...
يىگىتنىڭ قىزنى چاقىرغان ئاۋازى ھاۋادا لەيلەپ قالدى...
ئەتىسى ئەتتىگەندە يىگىت قىزدىن بىر پارچە ئايرىلىش خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى...
يىگىت بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي ھەيران ئىدى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كىيىن بىلدىكى، ئۇ قىز يىگىت بىلەن يۈرۈشتىن ئىلگىرى باشقا بىر يىگىت يۈرگەن بولۇپ، ئۇ يىگىت قىزنى ئىككى يىل ساقلىتىپ بولۇپ باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلىۋالغان ئىكەن، شۇڭا قىز بۇ يىگىتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپلا بۇ يىگىتتىنمۇ گۇمانلانغان ئىكەن...
يىگىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىققىنە بىر كۆلۈپ قويدى، ئەمما يۈرىكى يىغلاۋاتاتتى...
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئۇ يەنە لايىق ئىزدەشكە باشلىدى...
چۈنكى، ئۇ توي قىلمىسا بولمايتتى...
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


6
ئۇ يەنە بىر قىز بىلەن تونۇشتى...
ئۇ قىز ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى مەھەللىدىن ئىدى. قىز بەك چىرايلىق بولۇپ، قارىغانلا كىشىنىڭ كۆزىنى يىگۈدەك دەرىجىدە لاتاپەتلىك ئىدى...
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي يىگىتنىڭ ئاتا- ئانىسى قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى ئەۋەتىپ, قىزغا چاي ئىچۈرۈپ قويدى ۋە توينى كۈزدە قىلىدىغان بولۇشتى...
يىگىت بىلەن قىز پۇرسەت بولسىلا كۆرۈشۈپ تۇردى...
ياز پەسلىنىڭ بىر كۈنى يىگىت قىز بىلەن كۆرۈشۈپ كىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەھەللىسىگە ماڭدى. يولدا ئۇنىڭ يىقىن بىر دوستى ئۇچراپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشقاندىن كىيىن قىزنىڭ ھازىر ئۆيىنىڭ يان تەرىپىدىكى قوناقلىقنىڭ بويىدا بىر ئوغۇل بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يىگىتنىڭ كۈنداشلىقى تۇتۇپ، غەزىپى مىڭ گەز ئۆرلىدى. ئۇ شۇ ھامان قىزنىڭ ئۆيى تەرەپكە ياق، قوناقلىق تەرەپكە ماڭدى...
تەڭ يولغا بارغاندا قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى - دە، ئۇنىڭدىن ئاچچىق بىلەن سورىدى:
- سەن باياتىن قوناقلىق يېنىدا پاراڭلىشىپ تۇرغان يىگىت كىم؟
-...
دىگىنە، ئۇ كىم؟
- نىمە قىلىسىز ئۇنى سوراپ؟
- نىمىشقا سورىمايتتىم، مەن سەن بىلەن توي قىلىدىغان تۇرسام؟
- ئاتا - ئانام ئالدىمنى توسمىغان يەردە سىز تېخى ئالدىراپ قاپسىز باشقۇرغىلى...!!!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


يىگىت نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى...
شۇ تاپتا ئۇنىڭ مىڭىسىنى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ھەرە يەۋاتاتتى...
ئۇ ئالدىدىكى قىزغا تازا زەن سېلىپ قارىدى- يۇ، سەسكىنىپ كەتتى، ئۇ ئاچچىقىنى زورلاپ يۇتۇپ تۇرۇپ دىدى:
- سەن خىيالىڭدا ئەمدى ئىككىمىز توي قىلىمىز دەپ ئويلاپ يۈرمە، ئىست، سەندەك بىر نىمىگە قىلغان ئىشەنچىم...
يىگىت شۇنداق دەپلا كەينىگە ياندى...
ئەتىسى ئەتتىگەن قىز تەرەپتىن ئادەم كەلدى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەمما يىگىت شۇ بىر تۇرۇۋالغانچە ئۇ قىز بىلەن قەتئىي توي قىلمايمەن دەپ ئىشنى تۈگەتتى...
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئۇ يەنە لايىق ئىزدەشكە باشلىدى...
چۈنكى، ئۇ توي قىلمىسا بولمايتتى...

7
ئۇ يەنە بىر قىز بىلەن تونۇشتى...
ئۇ قىزنى ئۇنىڭ بىر دوستى تونۇشتۇرغان ئىدى. قىزنىڭ ھۆسنى - جامالىنى بەك چىرايلىق دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ئەمما بىر خىل جەلپ قىلارلىق ئىدى...
ئۇلار 3 ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا بىر - بىرىگە شۇنداق ئىچەكىشىپ كەتتى...

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


قىز يېزا بازىرىدا تىككۈچىلىكنى ئۆگىنىۋاتاتتى، يىگىت ھەر كۈنى قىزنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا ئۈلگۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆتەر يولىدا ساقلايتتى...
ھەش - پەش دىگۈچە ئورما ۋاقتى يىقىنلاپ قالدى، يىگىت - بىلەن قىز ھەپتىدىن بېرى كۆرۈشەلمەي يۈرەتتى...
يىگىت بىر كۈنى بۇرۇنراق ئىشىنى تۈگىتىپ يېزا بازىرىغا كەلدى. ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكىنىنى ئۇقۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ قىزنىڭ كەينىدىن يېتىپ بارغاندا ئۇ قىز يىگىت بىلەن تەڭتۇش باشقا بىر ئوغۇل بالا بىلەن شۇنداق خۇشال ھالدا پاراڭلىشىپ كىتىپ باراتتى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يىگىت قىياندەك يامراپ كەلگەن ئاچچىقىنى مىڭ تەستە بېسىۋېلىپ، ئۇ قىزدىن سورىدى:
- بۇ كىم؟
قىز ئۈن - تىنسىز تۇراتتى...
ھېلىقى ئوغۇل بالا تۇرۇپلا:
-سەن كىم، بىز ئىككىمىز يۈرۈۋاتى ... - ئۇنىڭ گىپىنىڭ چالىسى ئېغىزىدىلا قالدى. چۈنكى يىگىت ئۇنىڭ ئېغىزىغا مۇشتۇمى بىلەن بىرنى سېلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى، ئۇ بالىنىڭ ئاغزى - بۇرنىدىن شۇ ھامان ئۇقتەك قان كەتتى، قىز شۇ ھامان ئۇ بالىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ بۇرنىدىن ئاققان قاننى سۈرتۈپ بولۇپ يىگىتكە ۋاقىرىدى: www.iz.la
- نىمە قىلغىنىڭىز بۇ...؟
- ماۋۇنىڭ گىپى راستمۇ يا؟
- راست...
يىگىت شۇ ھامان ئۇ قىزنىڭ يۈزىگە چاڭ - چۇڭ قىلىپ بىر نەچچە تەستەك سېلىۋەتتى - دە:
- كۆزۈمدىن يوقال رەسۋا... - دەپ توۋلاپلا كەينىگە ياندى...
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئۇ يەنە لايىق ئىزدەشكە باشلىدى...
چۈنكى، ئۇ توي قىلمىسا بولمايتتى...

8
ئۇ يەنە بىر قىز بىلەن تونۇشتى...
قىز تېخى ئەمدىلا 16 - 17 ياشلارغا كىرگەن ئىدى، ئۇ قىزنىڭ بۇغداي ئۆڭ چىرايى، كىلىشكەن تۇرقى ۋە يارىشىملىق كىيىنىشلىرى يىگىتكە بەك ياقاتتى...

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


ئۇلار يەنە شۇ مۇھەببەتنىڭ ئىللىق باغرىدا ئەركىن ياشىماقتا ئىدى...
يىگىتنىڭ ئاتا - ئانىسى قىزغا چاي ئىچۈرۈپ قويدى ۋە توينى ئەتىيازلىققا قىلىدىغان بولۇشتى...
ئەتىيازمۇ كەلدى. ئۇنى دەپ ، بۇنى دەپ توينىڭ تەييارلىقىمۇ پۈتۈپ باغاقلار تارقىتىلىپ بولۇندى...
ئەپسۇس...
ئەتە توي دىگەن كۈنى بولغۇسى كىلىنچەكنىڭ چوڭ ئاچىسى يىگىت تەرەپنىڭ ئەلچىسىنى چاقىرىپ يىگىت تەرەپكە < تويلۇق ئۈزۈكنىڭ بىر دانىسى كەم قاپتۇ، شۇنى تۇلۇقلىسۇن، بولمىسا... > دەپ دۇئايى - سالام ئەۋەتتى... www.iz.la
بۇ مۇبارەك سالامنامە قىزنىڭ ئۆيىدىن يىگىتنىڭ ئۆيىگە يىتىپ بارغۇچە چىچەكلەپ، پورەكلەپ، ئېچىلىپ ئاچچىق - چۈچۈك مىۋە بەردى...
كونىلارنىڭ < ئاچچىق ئەقىلىنى كىسىدۇ... > دىگىنىدەك يىگىت تەرەپ سالامنى ئاچچىقىدا قوبۇل قىلدى ۋە توينى قىلمايمىز دەپ قىز تەرەپكە سالام قايتۇردى...
شۇنداق قىلىپ بىر ئوبدان پۈتكەن توي ئىشى كىچىككىنە بىر ئېغىز قۇرۇق گەپ سەۋەبىدىن كۆپۈككە ئايلاندى...
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئۇ يەنە لايىق ئىزدەشكە باشلىدى...

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


چۈنكى ئۇ توي قىلمىسا بولمايتتى...

9
ئۇ يەنە بىر قىز بىلەن تونۇشتى...
قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى، ئۇنىڭ قۇياشتەك چاقناپ تۇرغان قاپقارا كۆزلىرى، پەرىزاتلاردەك گۈزەل چىرايى ۋە كىلىشكەن قەددى - قامىتى يىگىتنى بىر تونۇر ئوت ئىچىگە تاشلايتتى...
يىگىت قىزنىڭ پىراقىدا خۇددى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىناتتى...
قىز يىگىت بىلەن ھەر بىر كۆرۈشكەندە ھەر بىر ئېغىز سۆزى، تاتلىق كۈلۈشلىرى ۋە ئۇماق كۈلكىسى بىلەن يىگىتنىڭ جېنىنى سىلكىپ - سىلكىپ قۇيۇپ بىرەتتى...
www.iz.la

يىگىت بىر كۈنى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئېرىق بويىدا سۇغا نان چۆكۈرۈپ يەپ ئولتۇراتتى. بىر چاغلاردا قىزچوڭ ئۆيى تەرەپتىن كەلدى ۋە يىگىت بىلەن سالاملىشىپ بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇردى...
شۇ ئارىلىقتا يىگىتنىڭ قولىدىكى ناندىن تىرناقچىلىك ئۇۋاق يەرگە چۈشۈپ كەتتى. يىگىت شۇ ھامان ئۇۋاقنى قولىغا ئېلىپ پۈۋلىۋەتكەندىن كىيىن ئاغزىغا سالدى...
بۇنى كۆرگەن قىز قاقاھلاپ كۈلۈۋەتتى...
يىگىت قىزغا سوئال نەزەرى بىلەن تىكىلدى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قىز يىگىتكە:
- غەلىتە قىلىقىڭىز باركەن، خۇددى قەلەندەردەك...
يىگىتنىڭ پۈتكۈل تۇمۇرىدىكى قانلىرى يىغىلىپ كىلىپ مىڭىسىگە زەرب بىلەن سوقۇلدى...
ئۇ ئويلاپ قالدى:
< ئۆزى دېھقان بالىسى تۇرۇپ ناننى قەدىرلىمىگەن ئادەم بىلەن كىيىنچە قانداقمۇ بىر ئۆينى تۇتۇپ ئولتۇرغىلى بولسۇن، بولدىلا... >
يىگىت شۇ ھامان قىزغا ئايرىلىش ئويىنى ئېيتتى...
قىز تەئەججۇپلۇق خىيالار ئىلكىدە ئۆيىگە راۋان بولدى...

copyright by www.iz.la


ئەنە شۇ كىچىككىنە نان ئۇۋىقى سەۋەبلىك ئۇلار ئايرىلىپ كىتىشتى...
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئۇ يەنە لايىق ئىزدەشكە باشلىدى...
چۈنكى ئۇ توي قىلمىسا بولمايتتى...

10
ئۇ يەنە بىر قىز بىلەن تونۇشتى...
بۇ قىزمۇ خېلى - خېلى گۈزەللەردىن ئىدى...
ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەشكە قەلەم، ئىپادىلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلاتتى...
ئۇ گوياكى رىۋايەتلەردىكى پەرىزاتنىڭ ئۆزى ئىدى...
ئۇ قىزنىڭ كەمتەرلىكى، خۇشخۇيلۇقى ۋە ئۇماقلىقى ھەر قانداق كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى... ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇلار تۇنۇشۇپ ساق ئۈچ ئايدىن كىيىن يىگىت زور غەيرەتلەر بىلەن قىزغا تەلەپ قويدى...
كۈتۈش...
ئاخرى قىزدىن جاۋاب كەلدى...
ئەپسۇس...
قىز ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇ يىگىت توي قىلىپ بولغىچە قەتئىي توي قىلمايدىغانلىقىنى، توي قىلغان ھالەتتىمۇ بولغۇسى يولدىشى بىلەن قەتئىي مۇھەببەتلەشمەيدىغانلىقىنى... دەپ يىگىتنىڭ كۆز قارىشى، ئوي - پىكرى ۋە ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك خېلىلا ۋەزنى بار گەپ - سۆزلەرنى قىلغان ئىدى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يىگىت ئاخىرى قىزغا غايىبانە ھالدا پىچىرلىدى:
بەختلىك بول، قىزچاق...
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئۇ يەنە لايىق ئىزدەشكە باشلىدى...
چۈنكى ئۇ توي قىلمىسا بولمايتتى...

11
ئۇ يەنە بىر قىز بىلەن تونۇشتى...
بۇ قىزنى ئۇنىڭغا دوستلىرى تۇنۇشتۇردى، قىز خېلى يامان ئەمەس ئىدى...
ئۇلار تۇنۇشۇپ، ئارىدىن ئىككى ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندە يىگىت قىزغا تەلەپ قويدى...
ئەمما قىز يىگىتكە جاۋاب بەرمەيۋاتاتتى... ئىز تورى www.iz.la
يىگىت جاۋابىنى سۈيلىگەنسىرى قىز قانداقتۇر بىر خىل تەڭلىكتە قالغاندەك ئىدى...
بىر كۈنى يىگىت قىزنى خالىي بىر جايغا چاقىرتتى...
قىز نىمىشقىدۇر يىگىتكە ئۇدۇل قارىيالمايتتى...
يىگىت سوراۋەرگەنسىرى قىز ئاخىرى:
< مەن تۇنجى قېتىم يۈرگەن يىگىت مىنى ئالداپ ئىپپىتىمگە چېقىلغان، مەن شۇنىڭدىن باشلاپ ھېچكىمنىڭ تەلىپىگە قۇشۇلمىغان ھەم سەۋەبىنىمۇ دىمىگەن، مانا ئەمدىلىكتە سىزنىڭ سەمىمىيلىكىڭىز ئالدىدا ھەممىنى دىيىشكە مەجبۇر بولدۇم...> دىدى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قىزنىڭ كۆزىدە ياش تامچىلىرى لىغىرلاپ قالغان ئىدى...
بۇ ئۇنىڭ پۇشايمان يېشىمۇ ياكى دەرد - ئەلەمدىن مۇجۇلغان يۈرىكىنىڭ دەردلىك يېشىمۇ بىلگىلى بولمايتتى...
قىز شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپلا يۈگۈرگىنىچە كىتىپ قالدى...
يىگىت تېخىچە خىيال قوينىدا ئىدى...
ئۇ شۇ تاپتا ئاشۇ ۋىجدانسىز يىگىتكە لەنەت ياغدۇرۇۋاتامدۇ ياكى قىزنىڭ شورلۇق تەقدىرىگە ئىچ ئاغرىتىۋاتامدۇ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاۋاتامدۇ، بىلگىلى بولمايتتى...

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


يىگىت ئۇ قىزنى شۇنىڭدىن تارتىپ ھېچيەردە ئۇچرىتالمىدى، قىز گوياكى بۇ دۇنيادىن پۈتۈنلەي غايىب بولغاندەك شەپىسىزلا يوقالغان ئىدى...
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئۇ يەنە لايىق ئىزدەشكە باشلىدى...
چۈنكى، ئۇ توي قىلمىسا بولمايتتى...

12
ئۇ يەنە بىر قىز بىلەن تونۇشتى...
بۇ قىزمۇ باشتىكى قىزلارغا ئوخشاشلا چىرايلىقلاردىن ئىدى، ئۇنىڭ كىلىشكەن قەددى - قامىتى، يارىشىملىق كىيىنىشلىرى ۋە بىر خىل تەمكىن سالاپىتى يىگىتنىڭ يۈرىكىگە ئوت يېقىۋەتكەن ئىدى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يىگىت بىلەن قىز باشتا خېلى تارتىنىشىپ يۈرۈشتى...
بارا- بارا ئۇلار خېلى يىقىن دوستلاردىن بولۇپ قېلىشتى...
قىزنىڭ ئۆيى قوشنا يېزىدا بولۇپ، ئۆزى ۋىلايەتلىك پىداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتاتتى ۋە ھازىر ئۆيى يېنىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە پىراكتىكا قىلىۋاتاتتى...
ئۇلار تۇنۇشۇپ ئىككى ئايدىن كىيىن قىز پىراكتىكىسىنى تۈگىتىپ مەكتىپىگە ماڭدى...
يىگىت شۇ ئارىدا راۋۇرۇس ئويلانغاندىن كىيىن قىزغا تەلەپ قويدى...
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

قىزنىڭ جاۋاب خېتى كەلدى...
ئەمما قىز ئۆزىنىڭ ئاتىسىدىن 4 يېشىدا، ئانىسىدىن 12 يېشىدا يىتىم قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ناھىيىلىك يىتىم بالىلار مەكتىپىدە ئوقۇپ مۇشۇنچىلىك بولغانلىقىنى ، ۋە دۇنيالىقتىكى بىر تاللا ھەدىسىنىڭ ئۆزىنى دەپ ئالەمچە جاپا تارتقانلىقىنى، يەنە كىلىپ ئۆزىنىڭ توي ئىشىنى دادىسىنىڭ ئىنىسى بىر قوللۇق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەم ئۆزىنىڭ ھازىر بىللە ئوقۇۋاتقان بىر ساۋاقدىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، شۇڭا يىگىت بىلەن ئاكا -سىڭىلدەك ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى...

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


يىگىت خەتنى ئوقۇپ بولۇپ ئۇلۇغ - كىچىك تىنىۋەتتى...
ئۇنىڭ بۇ تىنىقىغا ئالەمچە دەرد يۇشۇرۇنغان ئىدى...
ئۇ خەتنى ئۈستەل ئۈستىدە قويغاندىن كىيىن يەنە ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلىدى:
- مەن نىمانچىۋالا تەلەيسىزدۇرمەن...؟؟؟
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئۇ يەنە لايىق ئىزدەشكە باشلىدى...
چۈنكى، ئۇ توي قىلمىسا بولمايتتى...

13
يىگىت مۇھەببەتتىن ئۈمىد ئۈزۈپ يۈرگەن ئاشۇ كۈنلەردە يەنە بىر قىز ئۇنىڭ تىپ - تنچ تۇرغان كۆڭۈل ئۆيىگە شەپىسىزلا كىرىپ كەلدى...
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

يىگىتنىڭ قەلب دالاسى بىر دەمدىلا خۇددى كەلكۈن كەلگەندەك داۋالغۇپ كەتتى...
يىگىت بۇ قىزنى بىر نەچچە كۈندىلا ئاجايىپ ياخشى كۆرۈپ قالدى...
يىگىت ئۇ قىزنى بىرەر كۈن كۆرمىسە زادىلا چىدىيالمايتتى...
ئەمما قىز ئۇنىڭ روھىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ بولۇپ يىگىتنى چېكى كۆرۈنمەس ئازاب دەرياسىغا تەلتۆكۈس غەرق قىلىۋېتىپ شەپىسىزلا يوقالدى...
دەرد - ئازاب ئىچىدە نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان بۇ يىگىت ھەر كۈنى، ھەر مىنۇت ھەتتا دەقىقە ئارام ئالماي ئېچىنىشلىق ھالدا زار - زار يىغلايتتى... تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ياق، ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆز باغرىدىن دەريا - دەريا قان ئاققۇزۇپ تىتىلىپ - تىتىلىپ يىغلايتتى...

خاتىمە
مۇھەببەتتىن تەلىيى كەلمىگەن بۇ بەختسىز يىگىت كۈنلەر ئۆتكەنسىرى شۇ كۈنلەرنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئاچچىق ئەسلىمىلىرىنى ئاستا- ئاستا ئۇنتۇشقا باشلىدى...
ئەمما ئۇ توي قىلىشقا بەكلا ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدى...
ئۇ تېخى دوستلىرى يىغىلىشىپ قالغان بەزى چاغلاردا تۇرۇپلا < توي قىلسام بولاتتى... > دەپ قوياتتى... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بۇ ئۇنىڭ چىن دىلىدىن چىقىرىپ دىگەن گىپىمۇ ياكى، چاقچىقىمۇ ئۇنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى...
ياخشىكەن
(15)
83.3%
ئالقىشلايمەن
(3)
16.7%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • @@بىر بويتاق يىگىتنىڭ مۇھەببەتتىكى كونا - يىڭى كەچمىشلىرى@@

    123...

  • تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،

    تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ، ياشاپ كەلدىم ئۈنسىز ياش تۈكۈپ. كۈرۈشۈشنى ئىستەپ سەن بىلەن، قاچانغىچە ياشايمەن كۈتۈپ. تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ، ياشاپ كەلدىم سەندىن ساداسىز. كەلگەن ئىدۇق شۇنچە يىراقتىن، بۇپ قالمايلى ئەمدى ۋاپاسىز. تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،...

  • سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ(ئابىدە)

    ئۆخشار ئىدىم قاينام بۇلاققا، ئۆخشاپ قالدىم ئوكيان دىڭىزغا، شۇنداق تىنىچ ياشىدىم نىمىشقا؟ سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ. يۇلتۇزلا گەر تۇرسىمۇ ماراپ، ئۆتەر كۇنۇم ئايغىلا قاراپ. بۇ ھالىم ساڭا قالارمۇ ياراپ. يۇرىكىم بۇچۇق، دەرتلىرىڭ تالاپ. ئۇيىلىمەن تىكىلىپ قا...

  • ئازاپلىق ئىكەن يۇشۇرۇن كۈيۈش

    ئازاپلىق ئىكەن يۇشۇرۇن كۈيۈش...

  • قىزنىڭ قولىدىكى بىر دەستە گۈل

    مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز تەتىلدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبقا ئوينىغىلى بېرىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى جەنۇبتا بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن پۇلدار مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشلەر ئىكەن. قىز ئۇ يەرگە بېرىپ شۇنچىلىك خۇشال - خۇرام ۋە بەختىيار ئو...

  • ئۇنتۇش

    ئۇنتۇش سۆيۈشنىڭ ئاخىرقى مەھشەر كۈنىدەك، ئېڭرايدۇ ئاچلىقتىن نېمجان بۇلاقلار. قىز-يىگىت چاڭ سالماس ئەمدى بۇ يەردە، يوقالدى باغلاردىن يېشىل ياپراقلار. بۇ كىچە بۇ ئالەم شۇنچىلىك سوغۇق، تەنھالىق ھاياتنى قاناتتى يەنە. ئەتىرگۈل رەڭگىدىن سۇسلاشتى بۇ دەم، خوش!دېدۇ...

  • ئابدىكىرەم (لىرىكا )

    مۇھەببەت...

  • ياخشى كۆرۇش بىلەن سۆيۇشنىڭ پەرقى

    ياخشى كۆرۇش-سىز قارشى تەرەپ بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت ئالاقىلەشمەي،بىر كۇنى توساتتىن ئۇنىڭ تىلفۇنىنى ئالغان چاغدا كۇلۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىمالال پاراڭلىشالايسىز. سۆيۇش-قارشى تەرەپ بىلەن بىرنەچچە كۇن ئالاقىلەشمىسڭىز ،تاقەتسىزلىك بىلەن تىلغۇن ئۇرىسىز،ئۇنىڭ ئاۋازىن...

  • مۇھەببەت ھەققىدە ئېسىل تەرمىلەر

    *مۇھەببەتشېرىن-شېكەرسۆزلەربىلەنتولغانبولىدۇ.ئەممابۇسۆزلەرباشقابىرمۇھ...

  • ئەڭ گۇزەل مۇھەببەت سۆزلىرى

    ئەڭگۇزەلمۇھەببەتسۆزلىرى 1ئالدىرىماڭ،ئەڭياخشىسىدائىمدىققەتسىزلىكتىنكىلىپ...