1. قولۇڭدىن ياخشىلىق كەلمىسە ، يامانلىق قىلىشتىن بولسىمۇ قاچ ! ئەگەر ئاغزىڭدىن ياخشى سۆز چىقمىسا ، ھېچبولمىغاندا تىلىڭنى بوھتان ۋە غەيۋەت بىلەن بۇلغاشتىن ساقلا !
2. ئۈچ خىسلەتكە يەتمەك ئەڭ ياخشىدۇر : بىرىنچى، ساڭا زۇلۇم قىلغان كىشىنى كەچۈرمەك ؛ ئىككىنچى ، ساڭا يامانلىق قىلغان كىشىنى يامانلاپ يۈرۈشتىن ساقلانماق ؛ ئۈچۈنچى ، يامانلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلماق .
3. ئەي بۇرادەر بىلگىنكى ، ئويلىماي سۆزلەشتىن كۆڭۈلگە ئازار يىتىدۇ ، جىملىق ۋە ئېغىر بېسىقلىقتىن ھېچكىمگە ئازار يەتمەيدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
4. ئۆز غېمىنى ئۆزى قىلمىغان ئادەم ئاخىرى خارلىقتا قالىدۇ .
5. ئىشقا كىرىشىش ئويلۇنۇپ ئولتۇرغاندىن ياخشى ، غەپلەتتە قېلىش بولسا كۈچلۈك دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندىنمۇ يامان .
6. ھۇشيار ئادەم شۇنداق بولىدۇكى قولىدا بارىنى دىققەت بىلەن ساقلايدۇ . بۈگۈنكى ئشنى ئەتىگە قالدۇرمايدۇ . يىگىت يىگىتتىن نىمىسى بىلەن ئارتۇق ؟ - ھۇشيارلىقى بىلەن .
7. ئاجىزلارنىڭ قۇرالى - شىكايەت .
8. كىمىكى ئەقىلسىز ۋە يەڭگىلتەك بولسا ، ئويلىماي سۆزلەشتە دادىل بولىدۇ . تىلىڭنى سۈكۈتكە يار قىلساڭ ، غەم ئاستىدا خار بولمايسەن !
9. ئىككى يۈزلىمىچى دوستتىن قاتىل دۈشمەن ياخشى .
10. ئادەم قىلىمەن دىگەن ھەممە ئىشىنى قىلالايدۇ لىكىن ئېرشىمەن دىگەن ھەممە نەرسىسىگە ئېرشەلمەيدۇ . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
11. سەن بىرسىنى چۇشەنمەكچى بولساڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تارتىۋاتقان دەرت - ئەلىمى ۋە ئېرىشكەن خۇشاللىقىنى ئۇقۇپ باق !
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن