تىل ئەخلاقى توغرىسىدا

ۋاقتى:2010-06-20 12:12مەنبە: يوللىغۇچى:ئېلى چېكىلىشى:قىتىم
  

 

زامانىمىزدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «قاتلاملىق ئېستېتىكا» ناملىق كىتاۋىدا تىل ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: »تىل __ تەلەپپۇز مەدەنىيىتىنى، تىل مەنە بايلىقى __ تىلغا يېغىنچاقلانغان ئەقلىي كامالەت مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە يانداشتۇرۇپ قالماستىن، يەنە تىلنىڭ ئەخلاقىي مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە شەرت قىلىدۇ. تىل ئەخلاقى ھەر بىر شەخىسنىڭ ۋە مىللەتنىڭ كامالىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
   ھەر بىر كىشى  ئۈچۈن ئۇنىڭ تىل ئەخلاقىنىڭ قانداق بولىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن تەغدىر بېكىتىدۇر. ئوخشاشلا، تىل بوستانىدا ئەقىل مېۋىلىرى يېتىشتۈرەلىگەن مىللەت بىلەن تىل قورالىدىن يانغىن چاچراتقان مىللەتنىڭ تەغدىر _ قىسمىتىمۇ تامامەن باشقا _ باشقىچە بولىدۇ.» ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  دەرۋەقە، «تىل ئەخلاقى ماھىيەتتە قەلب ئەخلاقىدىن ئىبارەت » بولۇپ، تىل ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئەخلاقىغا باھا بېرىش مۈمكىن.
  بىزگە مەلۇمكى، بىزنىڭ تىلىمىز، ئانا تىلىمىز مېھرىبان ئانىلارنىڭ ياردىمىدە چىقىدۇ. بىز تۇنجى تاۋۇشنى، تۇنجى تىل تەلەپپۇزىنى ئانىلار ئارقىلىق ئۈگۈنىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن تىل دەرسى بېرىدىغان تۇنجى ئۇستاز بولغان ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئەخلاقىنىڭ يېتىلىشىدىكى رولى ئىنتايىن زور.
  ئاز سۆزلەش، ئەمما ساز سۆزلەش كىشىنىڭ ئەقىللىقلىقىگە دەلىلدۇر. ئەقلىنىڭ ئاز ياكى كۆپلىكى بىلەن كىشىلەر بىر _ بىرىدىن پەرقلىنۇر. كىشى ئۆزىنى بىلسە، قەدىر - قىممىتىنى تونۇسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇر. ئەخمەق كىشى ئۆزىنى تۇتۇشنى بڭلمەس. ئەقىللىقلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىلىرى ئادەملەرنىڭ باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى بىلىشىدە، يۈرۈش - تۇرۇشىدا، ئۆزگىلەرگە ئۈلگە بولالىشىدا،ھەممىگە ياقالايدىغانلىقىدا، بىلىمدانلىقىدا نامايان بولۇر.

ئىز تورى www.iz.la

  __ ھەي ئەزىزىم، سەن قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى ئاۋال ئەقلىڭگە ھاۋالە قىل، ئەقلىڭ ئىجازەت بەرسە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىش. ئۆزىنى ئۆزى قاتتىق سۆيگەن، يەنى ئۆزىگە بىنا قويغان كىشىدە ئەقىل بولماس.
  سۆزلەش ئەدەپلىرى شۇنداقكى، سۆز ئاز سۆزلەنسۇن،چۈنكى ۋات - ۋاتلىق تەنتەكلىكنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى.
  گەپنى ئۇزۇن قىلما،ئويلىماي سۆزلىمە، بىر سۆزنى كۆپ تەكرارلىما، باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلمە، سۆزلەۋاتقاندا ئاۋازىڭنى ئۇتتۇرىچە قىل، بىر كىم سېنىڭدىن سۆزنى مەخپى تۇتسا ئۇنى بىلىشكە زورلۇق قىلما. رست سۆزلە، ھەق سۆزنى يالغانغا چىقارما، ئورۇنسىز سۆزلىمە، سۆزنى ئەقلىڭگە يارىشا سۆزلە، سۆزلەۋاتقاندا پۇت - قوللىرىڭنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىل، پايدىسىز سۆزلەرنى قىلما، چېقىمچىنى ئولتۇرۇشقا چېللىما!
www.iz.la

  تىل دىلنىڭ ئەلچىسى بولغاچقا، ئېغىزىمىزدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر سۆز كىشىلىك خارەكتىرىمىز ھەم ئەخلاقىي تەربىيىلىنىشىمىزدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرىدۇ.
  بىزدە ئەزەلدىن ئاممىۋى سورۇن ئەىلاقى بار ئىدى. بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردىكى تىل ئەخلاقى بەكرەك تەكىتلىنەتتى. قايسى ۋابا تەگدىكىن تاڭ، تىل سەنئىتىمىز ئەسلىي قىياپىتىنى يوقۇتىشقا قاراپ يۈزلەنگەندىن بۇيان، كىشىلىرىمىزنىڭ خارەكتېر ئالاھىدىلىكىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىللەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئاتا - بوۋىلار توغرا ئېيتقانىكەن : « تىل دىلنىڭ ئەينىكى ». ئىز تورى www.iz.la

مەنبە : قىز - ئاياللار ئەخلاقى ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئاياللار ۋە مۇھەببەت ھەققىدە ھېكىمەت

    ...

  • بىز ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك كۈن قايسى؟ 

    ھەممىمىزگە مەلۇم،ئادەم ھاياتىدا قانچە كۈننى باشتىن كەچۈرىدۇ؟دىگەن سۇئالغا:تۈنۈگۈن،بۈگۈن،ئەتە،دەپ جاۋاپ بېرىمىز.ئۈچ كۈن ئىچىدە قايسى كۈن ئەڭ مۇھىم ؟دىگەن سۇئالغا:بۈگۈن ئەڭ مۇھىم ،دەپ جاۋاپ بېرىمىز.چۈنكى تۈنۈگۈن ئەسلىمە بۇلۇپ قالىدۇ،ئەتىنى پەرەز قىلىش ئاسان...

  • ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ خىسلىتى

    ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ خىسلىتى بەش نەرسە ئەقىللىق ئادەمىنىڭ خىسلىتىدۇر : قولدىن كەتكەن نەرسىگە ئېچىنىپ ئولتۇر ماسلىق ، ئەمگەكىتىن قورقىماسلىق ،ھاكاۋۇر بولماسلىق ،قولدىن كەلمەيدىغان ئىشقا كىر شمەسلىك ۋە قولغا كەلتۈرەلمىگە ن نەر سىسىگە قايغۇرماسلىق. ئالتە نەر...

  • پەزىلەتلىك ئادەم بۇلاي دېسىەڭ

    ئەي ئۇغلۇم پەزىلەتلىك ئادەم بۇلاي ،دۇنيادا ھەقىقى ئىنساندەك ياشاييي دېسەڭ ، كۆڭلۈڭنى ھەسەتتىن ،تىلىڭنى يالغان بىلەن غەيۋەتتىن ،قىلغان ياخشى ئىشىڭنى مننەتتىن ،نەپىسىڭنى ھارامدىن پاك تۇت. بۇ تۆت ئىش تۈۋەندىكى تۆت ئىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ- ھەسەت بىئاراملىق قوز...

  • تۇرمۇش تەجىربىلىرى

    * بىر ئادەمنى چۈشۈنىش ئۇنچىۋىلا ئاسان ئەمەس . * پەقەت باشقىلارغا چىن مەنىدە نەزىرىمىزنى بىرەلسەك ئاندىن ھەققى بىر نەرسىگە ئېرشەلەيمىز. *تۆت ئەتىراپىغا ئەركەكتەك قاراپ ، زىددىيەت قوينىدا ئۇۋلىنىپ كەتمەسلىككە ماغدۇرى يەتمىسە ئۇ چۇقۇمكى ،تۇلۇق ھەقىقەت ئەمەس....

  • كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش ھەققىدە ھېكىمەتلەر

    كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇشقا دائىر ھېكىمەتلەردىن ئۈزۈندىلەر...

  • ئۇقۇپ قۇيۇڭ!!!

    *ئىنسانلار دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ ،تەن بىلەن روھنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنىڭ ئاجرالماس ئىككى تەرىپى بۇلۇپ كەلدى، شۇنداقلا ئۆزئارا ھەمكارلىقتا تۇردى. *ئىنسانلارنىڭ مۇھىتقا نىسبەتەن قىلغان ئىسلاھاتىنى مەدىنىيەت دەيمىز. * ئاچچىقلىنىش بىر ئادەمنى ياكى بىر خىل م...

  • قىز-يىگىتلەر ئوقۇپ كۆرۈڭلار

    قىز -يىگىتلەرنىڭ پەرقى...

  • پىشىپ يىتىلىش

           بىراۋنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدىنىلا ئەمەس ، بەلكى ئادەت خاراكتېرىدىنمۇ مەلۇم بولىدۇ. ماددىنىڭ ئېغىرلىقى ئۇنىڭدىكى قىممەتلىك مېتاللارنىڭ سىمۋولىدۇر؛ئەخلاقنىڭ سالمىقى دانالارنىڭ سىمۋولىدۇر.پىشىپ يېتىلىش بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى تىخ...

  • ئەۋليا سۈپەت ئادەم بول

          بۇ گەپ ھەممىدىن مۇھىم . گۈزەل ئەخلاق بەخىتنىڭ يۈرىكىدۇر. ئۇ سېنى ئېھتىياتچان ، سەزگۈر ،چىچەن ئىش ئۇقىدىغان ، پاراسەتلىك ،قەيسەر، سەمىمىي ،ساداقەتمەن، شادىمان ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ، ھەقىقەتچىل ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ... قىسقىسى ، سېنى كەم –كۈتسىز ئەزىمەت...