بوسۇغاڭدىن مال كۆزلەپ ئاتلىغانلار دوست ئەمەس.
ياندا پۇلۇڭ بارىدا، جان دوستۇم دەپ ئەركىلەپ،
كۈن چۈشكەندە بېشىڭغا تاشلىغانلار دوست ئەمەس.
ۋاي دەپ قويۇپ ئالدىڭدا، لېكىن سېنىڭ ئارقاڭدىن،
غەلۋىرىدە غەيۋەتنى تاسقىغانلار دوست ئەمەس.
خامىنىڭغا ئوت كەتسە، خوشال بولۇپ كۆڭلىدە،
بىر چېلەك سۇ كۆتۈرۈپ چاچمىغانلار دوست ئەمەس.
قاراڭغۇدا تېنىسەڭ، ئېزىتقۇلار سېھرىدىن،
يوللىرىڭغا شام – چىراق ياقمىغانلار دوست ئەمەس.
ھايات مۈشكۈل بىر سەپەر، داۋانلىرى كۆپ ئۇنىڭ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇ داۋاندا قولۇڭنى تارتمىغانلار دوست ئەمەس.