كەڭ قورساق بولۇڭ
ھەرقانداق ئادەم باشقىلارنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ، شۇنداقلا پات ئارىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىلىشكە ئامالسىز بولغاچقا ، بىزنىڭ باشقىلارغا ھۆكۈم قىلىشىمىز ھەمىشە توغرا بولمايدۇ .
بىزنىڭ ئەڭ ئاساسىي سادىر قىلىدىغان خاتالىقىمىز ، باشقىلارنى يەڭگىللىك بىلەن ياخشى ئادەم ياكى يامان ئادەم ، ئەخمەق ياكى ئاق كۈڭۈل دەپ باھا بېرىش ئادەم دەريا ئېقىنلىرىغا ئوخشاش تىنماي ھەركەت قىلىپ ، ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ . ئادەم ھەرگىزمۇ ھەركۈنى بىرخىل قىياپەتتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرمايدۇ ، ئادەمدە ھەرخىل ئېھتىماللىقلار مەۋجۈت ، ئەخمەقلەر ئەقىللىق بولۇپ قېلىشى مۈمكىن ، يامان نىيەتتىكى ئادەم ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۈمكىن ، بۇلارنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قېلىشمۇ مۈمكىن . بۇ دەل ئادەمنىڭ ئۇلۇغلىغىدۇر . شۇڭا بىز ھۈكۈم قىلىۋاتقان چېغىمىزدا بەلكىم ئۇ باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ بولغان بولۇشى مۈمكىن . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەن تۈزۈمنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئالا كۈڭۈل ئەمەس ، بەلكى ئاق كۈڭۈل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن ، شۇنداقلا باشقا ھەممە ئادەممۇ ئۈزلىرىنىڭ شۇنداق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ . بىزنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغان ئىشلىرىنى چۈشەنمىكىمىز بەسى مۈشكۈل بولغاچقا ، باشقىلارغا كەڭ قۇرساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ .