ئۇيغۇر خەلىق ماقال- تەمسىلىرى
ئوملۇك -ئىناقلىق توغرىسىدا
يىغىۋالمىغىچە ئەل بولماس ، چىگىۋالمىغىچە بەل.
سەنلىسە سىزلە ،تاشلىسا ئىزدە .
چىش تىلنى چىشلىسىمۇ ،تىلدىن ئايرىلالماس .
تىل بىرلىكىنى كۇتمە، دىل بىرلىكىنى كۇت.
بىر قولدىن چاۋاك چىقماس ،پۇختا ئېشتىن كاۋاك.
بىر ئىت قاۋىسا ھەممە ئىت تەڭ قاۋار.
بۇلبۇل گۇللۇكتە ياشنار ، ئەل ئوملۇكتە .
ئەلگە ياققىنىڭ خۇداغا ياققىنىڭ .
ئىز تورى www.iz.la
ئەلدىن قالغان ئەر ئەمەس.
ئالتۇن بولسىمۇ مۇنچاققا ئېتىياجى چۇشەر.
ئاچ قالساڭ قال كۆپتىن قالما .
ئادەم كۆپى بىلەن ياشار ،مال چۇپى بىلەن.
ئاتاڭنى ئۆلتۇرگەنگە ئاناڭىنى بەر.
ئايرىلغاننىڭ ئەيبى بار ، بىرلەشكەننىڭ كۇچى بار.