11. كىچەيۇ-كۈندۈز مېھنەت بىلەن بولۇپ، ئۆز ئابرويىنى ساقلىسا، مۇنداق كىشى ئەلدىن ئازار كۆرمەيدۇ، ھېچ زامان خار بولمايدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
12. پەسەندىلەرگە ھەرگىزمۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتمە، ئۇنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويىسەن. قوپاللىق قىل، ئىتائەت قىلىپ باش ئەگكەن ھالدا ئالدىڭغا كىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، تۆمۈرنى پەقەت ئوتلا يۇمشىتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا پۈتۈن دېڭىز سۈيىنى قۇيساڭمۇ يۇمشىمايدۇ. ئىز تورى www.iz.la
13. ئەگەر سەن سۈيۈڭنى 《ئەخلەت چۈشكەن》 دەپ ئىچمىسەڭ، ئۇسسۇز قالىسەن. قانداق كىشىنىڭ سۈيىنىڭ ھەممىسى ساپ بولغان؟ يەنە قانداق كىشىنىڭ ھەممە ئىشى دۇرۇس دەپ قارالغان؟ كىشىنىڭ ئەيىپلىرىنىڭ سانالغانلىقى ئاشۇ كىشىنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىدۇر:
ھەرقانداق كېسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
14. نەپس شۇنداق بالادۇركى، ئەگەر ئەقىل ئۇنىڭغا شاھلىق قىلالمىسا، ئۇ ئادەمنى ئىتتىنمۇ پەسلەشتۈرۋېتىدۇ. خۇدا، نەپس بالاسىدىن ساقلىغايسەن.!!!
15. بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەمىنى قايتا-قايتا تېتىپ كۆردۈم.لېكىن، مەن تېتىغان نەرسىلەر ئىچىدە گادايلىقتىنمۇ تەمى ئاچچىق نەرسە يوقكەن. مېنى قايغۇغا سالغان نەرسىلەر ئىچىدە دۈشمەننىڭ شادلىقىدىن باشقىسنى تاپالمىدىم.
16. ئالىم شاگىرتلىرىغا ئىلىم ئۆگەتكەندە، غەرەزدىن خالىي بولۇپ، ئۇلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل قاراتسا، زامان ئەھلى نەزىرى تار موللىلاردىن قۇتۇلىدۇ.
17. ئىلىم-مەرىپەتنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمىغان جايدا مەرىپەت ئەھلى شۆھرىتى يوقىلىپ، خارۇ-زارلىققا يۈزلىنىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
18. غەپلەتتە دائىم ئۇخلىماق- يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
19. كىشلەرنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى دائىم ھەجۋىي قىلىدىغان كىشى پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ھەجۋىي بىلەن يارا قىلىدىغانلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ ھەجۋىيسىگە تۈكۈرمەك كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
20. ياخشىلىققا يات، مال-دۇنياغا مايىل بولۇپ، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆزىگە سۈرتۈپ ئۆتكەن غېنىلەر ياخشى يولدا مېڭىشتىن باش تارتقان جىنايەتكارلاردۇر. ئۆز مېلىدىن ئۆشرە-زاكات ئايرىمىغان بايلار خىيانەتكارلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ قولىدىكى مال ئامانەتدارنىڭ قولىدىكى مالغا ئوخشاش ئۆزىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار ئۆلىدۇ. مېلى قالىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!