ئادەم بولساڭ مۇنۇ 10 ئىشنى قىلما!ئۆزەڭدىن چوڭ ، مويسىپىت ، بۈيۈك ئادەملەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلما ۋە ئۇلار ئېيتىشما . ئۆزەڭدىن ئاجىزلارغا، ئورنى تۈۋەنلەرگە ، خىزمەتكارلارغا زۇلۇم قىلما . ھەسەتخور ، كۆزى كىچىك ، كۆڭلى تار ، چىدىماس ئادەملەر بىلەن سۈپەتداش بولما . بېخىل بىلەن، ئەخلاقسىز بىلەن، نامى يامان كىشى بىلەن سۆھبەتداش بولما .نادان، جاھىللار بىلەن، پادىشاھنىڭ ئايغاقچىلىرى بىلەن مۇنازىرلەشمە. ئەقىدىسىز، تۇراقسىز كىشى بىلەن دوست بولما . تاماخور، يالغانچى بىلەن ئېلىم - بېرىم مۇئامىلە قىلما .ئۇرۇشقاق ، جىدەلخورلار بىلەن ئۈلپەت بولما . ئەمەلدارلار، ئاياللار سۆھبىتىدە كۆپ ئولتۇرما .گۇناھلىرىڭنى، مەخپى سىرىڭنى ئۆزگە كىشىگە ئېيىتما .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مەنبە ؛ ‹‹ دانىشمەنلەر ھېكمەتلىرى
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!