قان تىپى بىلەن ساغلاملىقنىڭ مۇناسىۋىتى تېببىي ساھەدىكىلەرنىڭ ئىزچىل تۈردە قىزىقىپ كېلىۋاتقان تېمىسى . يېقىندا بىرقىسىم قان تىپىنى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدىن ئوخشىمىغان قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئوخشىمىغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىغانلىقى بايقالدى . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
" ئو " قان تىپىدىكىلەر __________ بۇ خىل قان تىپىدىكىلەر كۆپىنچە قاناشچان ئاشقازان - ئۈچەي كېسەللىكى ، 12 بارماق ئۈچەي كېسەللىكگە گىرىپتار بولىدۇ . ئادەتتە 12 بارماق ئۈچەي كېسەللىكگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىچىدە " ئو " قان تىپىدىكىلەر باشقا قان تېپىدىكىلەردىن كۆپ بولىدىكەن . بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلارنى " ئا " قان تىپىدىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا نىسبىتى 30 پىرسەنىت يۇقرى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇنىڭدىن باشقا " ئو " قان تىپىدىكىلەر كۆپىنچە يۈرەك - قان تۇمۇر كېسەللىكىگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن . ئىز تورى www.iz.la
" ئا " قان تىپىدىكىلەر ___________ بۇ خىل قان تىپىدىكىلەر كۆپىنچە نەپەس يولى سېستىمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ . " ئا " قان تىپىدىكى نۇرغۇن كىشىلەردە يەنە ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ نېرۋا خارەكتېرلىك توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش كۆپرەك ئۇچرايدۇ . ئاق قان كېسەللىكى بۇ قان تىپىدىكىلەردە ئاز كۆرۈلىدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
" ب " قان تىپىدىكىلەر _________ بۇ خىل قان تىپىدىكىلەر كۆپىنچە سۈيدۈك ئاجىرتىش سېستېمىسى يوقۇملىنىش ، بۇغۇم ياللۇغى ، تۇغماسلىق ۋە بويدىن ئاجىراپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ بۇ خىل قان تىپىدىكىلەرنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش كۈچى يۇقرى بولىدۇ . ئەمما " ب " قان تىپىدىكىلەر كۆپىنچە قان بېسىمىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ .
" ئا ب " قان تىپىدىكىلەر _________ ماتېرياللاردا بۇ خىل قان تىپىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۆرەك ياللۇغى ، زىققە ، قان تومۇرلار توسۇلۇپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلدى . www.iz.la