زىيادە ئاقىللار ئاسان مەغلۇپ بولىدۇ ...
ھېندىستاندا ئېسىل پەزىلەتلىك بىر پەيلاسۇپ ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭغا ناھايىتى نۇرغۇن ئاياللار چوقۇنىدىكەن . بىر كۈنى بىر قىز ئۇنى زىيارەت قىلىپ كېلىپ ، ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى بايان قىلىپتۇ
_ مېنى قوبۇل قىلىڭ ، سىزنى مەندىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان ئايالنى تاپالمايسىز . گەرچە پەيلاسۇپ ئۇنى بەكلا ھۆرمەتلىسىمۇ ، ئادىتى بويىچە جاۋاب بېرىپ شۇنداق دەپتۇ . ئىز تورى بەك ياخشى
_ مەن يەنە ئويلاپ باقاي ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ ئىشتىن كېيىن پەيلاسۇپ ئۆتكۈر تەتقىقات روھى بىلەن توي قىلىش بىلەن توي قىلماسلىقنىڭ پايدا - زىينىنى ئايرىش ئۈچۈن ئىزدىنىپتۇ . نەتىجىدە پايدا بىلەن زىيان باراۋەر چىقىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان يەنە بىر تەرەپنى تاللاش قارارىغا كەپتۇ - دە ، ھېلىقى قىزنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلماقچى بولۇپتۇ .
پەيلاسۇپ قىزنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭ دادىسىدىن سۇراپتۇ ، ئىز تورى www.iz.la
_ قىزىڭىز قېنى ؟ ماڭا ئېنىق دەپ بەرگەن بولسىڭىز ، مەن ئويلۇنۇپ بولدۇم ، ئۇنى ئەمىرىمگە ئالماقچىمەن . قىزنىڭ دادىسى ناھايىتى سۇغوق جاۋاب بېرىپتۇ، www.iz.la
_ سىز 10 يىل كېچىكىپ كەپسىز ، قىزىم ھازىر ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولدى ! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
پەيلاسۇپ بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قاپتۇ . ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئۆزىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى ئوتقا تاشلاپ بولۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك پەلسەپىۋى جۈملە _ ئەگەر ئادەمنىڭ ئۆمرى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنسە ، ئالدىنقى يېرىمىدا ئارسالدى بولمىغان ئادەم كېيىنكى يېرىمىدا پۇشايمانغا قالمايدۇ ، دېگەن سۆزنىلا قالدۇرۇپ كەتكەن ... ئىز تورى www.iz.la