تارىختىكى سىرلىق يۇقاپ كېتىش
ئىز تورى بەك ياخشى
" بارسا كەلمەس " سىرلىق ئارال _ كېنىيىنىڭ رۇدولف كۆلى ئەتراپىدا " ئېنۋاتېنېت " دەپ ئاتىلىدىغان سىرلىق بىر ئارال بار . بۇ ، يەرلىكلەرنىڭ تىلىدا " بارسا كەلمەس " دېگەنلىك بولىدۇ . يەرلىكلەر بۇ ئارالغا بېرىشنى خالىمايدۇ ، چۈنكى ئۇ يەرگە بارغانلار سىرلىق ھالدا يوقاپ كېتىدىكەن . ئەنگىلىيلىك ئېكىسپېدىتسىيىچى ۋىۋىيئان فوسىت 1935 - يىلى كەسىپداشلىرى بىلەن بۇ يەردە تەكشۈرۈشتە بولغان . ئۇنىڭ مارتىن شىفورس بىلەن بېل داسىن ئىسىملىك ئىككى كەسىپدېشى بۇ ئارالغا ئۇلاردىن بۇرۇنراق كەلگەن ، بىراق بەش كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ دېرىكى بولمىغان . فوسىت ئايرۇپىلان بىلەن تەكشۈرگەن بولسىمۇ ، ھېچقانداق يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىگەن . يەرلىكلەر فوسىتقا نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى مەزكۇر ئارالدا ئادەملەرنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ بېلىقچىلىققا تاينىپ تىرىكچىلىك قىلغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ بېلىقچىلىققا تاينىپ تىرىكچىلىك قىلغانلىقىنى ، كېيىن كىشىلەرنىڭ ئارالدىن غايىپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، فوسىت ئەۋەتكەن ئادەملەر ئارالدا ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان . كەنت خارابىيلىككە ئايلانغان . بەزى كەپىلەردە تەئەللۇقاتلار شۇ پېتى قالغان . چوغى ئۆچكەن كاۋاپداندا بېلىقلار بېسىقلىق تۇرغان . ئارالدىكى ئادەملەر زادى نەگە كەتتى ؟ بۇ ھازىرغىچە سىر بولۇپ تۇرماقتا ... تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!