ئاتىلار ياش تۆكمىسۇن ... ئىز تورى بەك ياخشى
ئاتىلار ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدۇ . چۈنكى ، ئاتىلارنىڭ يېشى كۆزىدىن ئەمەس ، يۈرۈكىدىن چىقىدۇ . مەن يېقىندا بىر ئاتىنىڭ يېنىمدىلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم . ئۇ ئۇچىسىغا رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن چاپان كىيگەن ، ياش چاغلىرىدا كەتمەن تۇتقان قاۋۇل بىلەكلىرى ئورۇقلاپ كەتمەننىڭ سېپىغىلا ئوخشاپ قالغان ئادەم ئىدى . سوراپ كۆرسەم ، ئۇنىڭ ئەھۋالى مۇنداق ئىكەن _ ، قەدىنىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ . بۇ دۇنيالىقتا بىرلا ئوغلى بار ئىكەن . ئاتا قېرىپ كۈچىدىن قالغاندا ئوغلى ھەم كېلىنىنىڭ كۆزىگە سەت كۈرۈنۈپ قاپتۇ . ئوغلىمۇ خوتۇننىڭ " سىزىقى " دىن چىقمايدىغان " مۇلايىم " ئوغۇل بولغاچقا ، خوتۇننىڭ قارارىغا شەرىتسىز بويسۇنۇپ ئاتىسىغا قارىماپتۇ . بۇ ئتا ھازىر بىر ئۇ يەردە ، بىر كۈن بۇ يەردە كۈن ئۆتكۈزىۋېتىپتۇ . ئۇ سۆزلەۋېتىپ يانچۇقىدىن مەرھۇمە ئايالى ۋە ئوغلى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرەتنى ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى . ئىز تورى www.iz.la
بۇ ئانا بىرنەچچە كۈنگىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى . دەرۋەقە ، بىر قىسىملىرىمىز ئاتىلار ھەققىدە سالماقلىق بىلەن ئويلىنىپ باقمىدۇق . چۈنكى ، ئاتىلار ھەممىنى ئىچىگە سىڭدۈرۈشكە ئادەتلەنگەن . ئاتا قان ئاققۇزۇشقا رازىكى ، ياش ئاققۇزمايدۇ .
ئاتىلارمۇ گۆش ۋە قاندىن پۈتكەن ، قارىماققا قاۋۇل كۆرۈنگىنى بىلەن ، كۆڭلى قىلدىن ئىنىچكە ، شۇڭا ئۇلارنى رەنجىتكەن ، چېچىلدۇرغان بولسىڭىز ، كۆڭلىنى تىندۇرۇڭ ، رازىلىقىنى ئېلىڭ ، ئاتىلىرىمىز ھەرگىز ياش تۈكۈپ قالمىسۇن ...
ئىز تورى www.iz.la