بۇلبۇل سىياقىدىكى مەن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاسمان پەلەك ئۇچىۋاتىمەن،تۇيۇقسىز چىققان شامال مېنى ئارىلاپ-ئارىلاپ يولۇمدىن ئاداشتۇرۋېتەتتى،مېنىڭ نىشانىم ناھايىتى ئېنىق ئىدى،شۇنىشان مېنى كېچە-كېچىلەپ ئۇچۇپ مەنزىلگە يېتىپ بېرىشىمغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلاتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تاڭ سۈزۈلەي دەپ قالغانىدى،تۇيۇقسىز كۆزۈمگە بىر نەرسە كۆرۈندى.ئۇ دەل مېنىڭ نىشىنىم، مەن يېتىپ بارماقچى بولغان يەر ئىدى.چۆرىسىنى ياپيېشىل ئورمانلىق قاپلىغان ئوتتۇرسىدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان <<ئەتتىرگۈل>> بار ئىدى،مانا بۇ مەن ئىنتىزار بولۇۋاتقان،مەن تەلپۈنىدىغان،مەن كۆرۈشنى خالايدىغان نەرسە،لېكىن مەن <<ئەتىرگۈل>>نىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرۈمەن.مەن شۇنىڭغا تەشنا ئويلاپ باقسام مەن بۇ يەرگە قانچە قېتىملاپ كەلگىنىم ئېسىمدە يوق،لېكىن نۇرغۇن قېتىم كەلگەن،ھەرقېتىم گۈل ئېچىلىش ئالدىدا دائىم ئۇخلاپ قالىمەن.نېمىشقا ئۇخلاپ قالىدىغاندىمە؟تولا ئۇچۇپ ھېرىپ قالغان ئوخشىمامدىمەن؟
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
لېكىن مەن يەنىلا ۋاز كەچمىدىم.چۈنكى .ئۇمېنىڭ بارلىغىم،ئۈمۈدۈم،بۇ دۇنيادا ياشىشىمدىكى بىردىنبىر سەۋەپچىم ئىدى. www.iz.la
<< بۇ قېتىم مەن چوقۇم پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيمەن>>دەپ قەسەم قىلدىم.ئەگەر مەن گۈلنىڭ ئېچىلغان ۋاقتىدىكى كۆرۈنۈشنى كۆرەلىسەم،گۈل بىلەن مەڭگۈ بىللە بولالايتتىم،ئۇنىڭ زىمىنىدا ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ بىرگە پەرۋاز قىلالايتتىم. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مەن دەرەخ شېخىغا قونغىنىمچە گۈلدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تۇرۇپ ئۇنى كۈزەتتىم.ئىچىمدە<<گۈل ئېچىلاي دەپ قالدى،مېنىڭ ئارزۇيم ئىشقا ئاشىدىغان بولدى>>ئويلىدىم.لېكىن كىم بىلسۇن دەل شۇ چاغدا بىر مۆجىزە يۈز بەردى.تۇيۇقسىز چاقماق چاققاندەك ئەتراپ يورۇپ كەتتى.ئەتراپ يورۇقلىققا پۈركەنگەن بولسىمۇ،بىراق كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ھېچ نەرسىنى ئىلغا قىلغىنى بولمايتتى.كۆزۈمنى ئېچىشقا شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ،بىراق بىرخىل سىرلىق كۈچ كۆزۈمنى ئاچقۇزمايتتى،دىلىم تەشۋىشكە تولدى.مەن ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمىدىم.بىر مەھەل تىرىشتىم،ئاخىرى يورۇقلۇق خىرە كۆرۈندى،لېكىن يەنىلا نەرسىلەرنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايتتى.شۇ خىرەلىك ئىچىدە،بىرخىل قىزغۇچ رەڭلىك نەرسە مىدىرلاۋاتاتتى،تۇيۇقسىز ئېسىم جۇغلاندى.شۇ ۋەجىدىن<<گۈل،گۈل>>دەپ ۋارقىرىۋەتتىم.تىلىم تۇتۇلۇشقا باشلىدى.كۆز ئالدىم تېخىمۇ قاراڭغۇلاشتى.ئەمدىلىكتە مەندە ھېچقانداق سېزىم قالمىدى.قاياقتىندۇر بىرخىل خۇشبۇي پۇراق مېنى مەست قىلىپ كاللامنى چىرمىۋالدىدە، ھوشۇمنى بارا-بارا يوقىتىپ ئاخىرى يەرگە يىقىلدىم.
ئىز تورى بەك ياخشى
بىر ھازادىن كېيىن بىر يورۇقلۇق كۆزۈمنى ئېچىشقا مەجبۇرلىدى.كۆزۈم غۇۋا ئېچىلدى.يورۇق دەستىدىن نەرسىلەرنى يەنىلا غۇۋا كۆرەتتىم.تۇيۇقسىز چۈشكەن بىر تامچە شەبنەم سۈيى مېنى سەگەكلەشتۈرۋەتتى،مەن كۆزۈمنى يوغان ئاچتىم،قارىسام يورۇق قۇياش ئاستىدا تۇرۇپتىمەن،ئەتراپقا نەزەر سالدىم.يورۇقلۇق ئېنىرگىيىسىنى ئۆزىگە يىغىۋاتقان،مەيىن شاماللار ئارىسىدا توختاۋىسىز لىڭشىۋاتقان بىرتال قىزىلگۈل كۆزۈمگە چۈشتى.بۇدەل مەن كۈتىۋاتقان گۈل ئىدى.مەن تەشنالىق ئىلكىدە ئۇنىڭغا تىكىلدىم،ئۇمېنىڭ ئالدىمدا ناھايىتى مەغرۇراغە تۇراتتى.مەن يەنە پۇشايمان قىلدىم.ئۇنىڭ ئېچىلىشىنى كۆرەلمىگىنىمگە ئۆكۈندۈم. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئۇھامان مەغرۇر تۇراتتى.لېكىن مېنىڭ ئاچچىق ئېچىنىشلىرىمنى،ئۇھلىرىمنى،مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان تەقدىرىمنى،ئۇنىڭغا بولغان ئىنتىلىشىمنى،چەكسىز مېھرى-مۇھەببىتىمنى ئۇ بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى.لېكىن ماڭا تونۇشلا تۇرغان بۇچىراي مېنى يەنەبىر قېتىم كۈتۈشكە،يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىشقا ئۈندەيتتى.ەۈل ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ،چىرايىنى ئۆزگەرتتى،بۇ سىرلىق مەنزىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.تۇيۇقسىز بىر مۇدھىش شەپە تېنىمنى ئۇرۇپ ئۆتتى.بۇ گۈلنىڭ ماڭا قىلغان سېھرىي بولماستىن بەلكى بۇزغۇنچى شاھى<<قارا بوران>>ئىدى.بوران گۈل ياپراقلىرىنى ئۇچۇرۇپ كەتتى،مېنىڭ ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرگىنىمدە،ئۇئەتراپقا،قۇيۇندەك كېلىۋاتقان بورانغا قاراپ،ماڭا بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولغاندەك،ئېچىنىشلىق نالە قىلماقتا ئىدى.مەن ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولدۇم.چۈنكى ئۇمېنىڭ بارلىغىم... ئىز تورى بەك ياخشى
ئەپسۇس،مەن ئۈلگۈرەلمىدىم،ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدىم.گۈل قارا بوران تەپتىدە ئۇچۇپ كەتتى.ئۇنىڭ ئاشۇ ئېچىنىشلىق نالىسى قۇلاق تۈۋىمدىن زادىلا نېرى كەتمەيتتى،ئۇ ناھايىتى ۋاقىتسىز توزۇپ كەتتى.مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىدىم.لېكىن كۆزۈمدىن تېزلا غايىپ بولدى،شۇنداقتىمۇ نىشانسىز قوغلىدىم،قوغلاۋېتىپ يىغلىدىم،ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم.
مەن ئاخىرى توختىدىم،گۈلنىڭ سىيماسى كۆز ئالدىمدىن زادىلا نېرى كەتمىدى.مەن ئاستا يېشىمنى سۈرتتۈم،روھىم تېنىمدىن ئايرىلىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم.بىرخىل سىرلىق كۈچ مېنى كەينىمگە تارتتى.مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن كەينىمگە ياندىم.مەن پەقەت گۈلنىڭ كۆز ئورنىدا مېنى كۈتۈپ تۇرغىنىنى،گۈلنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئاسان مەندىن ئايرىلىپ يىراق جايلارغا ئۇچۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىستەيتتىم.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەن باغققايېتىپ كەلدىم. شۇنچىلىك گۈزەل باغدا بىر نەرسە كەمدەك قىلاتتى،ئېچىنىشلىق ياش تۆكتۈم،ئۇ ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى.بۇ قېتىم ئۇ راستىنلا يوق ئىدى.مەن باغلار ئارىسىدىكى دەرەخ شاخلىرىغا قونۇپ توختىماستىن گۈلنىڭ ئىسمىنى چاقىرىدىم،لېكىن ئەتراپ جىمجىت ئىدى.مۇشۇ دەقىقىلەردە ئۇ مەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان ئىدى. ئىز تورى www.iz.la
گۈل روھىدىن تۆرەلگەن مەن،ئۇنىڭ تىراگىدىيىسىگە چىداپ تۇرالماي ئېچىنىشلىق سايراشقا باشلىدىم...
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق