بۇ 2008يىلى يوللىغان تىمام ئىدى،ساقلاپ قويغان،ئوقۇپ باقارسلەر،يوللاپ قويدۇم،كەچۈرگەيسىلەر،
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بىر تۇققىنىمنىڭ تويىغا داخىل بولدۇم . تىخى گۆش تەخسىماتىغا . خىلى مول-ھوسۇللۇق توي بولغان ئىدى . مىھمانلارمۇ جىق ئىدى . توي ئاخىرلىشاي دىگەندە،يىزا باشلىغى بىلەن 2-3 كىشى بىللە كىردى.ئۇنىڭ كەينىدىن قەيەرلەردىدۇرئىغىر ئىشلەپ كەلگەن بىر ساقىلىغا ئاق كىرگەن توپاچىراي ، چىرايىدىن مىسكنلىك چىقىپ تۇرىدىغان ، بىچارە دىھقان كىردى. يىزا-باشلىغىنىڭ بۇ-تويغا قەدەم تەشىرىپ قىلغانلىقى تۇققىنىمىزنىڭ شەرىپى ئىدى ئەلۋەتتە . خوشامەت سۆزى يامغۇردەك ياغدى. مۆھتىرەم باشلىق تۆردىن ئورۇن ئالدى . ئاشپەز پولۇنىڭ سەۋزىلىك يىرىدىن ئۇسۇشقا باشلىدى.
ئىز تورى بەك ياخشى
توي ئىگىسى بولسا نازارەتتە ، يەنە بىر لىگەنگە ئادەتتىكىدەك پولۇ ئۇسۇلدى. ئەمدىكى ھوقۇق مەندە ئىدى .
مەن گۆشنى پارچىلاپ تەييار قىلدىم . چوڭراق گۆشنى ھىلىقى دىھقاننىڭ لىگىنىگە ، ئادەتتىكىدەك باشقىلارغا باسقانغا ئوخشاش گۆشنى مۆھتىرەمنىڭ لىگىنىگە باستىم . كۈتكۈچى نىرى-بىرىنى سۈرۈشتۈرمەيلاپولۇنى ئىلىپ ماڭدى . ئەمما ئىش مۇشۇنىڭبىلەن باشلاندى، توي ئىگىسى ئازگۆش بىسلغان ئاشنىڭ باشلىقنىڭ ئالدىغا قويۇلغىنىنى كۆرۈپ بەك خاپا بولدى. دەرھاللا ھىلىقى دىھقاننىڭ ئالدىدىكى ئاشقا بىسىلغان گۆشنى تارتىۋالدى،بىچارە تىخى بىر كاپام ئاشنى ئەمدى ئىغىزىغا ئاپىراي دەپ تۇرغان تۇرغان ئىكەن .
بۇ ئىش ھار كەلدى بولغاي ، كۆزىدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى، مىنىڭ يۈرىكىممۇ يىغلىدى . ھەي،ئۇكام بۇ نىمە قىلىق ، باشلىققا باسىدىغان گۆشنى نىمىشقا ماۋۇ قەلەندەرگە بىسىپ بەردىڭىز؟ مىنىڭ يۈزۈمنى بوش تۆكمىدىڭىز ھە؟ سىز بىلەن كىيىن دىيشىمەن . ئۇنداق دىمەڭ ، باشلىق دىگەن نەگە بارسا گۆش-ياغ يەپ ئۆتىدۇ ، ئاۋۇ بىچارىچۇ؟ ئايدا-ياكى يىلدا بىر-ئىككى قىتىم ، مۇشۇنچىلىك گۆشىڭىزنى يىگەنگە كەمبىغەللىشىپ قالارسىزمۇ؟ قارىسام بىچارە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزغىنىچە ، ئىزا-نۇمۇستىن چىقىپ كەتتى . كەينىدىن يۇگۇرۇپ چىقىپ قانچە قىلساممۇ كىرمىدى. يەنە كىرسەم توي ئىگىسى باشلىققا مىنى چاققىلى تۇرۇپتۇ ، ھەم ئۆزى يالۋۇرۇپ كەچۈرۈم سوراۋىتىپتۇ . ئەسلى ئىش تۈگىگەنمۇ بولار ئىدى ، ئەمما باشلىقنىڭ مىنى غەرەزئۇقمايدىغان دۆت نىمىكەن ، دىيىشى سەپرايىمنى ئۆرلەتتى . شۇنداق مەن دۆت ، سەن ئەقىللىق ، شۇڭا سەن باشلىق، تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئەگەرغەرەزنى سەن ئۇققان بولساڭ ، ئاشۇ بىر چىشلەم گۆش ئۈچۈن ، ئۆزۈڭنى ساتماس ئىدىڭ ، سەنلەر يىمىگەن نىمە گۆشى قالمىدى ، توخۇ-كەپتەر، غاز-ئۆردەك ، ئات-كالا-قوي ، ياۋايى ھايۋانلاردىن تارتىپ نىمىنى يىگۈڭ كەلسە، شۇنى يىدىڭ؟ قانۇندا چەكلەنگەن ساناقلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىمۈ سەندىن ئاشمىدى، سىنى شۇ گۆش بىلەن باققىنى ئاشۇ بىچارە دىھقان ئىدى؟ ئۇنى كۆزگە ئىلىپ قويدۇڭمۇ؟ ئۇنىڭغا بىر پارچە گۆش تەڭلەپ باقتىڭمۇ؟ يەنە نىمىلەرنى دىگىنىم يادىمدا يوق . ئاخىرىدا ئالدىمدىكى داستىكى گۆشنى كۆتىرىپلا باشلىقنىڭ بىشىغا ئاتتىم . يە توي ، سەن يىمىگەن ئەمدى بىزنىڭ گۆشىمىز قالغان ، قىنىمىزنى ئىچىپ بولدۇڭ؟ يىلىكىمىزنى شوراپ بولدۇڭ؟ يەنە-يەنە؟ بوغۇلۇپ چىقىپ كەتتىم . توۋا ؟ شۇندىن كىيىن تۇققىنىمىز بىلەنمۇ ياتلىشىپ كەتتۇق . يۇرتتىمۇ يىنىپ چىقتىم . شۇ بىر پاچە گۆش مىنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى . بۇ گۆشنى زادى ئىز تورى www.iz.la
كىم يىسە بولىدۇ؟ بۇ گۆشنى زادى كىم يەيدۇ؟ . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
،،،بوران114...يەكەن
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!