ئاق ئەتىر گۈل (4) پوۋسىت

ۋاقتى:2010-08-08 14:41مەنبە: يوللىغۇچى: زىبا چېكىلىشى:قىتىم
  

ئاق ئەتىر گۈل

پوۋسىت

ئىز تورى www.iz.la

(4) ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

تۈگدى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

www.iz.la

ئانا تاماق ئەتكەچ بوۋاينىڭ ئۆزىگە ئۇچىراپ باقمىغان بىر خىل مىھرىبانلىق بىلەن تىكىلىشنى كۇرۇپ كۆڭلى بىر قىسما بۇلۇپ قالدى . گەپنىڭ نەخ يىرىنى قىلغاندا ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغان مىجەزدىكى بۇ بۇۋاينىڭ كىچىك بالىغا ئوخشاش گەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە بىر گىپنى قىلماقچى بولسا بىر دەم ئىككلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىغاندىن كىين بىر گۇناھ ئۆتكۇزۇپ قويغان كىچىك بالا ئانىسنىڭ ئالدىدا تىرنىغىنى تاتلاپ ئانام نىمە دە دىگەندەك قورقۇنۇش ۋە مۇلايىملىق بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ئىقرار قىلىۋاتقاندەك تۇرىقىنى كۆرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىلى بىر نەچچە يىل بولغان ئادەمدەك يىقىنلىق ھىس قىلماقتا ئىدى

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


بىر دەمدىن كىين قۇچقاچ تىلى سۇيقاش تەييار بولدى . موماي ئېسسق بىر چىنە ئاشنى كۇتۇرۇپ كىرگەندە ئاشنى ئىچمەي تۇرۇپلا ھاياجاندىن يىغلىۋىتەي دەپ قالغان بۇۋايغا قاراپ ئۆزىنىڭ بالىسغا تەسەللى بەرگەندەك مۇلايملىق بىلەن ئشڭىزنى قىززىق ئىچىڭ سوۋۇپ قالسا ئىچكىڭىز كەلمەي قالىدۇ دىدى ئۇنىڭ ئالدىغا ئاچچىق سۇ لازىنى ئۇزتىۋىتىپ
بوۋاي ناھايىتى ئەدەپ بىلەن ئاۋاز چىقارماي ئاشنى ئىچشكە باشلىدى . ئۇنىڭ يۇزلىرىدە ئانچە مۇنچە سەپكۇن بار بۇلۇپ ئاش ئىچىپ تەرلەپ كەتكەندىكى تۇرىقى ئوماق بىر بالىغا ئوخشاپ قالاتتى  بويىنىڭ ئىگىزلىگى . يەلكسنىڭ كەڭلىگى ۋە قامەتلىك تۇرقىدىن ئەينى يىللىرى خىلى قاملاشقان بىر ئەركەك ئىكەنلگى چىقىپ تۇراتتى

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


بوۋاي بىر دەمدە بىشنى كۇتۇرمەي بىر چىنە ئاشنى ئىچىۋەتكەندى كىين قاچىنى ئانىغا ئۇزىتىۋىتىپ ئاننىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىغىنى كۇرگەندىن كىين خىجىل بۇلۇپ سىزمۇ ئىچىڭ دىدى تەرلەپ كەتكەن يۇزلىرىنى قولياغلىق بىلەن سۇرىتكەچ
مەن تاماق يىگەن . سىزنىڭ تاماق يىيشڭىز مىنى خۇشال قىلدى دىدى ئانا قاچىنى ئىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ . ئانا بوۋاينىڭ تىكىلىشى ئىچىدە بىر قاچا ئاشنى ئىلىپ كىلىپ ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى

www.iz.la


بوۋاي ئىككىنچى قاچا ئاشنى ئىچىۋەتكەندىن تەرلەپ بىر بۇلۇپ كەتتى . ئۇ خىجىللىق بىلەن يۇزلىرىنى سۇرتۇپ قاپقارا بۇلۇپ كەتكەن قولياغلىقنى يوشۇرغاندەك قىلىپ يۇزلىرىنى سۇرتۇشكە باشلىدى
ئانا يانچۇغىدىن قولياغلىقنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتقاچ قولىدىكى ياغلىقنى ئىلىپ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ يۇيۇپ ئىسىۋەتكەندىن كىين قايتىپ چىقتى
بوۋاي ئۇنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە ھەركەتلىرىگە تەپسلى نەزەر سىلىپ تۇراتتى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئانىمۇ بوۋاينىڭ ئۆزىگە قىران يىگىتلەردەك دىققەت قىلۋاتقانلغىنى بىلىپ ھەر بىر ھەركەتنى . ھەر بىر قەدەمنى ئىھتيات بىلەن ئالاتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبىنمۇ بىر خىل ھاياجان قىز چاغلىرىدىكىدەك بىر ھاياجان ئۆز ئىلكىگە ئىلىۋالغاندى
ئۆيدە ئسېسق ئاش ئىچمىگىلى نۇرغۇن زامانلار بوپتىكەن . بۇگۇن سىزگە رەھمەت دىدى بوۋاي بىردىنلا ئوڭشلىپ قالغاندەك ھىسياتتا
مەن ئۆيدە كۇندە تاماق ئەتسەممۇ بىرى مىنى ياخشى ئىتىپسەن دەپ باقمىغان دىدى ئانا ئۆستەلنى سۇرىتكەچ

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


بوۋاي بۇ گەپنى ئاڭلاپ چىرايى قارىداپ كەتكىننىڭ ھىس قىلالماي قالدى
موماي قاچا قۇچىنى پاكىز يۇيۇپ جايىغا قويغاندىن كىين بولدى مەن چىقاي ياخشى ئارام ئىلىڭ دىگەنچە بوۋايغا قارىمايلا يىرىم ئوچۇق ئشىكتىن چىقىپ كەتتى
بوۋاي ئۇنىڭغا يەنە نىمىلەرنىدۇ دىمەكچى ئىدى لىكىن بوغۇزىغا قاپلىشىپ قالغان گەپ يەنە ئىچىگە چۇشۇپ كەتتى
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بولغىچە موماينىڭ ئاياق تىۋىشى بىنادىن يوقاپ ئۆستىدىكى قەۋەتىتكى ئىشىكنىڭ يىپىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئانا ئۆيگە كىرگەندە روخسار خۇددى لاي بۇتتەك كارۋاتقا تاشلىنىپ تامغا يۆلەنگەنچە ئولتۇراتتى
ئانا ئىشىكنى ئىچىپ كىرىپ روخسارنىڭ تاتارغان چىراينى كۇرۇپ ھاڭۋىقىپ بىر ھازا تۇرۇپ قالغاندىن كىين ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۆيدە بارمىدىڭ بالام دىدى قىزنىڭ يىنغا كىلىپ ئولتۇرۇپ روخسار ئانىسىنىڭ قىزىم دىگەن گىپىنى ئاڭلىمىغىلى ناھايىتى ئۇزاق زامانلار بولغاندەك قايرىلىپ قاراپ ئاننىڭ مۇلايىم چىرايغا تىكىلىپ تۇرۇپ كىتىپ ئۇنىڭغا ئىسلغانچە بىر ئۇزاق يىغلىدى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئانا قىزىنىڭ مىجەزىنى بىلەتتى . ئۇ كىچىگىدىن تارتىپ بىرەر كۇڭۇلسىزلىككە يولۇقسا ئاۋازىنى تىشغا چىقارماي جىممىدە بۇلىۋالاتتى . قىزنىڭ ئۆزىگە ئىسلىپ يىغلىشى ئۇنىڭ يۇرىگىنى پارە پارە قىلىپ تاشلىدى 
بىشىغا دەرىت كەلگەندە ھەممە ئادەمنىڭ ئەنە شۇنداق ئىسلىپ يىغلايدىغان ئانسى بولسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى . لىكىن نۇرغۇن ئادەملەر ھايات ۋاختىدا قەدىرسىز ياشاپ ئۆلگەن ۋاختىدا ئاندىن ئانىسدىن بۇرۇنلا ئايرىلىپ قالغان باللار تامغا تىرەككە ئىسلىپ يىغلاپ ھەسرەت چىكىدىغان زامانلىرى كۆپ بۇلىدۇ . بىر ئۆينىڭ غىمى تەشۋىشى . ئىشى بىلەن ساراڭ بولغان ئانىلار خۇددى ئەسەبى ساراڭغا ئوخشايدۇ . ئۇلار قەلبىدە مىھىرى مۇھەببەتتىن ئەسەر قالمغاندەك ھەممىگە قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ . تۇرمۇشنىڭ ئىغىرچىلىقلىرى چارچىتىپ ھالىدىن كەتكۇزگەن بىر ئاننىڭ نازاۇك قەلبىنى كىممۇ چۇشەنسۇن ؟  ئانا بىر ئۆمۇر ئۆزىنىڭ ئائلىسىگە مىھىر قويۇپ باللىرىنى چوڭ قىلدى . ئۇنىڭ باشقا ئاياللاردەك  پۇتلىرىنى مىنگەشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ خەقنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغانغا پۇرسەت بولمىدى . ئۇنداق ئاياللاردىن قاچتى . يىرگەندى .  ئىرى ئەسكىلىك قىلسىمۇ يولسىزلىق قىلسىمۇ چىدىدى . پىشانىگە پۇتكەندىن قىچىپ ئامال قىلغىلى بولمايدۇ دىگەن نىيەت بىلەن ھەممىگە چىشىنى چىشلەپ مۇشۇ ھاياتقا كەلدى . ياش چاغلىرىدا نۇرغۇن يىگىتلەر ئۇنىڭغا ساقال تاشلىغان بولسىمۇ ئۆزى ھەم ئىرىنىڭ ئابرۇي ئىناۋىتىنى ساقلاش ئۇچۇن ھەركەت قىلىپ باشقىلارنىڭ تىتقسىز گەپ سۆزلىرىگە شىرىك بولمىدى . يولدىن چىقمىدى . ئازمىدى لىكىن قىرىغاندا بولسا بىر ئۆمۇر جاپا چىكىپ ئرىىشكىنىم نىمە دەپ ئويلنىپ قالاتتى لىكىن يەنە كۆڭلىگە تەسەللى بىرەتتى . ئۆزى بىلەن تەڭتۇش ئاياللار ھەۋەس كوچلىرىدا لاغايلاپ يۇرۇپ نىمە تاپتى ؟ خانىۋەيرانچىلىق . سورۇقچىلىقتىن باشقا نىمىگە ئىرىىشتى ؟  ئۇ ھىچ نىمنى بىلمەيدىغان قىياپەت بىلەن يۇرگەن بىلەن قانداق قىلىشنى ۋە ئائىلگە سادىغلىق بىلەن ياشاشنى بىلەتتى . ئۇ باشقىلار نىمە دىسۇن بىشنى ئىچگە تىقىپ بىر ئۆيدە مىھىر يارىتىپ بىر ئەردىن مھىىر ئىزدەپ مۇشۇ ياشقا كەلدى . باشقىلار بىلەن سىلشتۇرغاندا ئۆزىنى كۆپ بەختلىك ھىس قىلىش ئۇنىڭ ئۆمۇر خاتىرىسنىڭ كۆپ قىسمنى ئىگەللەيتتى . ئۇ بىرىنچى قىتىم قىزى بىلەن كۇرۇشۇپ ئۇنىڭ چىرايىدىن ۋە زىيادە چۇشكۇنلۇك زەئىپلىك قاپلاپ كەتكەن بىر خخل روھى ھالەتنى سەزدى . قىزىنىڭ ئىچى كۇچلۇك ڭۇڭلىگە بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا ئۇزاق ۋاقىت ئۇنتۇلالمايدىغان مىجەزىنى بىلەتتى .لىكىن ئۇكۇندۇزلىرى ئادەم كەلكۇندەك ئاقىدىغان. كىچسى زۇمرەتتەك ئوردىدەك چىراقلىرى لاپىلداپ يىنىپ ئادەمنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان شەھەرنىڭ ئەڭ پىنھان بىر جايلىرىدا يۇز بىردىغان جىنايەتلىك قىلمشنىڭ ئۇۋىسى بولغان بۇ شەھەر كىشلىرىنىڭ ئورتاق ئاجىزلىغى . گۇناھ ۋە جىنايەتكە . ئازاپلىق تۇرمۇش جەريانى ۋە خىيانەتكە شۇنچىلىك بىرىلىپ كەتكىندەك بىر رىئاللىقنى كۆرەلمەيتتى ھىس قىلالمايتتى copyright by www.iz.la
ئۇ قىزىغا قاراپ ئىچى تىتىلدىسىمۇ قىزى ئەمدى كىچىك ئەمەس . جەميەت ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەمەس . ئائىلىدىن ھالقىغان بىر چوڭ كۇچنى كونترۇل قىلىش ئۇچۇن بىر ئاننىڭ قولدىن كىلەمدۇ ؟
جەميەتنى مەلۇم بىر نىيەت ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە كۆز قاراش بىرلىككە كەلتۇرمىگەندە بىر ئىككى قىزنىڭ ئۆلىۋىلىشى . بىر ئانىنىڭ ھەسرەت چىكىشى بىلەن كونتىرۇل قىلغىلى ، يارا ئىغىزدىن يىرىڭ ئاققاندەك ھەر كۇنى سادىر بۇلىۋاتقان مەسىللەرنى ھەل قىلغىلى بولمايتتى شۇنىڭ ئۇچۇن سەۋرى قىلىش كىرەك . تاقەت قىلىش كىرەك .  كۇتۇش كىرەك . چۇنكى ياراتقان ئىگەم ھەممە ئادەمگە تىگىشلىك بولغان يۇكنى كۆتەرتىپ ھايات كىچىكىلىرىدە سىنىغاندىن كىين ئاندىن ئامانىتىنى ئىلىپ ئۇ ئالەمگە ئىلىپ كىتىدۇ

www.iz.la


روخسار يىغىسىغا قانغاندىن كىين قورسىغى بوشاپ قالغاندەك ھىس قىلىپ ئانىدىن سورىدى
تاماق يىدىڭمۇ ؟ تاماق ئىتىپ بىرەيمۇ ؟
ياق بولدى دىدى ئانا قىزىنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ پەس قەۋەتتىكى ئانا بوۋاي كېسەل بوپ قاپتىكەن شۇنىڭغا تاماق ئىتىپ بەرگەچ تويۇپ قالدىم بىر نەرسە يىگۇم يوق
روخسار ئانىسىنىڭ بىپەرۋالارچە گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى . ئۇ ئۆمىرىدە ئانىسنىڭ دادىسدىن باشقا بىر ئەرگە تاماق ئىتىپ بىردىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغاندى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سەن ئۇنى تونامتىڭ دىدى روخسار ھەيرانلغىنى يوشۇرالماي . تۇنۇگۇن پەلەمپەيدىن چۇشكىچە تونۇشۇپ قالغان . كەچتە قارىسام كېسەل بۇلۇپ يىتىپ قاپتۇ . ئاش ئىتىپ بىرىپ چىقتىم دىدى ئانا
روخسار بىردىنلا تولىمۇ ئوماق ۋە ئاقكۇڭۇل بىر ئانا ئىكەنلگىدىن سۇيۇنۇپ ئۇنى يەنە قۇچاقلىۋالدى . شەھەر دىگەن شۇ ھەممىلا ئادەم تەسىۋىرلەپ بولغۇسىز بىر خىل بىچارىلىك ئىچىدە ياشايدۇ . يالغۇزلۇق ۋە غىرىپلىق ئويلاپ باقىمغان بىر ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ قىلشقا ، ھسداشلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ . مانا يىشى بىر يەرگە بارغان ئانا بىر دەمدە بىر ئەر بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭغا كۆڭۇل بۆلۇپ تاماق ئىتىپ بەردى . ئەزەلدىن باشقا ئەرگە نىسبەتەن كۆڭلىدە قىزىقىش ۋە ھەۋەس بولمىغان ئانا بۇ ئىشنى مەجبۇريتىم دەپ قارىدى . ئەگەر ئۇمۇ روخساردەك ياش بولغان بولسا ئۇ نىمە كۇنلەرنى كۇرەتتى بۇنى تەسەۋۋۇر ىلماق تەس .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەمسە ئۇخلايلى دىدى روخسار ئانىسنىڭ كارۋىتىنى تۈزەپ بولغاندىن كىين ئۇلار جىمجىت يىتىپ قىلىشتى . لىكىن روخسارنىڭ پىكىرى ئويغاق ئىدى . ئۇ ساراڭنىڭ چىچىدەك چىگىشلىشىپ كەتكەن خىياللىرى ئىچىدە باش ئايىغى يوق خىياللار بىلەن ھەلەك ئىدى . ئەڭ ئاخىرىقى مەسىلە يەنە ئۇنىڭ بىشنى قاتۇرغاچقا يەنە شۇ خىيالنى قىلىشقا باشلىدى . بولدى بىرەر تاللار بازىرىدا ئىشلەيمەن . بالىنى تۇغىمەن . خەق نىمە دىسە كارىم يوق . مىنىڭ ئابرۇي ئىناۋىتىم دىگۇدەك نىمەم بار ئىدى دەپ ئويلاپ يىتىپ ئۇخلاپ قالدى  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئىشىك چىكىلدى . روخسار ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى تىزلىك بىلەن ئوڭشاپ ئەينەككە قارىۋەتكەندىن كىين بىرىپ ئىشىكنى ئاچتى . ئىشىكنىڭ ئالدىدا بوۋاي ئۆرە تۇراتتى . بوۋاي ئادەتتە ساقاللىرى ئۇسۇك ھالەتتە بۇلاتتى . بۇگۇنكى تۇرقىدىن پاكىزلىق نۇرى تۇكۇلۇپ تۇراتتى . ساقاللىرىنى پاك پاكىز قىرىپ ئاپپاق شىلەپە كىيىۋالغان بوۋاينىڭ تۇرىقى باشقا چاغلاردىكىدىن خىللا ياش كۆرۇپ كەتتى copyright by www.iz.la
ئاپىڭىز ئويغاندىمۇ دىدى بوۋاي روخسارغا سالام قىلۋىتىپ روخسار ئارقىغا قاراپ بىر نىمە دەي دەپ بولغىچە ئانا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشكنىڭ يىنىغا كىلىپ بولغاندى
سىلەرنى ناشتىلىققا تەكلىپ قىلاي دەپ كىردىم دىدى بوۋاي مۇلايىملىق بىلەن
روخسار بوۋايغا قاراپ ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر خىل ھىسياتتا سۇيۇنۇپ كەتتى
بۇلىدۇ ھازىرلا چىقايلى دىدى روخسار . ئۇ بۇ ئۆيگە كەلگەندىن بىرى ھىچكىم بۇنداق سەھەردە ئۇنىڭ ئىشكىنى چىكىپ باقمىغاندى . ئۇنىڭ ئۆستىگە ئەتتىگەندە بۇنداق ياخشىلىق بىلەن باشلانغان ھايات كەچكىچە ياخشىلىقتىن بىشارەت بىرەتتى
www.iz.la

ئانا كىيملىرىنى كىيىپ يۇزنى يۇغاندىن كىين روخسار بىلەن پەسكە چۇشتى . ئۆي ئاخشامقىغا ئوخشمايتتى . ھەممە يەر ئاپتاپتەك يورۇق ھەم پاكىز بۇلۇپ كەتكەندى .
قارىغاندا بوۋاي كىچىچە ئۇخلىماي تازلىق قىلىپ چىققاندەك تۇراتتى . موماي ئۆينى كۇرۇپ كۈلۈپ قويدى . بوۋاي ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېىسسق بىر چىنىدىن سۇتنى قويغاندىن كىين تونۇرغا يىقىلغان گۆش نان بىلەن بىر نەچچە تۇرلۇك ئىسسىق سەينى ئالدىغا قويدى . ئانا ئالدىرىماي سەينى تىتىپ كۆرۇپ ئاندىن سۇتنى ئېچىشكە باشلىدى . روخسار بوۋاينىڭ ئانسنى ياخشى كۇرۇپ قالغانلىغىنى ھىس قىلىپ قىرى پاھشىۋاز دەپ قويدى ئىچىدە . لىكىن تىشىدا ئۇنىڭغا قاراپ كۇلۇمسرەپ قوياتتى . بوۋاي ئانىنىڭ سەي يەۋاتقان تۇرقى ۋە ئۇنىڭ سەينى ئىلىپ تەمىنى تىتىۋاتقان ھالەتلىرىنى كۆرۇپ ئۇنىڭغا ياراتماي قالامدىكىن دىگەندەك ئىككىلىنىش ئىچىدە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى

ئىز تورى بەك ياخشى


تاماق يەيلى . مەن سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي . ۋاختڭىز بولسا بىر دەم ئەھۋاللىشايلى . مانا بۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى جەلىپ قىلىپ ئۇلار بىلەن بۇلۇشنى خالايدىغان نىيتنىڭ بەلگسى . قايسى ئەر بىر ئايالغا ئوچۇق قىلىپ مەن سىز بىلەن ياتماقچى ئىدى . تولغان بەدىنڭىزگە ، قارا كۆزلڭىزگە ئۇرغۇپ تۇرغان ھىسياتڭىز ئامراق بۇلۇپ قالدىم . كەچتە مىھمانخانىدىن بىرنى ئىچىپ ياتايلى دىگەن . ھەممسى ئاۋال ئاشۇ ئۆلگۇر تاماقنىڭ ئىسمنى تىلغا ئالىدۇ . تاماققا چىققان ئايال بىلەن قارىشپ . سۇركىشىپ مۇناسىۋەتنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئويلايدۇ . تاماق چىقىدۇ . كەينىدىن ھاراق چىقىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر قىتىملىق تاماق يىيىش ئىشى ئىككى ئادەمنى ئىتتىرىپ بىر كارۋاتقا چىقىرىپ قويىدۇ . ئۇلارنىڭ تاماق يەيلى دىگەن گىپىنىڭ ئۆزى نىيەتنىڭ ئاللىقاچان بۇزۇلغانلىغىدىن بىشارەت بىرىدۇ . ئاياللارمۇ بىرەر ئەر بىلەن چىققۇسى بولسا دەرھاللا ماقۇل بۇلىدۇ . ئۇلارمۇ ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە باشقا بىر نيىتىنىڭ بارلىغىنى بىلىدۇ . ئۇلارنىڭ بىر يەردە ئولتۇرۇپ تاماق يىيشى ئۇلارنى يىرىم قۇبۇل قىلغانلىغىنىڭ بەلگىسى . شەھەردە ئەر ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ باشلنىشى ئەنە شۇ « تاماق » دىگەن گەپتىن باشلىنىپ تەرەققى قىلىدۇ . قىزلار . ئاياللار خەقنىڭ بىر قىتىملىق تامىغىنى يىدىمۇ بولدى ئۇلار قەرىزدارغا ئايلىنىدۇ . شۇنىڭدىن كىين ئەرلەر خالىغان چىغىدا ئۇلارنى چاقىرىپ كۆڭلۇمنى ئاچالايمەن دەپ قارايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ كۇڭلىنى چىكىپ بىقىپ ئۆمىت بار يوقلىغىنى كۆزلىرى . ئىش ھەركەتلىرى ھىس قىلىپ بۇلىدۇ . ئەگەر ئۆمىت بولسا ئۇلارنى داۋاملىق تاماققا تەكلىپ قىلىپ ئاياللارنى قاتمۇ قات قەرىزگە بوغىۋەتكەندىن كىين ئاخىرى تاقەت قىلالماي مەخسدىگە يىتىدۇ . مەخسدىگە يىتەلمسە ياكى ئاياللار خالمايدىغانلىغىنى بىلدۇرۇپ ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى چىرايلىقچە رەت قىلسا باشتا چىرايلىق گەپ بىلەن ئالدايدۇ . ئۇمۇ ئاقمسا يۇزىنى ئۆرۇپلا ھاقارەتلەيدۇ . ئۇرىدۇ ھەتتا باسقۇنچىلىق قىلىدۇ . كۇڭلى بولمسا تامىغىمنى يەمتى دەپ ئويلاپ ئۇلار خۇددى ئۆمۇر بويى تۆلىسمۇ قايتۇرالمىغىدەك قەرىز بولغاندەك ھىساپلايدۇ .  باشقىلار بىر ئەر بىلەن ئايالنى تاماق يەۋاتقاندا بىللە كۇرسە ئۇ بۇزۇق پالاننىڭ كەينىدىن يۇرەتتى دەپ قارايدۇ. ھىچكىممۇ پالانى ئەر پالانى ئايالنىڭ كەينىدىن يۇرەتتى دىمەيدۇ . ئاياللارنى پەس كۇرۇش . ئۇلاردىن يىرگىنىش لىكىن تىللاپ تۇرۇپ ئۇلاردىن ئايرىلالماسلىق ئەرلەرگە ھەم ئاياللارغا نسبەتەن ئاقىۋىتنى سۆزلەپ تۇگەتكۇسىز پاجىئە ئىدى ئىز تورى بەك ياخشى
روخسار بۇ خىياللارنى قىلىۋىتىپ تۇيۇقسىز دىمىغىدا كۇلۇپ تاشلىدى
بوۋاي ئۇنىڭ كۆلكىسدىن چۈچۈپ نىمە سەي قاملاشماپتىمۇ ؟ مەن تازا ياخشى قورىيالمايمەن دىدى ئۇ كىچىك بالىدەك يەرگە قاراپ تۇرۇپ
ئانا دەرھال جاۋاپ بىرىپ ياخشى بوپتۇ . ئۇستىكەنسز دىمىگەن بولسا بوۋاي يىغلاپ تاشلاشقا ئازلا قالغانلىقتىن يۇزلىرى ھۆپپىدە قىزىرىپ كەتكەندى
ئۇلار ناشتىلىقنى قىلىپ بولغاندىن كىين ئۆيدىن چىقتى . بوۋاي بۇگۇن باشقچە جانلىنىپ كەتكەندى . ئانا بالا ئىككىسى ئاپتۇز بىكىتىگە كىلىپ بولغىچە بۇۋاي ئىتىنى ئەگەشتۇرۇپ چىقىپ ئۇلار ماڭىدىغان يولنىڭ قارشى تەرىپىگە يىتىلەپ كىتىپ قالدى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
روخسار ئاپتۇزغا چىقىپ جايلىشۋالغاندىن كىين ئانىسغا بۇ ئادەمنى بەك غەيرى ئادەم دەپ ئاڭلىغاندىم . قارىسام شۇنداق قائىدىلىك ئىكەن مەن بىنادىن چۇشۇپ چىققىچە گەپ قىلمايتتىم شۇڭا دىدى ئانىسنى گەپكە سالماقچى بولغاندەك
قانداق غەيرى دەپ ئاڭلىغان دىدى ئانا بىئارام بولغاندەك قىلىپ
ئىش قىلىپ داۋاملىق ئىتى بىلەن بىللە تۇرىدۇ . بىر ئۆيدە ئىت بىلەن تۇرغان ئادەمنى خەق غەيرى ئادەم دىمەي نىمە دەيدۇ دىدى روخسار بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
خەقنىڭ ئىشى بىلەن نىمە كارىمىز بالام . ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا پۇختا بولساقلا بولدى خەقنى ئۇنداق مۇنداق دەپ بىزنىڭ نىمە كارىمىز دىدى ئانا سىرىتقا قارىغاچ
روخسار قايتا گەپ قىلمىدى . ئۇلار دوختۇرخانغا بارغاندا دادىسى دەرىزىنىڭ يىنىغا كىلىۋىلىپ تاماكا چىكىۋاتاتتى . ئۇ روخسارنى كۇرۇپ قاپىغىنى تۇرۇپ كۇرۇشكەندىن تاماكىنى تاشلاپ كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردى . ياخشى بوپ قالدڭىزمۇ دادا دىدى روخسار يىنىك ئاۋاز بىلەن دادىنىڭ باغرى ئىرىپ كەتكەندەك بۇلۇپ بىردىنلا يۇمشاپ ئالدىراشلىغىڭ تۇگىدىمۇ ؟ دىدى ئاۋازىنى پەس چىقىرىپ
ئىز تورى www.iz.la

تۇگىدى مەندىن خاپا بولمىغانسەن دىدى روخسار دادىسىنىڭ يىنغا كىلىپ ئولتۇرۋىتىپ 
ياق سەندىن خاپا بولمدۇم لىكىن كۆرگۇم كەلدى دىگەنچە كۆزىنى ئىلىپ قاچتى دادا  .روخسار دادىسىنىڭ تۇنجى قىتىم مۇشۇ گىپىنى ئاڭلاۋاتاتتى . شۇڭا ئۇ تەسىرلەنگىندىن ئاران ئاران ئۆزىنى تۇتىۋالدى . سېسترا كىرىپ دۇرىڭىزنى بۇگۇندىن باشلاپ ئىچىڭ . دوختۇر سىزنى ئۆيگە بىرىپ ياخشى ئارام ئالسۇن . ئىغىر ھەركەت قىلمسۇن دەيدۇ . دۇرىنى ئىچىپ بولغاندىن كىين يەنە بىر قىتىم تەكشۇرتىكىلى كىلىڭ بۇگۇن ياتاقتىن چىقسڭىز بۇلىدۇ دەپ چىقىپ كەتكەندىن كىين روخسار ئەمسە ھازىرلا كىتەيلى دادا دىدى دادىسىغا قاراپ  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەيلى ئۇزۇممۇ ئىتتىن زىرىككەندەك زىرىكتىم بۇ يەردىن دىدى دادا يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ
روخسار ئەسلى ئۇلارنى ئۆيدە بىر نەچچە كۇن تۇتۇپ قالماقچى بولغاندى . لىكىن دادىسى جاھىللىق بىلەن دوختۇرخاندىن چىقىپ بىر ۋاخ تاماق يەپلا ئۇدۇل ئاپتۇز بىكىتىگە چىقىپ يۇرىتقا كەتتى . روخسار كۇڭلى يىرىم ھالدا ئۆيگە قايتىپ كىلىپ بۇ شەھەردە يالغۇز ياشانىڭ مەنسىزىلگى دەستىدىن ئۆرتەنگەن يۇرىگىنى چىڭ مۇجىغانچا بىنادىن چىقتى
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئانىڭىز قىنى دىدى بىر ئاۋاز تۇيۇقسىز
روخسار چۇچىگەنچە ئۆزىگە كىلىپ بوۋاينى كۆردى . ئۇلار كەتتى دىدى ئۇ يەن بىنادىن چىقىۋىتىپ
نەگە كەتتى دىدى بۇۋاي تىخىمۇ جىدىدىلىك بىلەن
ئۆيگە كىتىدۇ دە نەگە كىتەتتى دىدى  قىز بىنادىن چىقىۋىتىپ 
مەن سىلەرنى مىھمان قىلىمەن دەپ تەييارلىق قىلىپ قويغان . رىستۇرانغا سەيمۇ بۇيرۇپ قويغان دىدى بوۋاي
ھاراق بارمۇ دىدى روخسار تۇيۇقسىز ئاڭسزلا
بار ھەممە نىمە تەييار ، دىدى بوۋاي روخسار ئارقىسغا يىنىپ ئانام كەتتى . ئەمدى مەن بولسىمۇ سىزگە مىھمان بۇلاي دىدى بوۋايغا تىكىلىپ قاراپ بوۋاينىڭ كۆڭۇل يىرىمچىلىغى بىر ئاز بىسلغاندەك بۇلۇپ ئۇنداقتا ياخشى بولغىدەك قىنى ئۆيگە كىرىڭ دىدى بوۋاي ئۇنى ئۆيگە باشلاپ

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


بوۋاي چاي قاينىتىپ ئىلىپ چىقتى . روخسار كىتاپ ئىشكابىدىكى كىتاپلارغا قاراپ ئۆرە تۇرغاندىن كىيىن قايتىپ كەلدى . بىر دەمدىن كىين سەيلەر كەلدى  . ئەزەلدىن قاراڭغۇ تۇرىدىغان ئۆينىڭ چىراقلىرىنىڭ ھەممسى يورۇتۇلدى . ئۇلار تاماققا بىر قۇر ئىغىز تەككەندىن كىين روخسارنىڭ تەلىۋى بويىچە ھاراق ئىلىپ كىلىندى . قىزنىڭ غەمكىنلىگى ھاراقنى ئىچكەندىن كىين تىخىمۇ ئەدەشكە باشلىدى
قارىسام بىر دەردىڭىز باردەك تۇرىدۇ . مەن سىزنىڭ دادىڭىزدەك ئادەم . مەندە پۇل بار . لىكىن خەجلەيدىغان يەر يوق . سىزگە قايسى تەرەپتىن ياردەم كىرەك بولسا مەن ياردەم قىلاي ئىيتىڭ دىدى بوۋاي بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ گەپنى ئاڭلىغان روخسار ئۆزىنىڭ دادىسى بىر قىتىم سوراپ باقمىغان گەپنى قىلغان بوۋاينىڭ سۆزىدىن تەسىرلىنىش ئىچىدە گەپ سۆزسىزلا يىغلاشقا باشلىدى . بالامنى قانداق قىلىمەن . سىز دەڭە مىنىڭ قورساقتا بالام بار دىدى ئۇ يىغلىغانچە
بالا دىگەننى تۇغماي نىمە قىلىدۇ . تۇغۇڭ دىدى بوۋاي كەسكىنلىك بىلەن
بىراق بالىنىڭ دادىسى مىنى تاشلاپ كەتتى . مەن ئۇنى تۇغسام خەق نىمە دەيدۇ . مەن ھىچ قەدىرىم يوق ياشاپ كەلدىم  . يالغۇزلۇق باغرىمنى ئەزدى . مەن ئۇلىۋالىمەن دىدى روخسار ئۆكسۇپ يىغلاپ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سىزنى بىر ئادەم تاشلاپ كەتكەن بولسا مىنى بىر ئائىلە ئادەم تاشلاپ كەتتى . سىز تىخى ياش . ياش ئادەم دىگەن تاياققىمۇ . مۇھتاجلىققىمۇ . بار يوققىمۇ چىدايدۇ . مەنچۇ ؟ ماڭا ئەمدى پۇرسەت يوق .مەڭگۇ پۇرسەت يوق ئادەمنى ئادەم تاشلىۋەتسە ھىچگەپ يوق لىكىن ئۆز ئۆزىنى قەدىرلەش كىرەك . خەقلەر تەرىپىدىن تاشلىۋىتلىش بەختسزلىك ئەمەس . ئەڭ زور بەختسزلىك ھىچكمنىڭ سىزگە مۇھتاج بولماسلىغى . ھىچكىمنىڭ سىزنى ئىتبارىغا ئالماسلىغى . ئەگەر سىز تۇغسڭىز بالىڭىز سىزگە مۇھتاج بۇلىدۇ.  مانا بۇنىڭ ئۆزى ھايات . سىز ئۇنى بىقىپ چوڭ قىلسز . بالىڭىز بۇلاقتەك كۆزلىرى بىلەن سىزگە تەلمۇرۇپ ئانا دەپ چاقىرغاندا ئاندىن ھاياتنىڭ قەدىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىممتىنى چوقۇم ھىس قىلسز . سىز چۇشكۇنلشىپ كىتىپسز . چۇشكۇنلۇك بىلەن ھىچقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ . قاراڭ دۇنيا ۋاپاسىز . ئادەملەر ۋاپاسىز .  بىر كۇنلەردە ھەممە نەرسە ئادەمنى تاشلاپ كىتىپ بىزنى يالغۇزلۇقنىڭ ئادەم قۇتۇلغىلى بولمايدىغان قارا ئۆڭكۇرىگە بەنىت قىلىپ قويىدۇ . ئاخىرى جانمۇ تەننى تاشلاپ كىتىپ بىزنى مەڭگۇلۇك يوقۇتۇش ۋە ئەبەدىيلىك جۇدالىققا مەجبۇر قىلىدۇ . لىكىن ھاياتنى ئۆزىنىڭ پەسلى بىلەن ئەھمىيەتلىك ياشاش كىرەك .  مەن شۇڭا ئىت باققان . ئىت ئادەمگە قارىغاندا ئەقىدىسگە سادىق . مىنىڭ قولۇمدىن كىلىدىغىنى مۇشۇ . باشقا ئىش قىلالىغان بولسام ئاللىقاچان باشقىچە ياشاش ئۇسۇلىنى تاللىۋالغان بۇلاتتىم . لىكىن قىرىپ كەتتىم . نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەنمۇ سىزدەك قىران يىگىت ئىدىم . مۇشۇنداق بۇلارىنى چۇشۇمدىمۇ كۇرمىگەنمەن دىگەنچە رۇمكىغا قول ئۇزۇتۇپ بىر رۇمكا لىق توللاپ ئىچىۋەتتى بوۋاي

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


روخسار بوۋاينىڭ گەپلىرنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىدى . بوۋاي قىرىغان بولسمۇ لىكىن يىقىشلىق ئادەم ئىدى . گەپ سۆزلىرى جايىدا تەلەپپۇزى ناھايىتى جاراڭلىق چىقاتتى . ئىش قىلىپ ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان ئادەم زىرىكىپ قالمايتتى
بوۋاي پۇتۇن دەردىنى سۆزلەپ بولغاندىن كىين ئاپىڭىز ئالامەت ئىسىل ئايالكەن . سىز ئۇنىڭ قىزى . سىز مىنىڭ قىزىم . مەندىن كىين قالسا مۇشۇ ئۆي جاي سىزگە  قالىدۇ . بۇنىڭدىن كىين سىز مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇڭ . مەن سىزنىڭ بالىڭىزنى باقاي . سىزنى ياتلىق قىلاي . بىز دادا بالا بۇلايلى قوشۇلامسز دىدى بوۋاي ناھايىتى سەممىلىك بىلەن . روخسار ئۇنىڭ گىپىگە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلمەيتتى . ياق ياكى ھەئە دىيشنى بىلمەي بىر ھازا تۇرغاندىن كىين ئۇنىڭغا بىر رۇمكا ھاراق سۇندى . بوۋاي ھاراقنى ئىچىۋىتىپ ئۆزىنىڭ سەممى گەپ قىلىۋاتقانلىغىنى يەنە بىر قىتىم ئەسكەرىتتى . روخسار مەسلىھەت قىلاي دىگەنچە يەنە بىر دەم ئولتۇرۇپ بوۋاينىڭ ئالدىدا مەس بۇلۇپ قالماسلىق ئۇچۇن ئۆيىگە چىقىپ كەتتى
ئىز تورى www.iz.la

نەچچە ئايدىن كىين روخسارنىڭ ئانىسى تۇيۇقسىز قازا قىلدى . بۇ چاغدا روخسارنىڭ قوسىغى خىللا پومىپيىپ قالغاندى .  بوۋاي ئۇنىڭغا قاراۋاتقان بۇلۇپ ئىككى ئاجىز بىر بىرگە مەدەتكار بۇلىۋاتاتتى . ئارقىدىن دادىسى ئۇلۇپ كەتتى  بۇ چاغدا روخسار تۇغۇپ ياتقان ئىدى . روخسار ئورنىدىن تۇرغىدەك بولغاندا ئۆيگە قايتىپ كەلدى . بوۋاي ئۇنىڭغا ئۆز قىزىدەك قارىدى . ئۇنى ياخشى كۇتتى . بانكا چىكىنى ۋە مەخپى نۇمۇرنى ئۇنىڭغا دەپ بىرىپ قانچىلىك لازىم بولسا ئىلىڭ دىگەندە روخسار نىمە قىلشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدى    بوۋاي خوشنا ئاياللاردىن مەسلىھەت سوراپ ئۇنىڭغا قۇۋۋەت بۇلىدىغان تاماقلارنى ئىتىپ بىرىش ئۇچۇن تاماق ئىتشنى ئۇگۇنۇپ كۇندە ئاشخانا ئۆيدىن چىقمايتتى . بەزىدە پولو ئىتىمەن دەپ شوۋىگۇرۇچ ئىتەتتى . ئىش قىلىپ كۈن بويى ھەركەت قىلىپ يۇرۇپ يەنە ئون نەچچە ياش ئارقىغا يانغاندەك بۇلۇپ قالدى بىر كۇنى بوۋاي يىگىتلەردەك ياسىنىپ سىرىتقا چىقىپ كىتىپ چۇش بۇلاي دىگەندە قايتىپ كەلدى ئۇنىڭ قولىدا بىر دەستە ئاپپاق ئەتىرگۈل تۇراتتى ئۇ گۈلنى ئىلىپ كىلىپ ئۇخلاپ قالغان روخسارنىڭ بىشىغا قويۇپ قويۇپ يەنە چىقىپ كەتتى . روخسار كۆزىنى ئىچىپ گۈلنى كۆرگەندىن كىين مۇشۇ يىشىغا كىلىپ بىرەر ئەرنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ياخشى كۇرىدىغان ئاق ئەتىرگۈل سوۋغا قىلمىغانلىغىنى ئېسگە ئىلىپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى . ئەگەر بىرەر ئەركەك ئۇنىڭغا بىر دەستە گۆل سوۋغا قىلىپ ماڭا تىگەمسز دىگەن بولسا ئۇ ھىچقانداق سىلىقسزلا ئۇنىڭغا تەگگەن بۇلاتتى. تالاي كەچۇرمۇشلەرنى ئاتا قىلغان ھايات جەريانى ۋە ھىسسى جەريانلار ئۇنىڭغا ئادىدىلىقتىن ئىبارەت بۇيۇك بىر پەلسەپنىڭ قىممىتى ۋە ھەققىتنى ھىس قىلدۇرغاندى . ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ گۆلنى باغرىغا باسقانچە يىنىدا ياتقان ئوغلىغا قاراپ قويۇپ دەرىزنىڭ تەكچسگە قويدى . كۆڭلىدە ئەزەلدىن يۇز بىرىپ باقمىغان ھاياجان ھۈكۈم سۇرۇپ ئۆزىنى تۇغۇلغاندىن بىرى ئەڭ بەختلىك مىنۇتلاردا ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلدى  . ئۇ گۆلنى جايىغا قويۇپ ھاياجان ئىچىدە بىر پەس ئۆيدە پىقىراپ يۇرگەندىن كىين بالا يىغلىدى . ئۇ بالىنى ئىمىتتى . بەختسزلىكنى بەخىتكە ئايلاندۇرغان بالا ئۇنىڭ بىردىن بىر ئۆمىت چىرىغى بۇلۇپ قالغاندى . كۈن كەچ بولدى لىكىن بوۋاي قايتىپ كەلمىدى . ئۇ يىرىم كىچە بۇلاي دىگەندە ئىتنىڭ توختىماي قاۋاۋاتقانلغىنى ئاڭلاپ كۇڭلى بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بالىغا قاراپ قويۇپ ئىشىكنى ئاچتى . پەلەمپەينىڭ يىندىكى قاراڭغۇلۇقتا بوۋاي تۇگۇلگىنچە ئولتۇرغاندەك قىياپەت بىلەن يىتىپ قالغاندى . روخسار بوۋاينى مىدىرلاتتى لىكىن ئۇنىڭ ھەممە يىرى تەڭ مىدىرلىدى . ئۇ جان ئۇزگەندى . قولىدا بولسا ئۆينىڭ يەر خىتىنى مەھكەم تۇتىۋالغاندى . روخسار يىغلاپ نالە پەريات چىكىپ خوشنىلارنى ئاران چاقىرىدى . بۇۋاي ئەتىسى دەپنە قىلىندى . بىر ئۆيدە يالغۇز ياشاشقا ئۇ كۈنۈپ قالغان بولسىمۇ بىچارە بوۋاي ئۇنىڭغا خۇددى ئۆز قىزىدەكلا كۇيۇنگەندى . بوۋاي ئۇلۇپ كەتكەندىن كىين روخسار بوۋاي ئۇنىڭغا بەرگەن گۈلگە پات پات قاراپ قوياتتى . گۈل ئاستا – ئاستا قۇرىۋاتقان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ كۆزىگە يەنىلا يۇمران كۇرىنەتتى . تالاي يىگىتلەر ئۇنىڭغا تالاي ئىشلارنى ۋەدە قىلغاندى . بىراق ھىچكىممۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ھەققىدە كىين بىر نىمە دىمىگەندى . لىكىن ھىچقانداق بىر ۋەدە ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئازاپلىشىغا ئۇچۇرىمايدىغان بىر ئادەم ئۇنىڭ كۆڭلىنى سۇيۇندۇردى . بەزىدە ئادەمنىڭ ئەقىلى ۋە ھۆكۆم قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئازىدۇ . ئىغىز دىگەن نىمە ؟ ئۇ پەقەت يالغان گەپ قىلىش ئۇچۇن يارالغان تۈشۈك . شۇڭلاشقا ئادەملەرنىڭ گىپىگە ئەمەس قەلبىگە ئىشىنش كىرەك . ئۇنىڭغا ھۆكۇم قىلىش كىرەك . ئۇ كارۋاتتىن تۇرغىدەك بولغاندا بالسىنى ئەركىلىتىپ نەچچە كۈن باققاندىن كىين يۇرتىغا بىرىشنى ئويلىدى . خەقلەرنىڭ ئۇنى نىمە دىيشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى . ئۇنىڭ ھازىر ئويلىغىنى پەقەتلا ئاتا – ئانسىنىڭ قەۋرىسىنى يوقلاش ئىدى .  كىين ئۆينى قۇلۇپلاپ يۇرتىغا ماڭدى . بىر قولىدا گۆل بىر قولىدا قۇرىغان ئاپپاق ئەتىرگۈلنى تۇتقان روخسار ئاتا ئانىسىنىڭ قەبىرىسىدە يۇكۇنۇپ ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن ئىششىپ كەتكەندى . ئۇ ئورنىدن تۇرۇشتىن بۇرۇن گۆلنى ئاۋايلاپ ئانىسىنىڭ قەبىرىسگە قويۇپ بىر ئۇزۇن خىيال سۇرگەندىن كىين ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىسىغا ياندى ئىز تورى بەك ياخشى
شۇ تاپتا كائىنات قان رەڭگىگە كىرگەن بۇلۇپ بۇنىڭدىن كىينكى ھاياتنىڭ ئۇنى نەگە باشلايدىغانلغىنى ھىچكىم بىلمەيتتى . لىكىن بىر دەستە ئەتىرگۈل . ئانىسىغا ھەم ئۆزىگە تەۋە بولغان بىر دەستە ئەتىرگۈل ئۇنىڭ نەزىرىدە مەڭگۇ سۇلمايتتى  . ھاياتنىڭ بىر چىمدىم پاكلىغغا ۋەكىللىك قىلىدىغان گۈل ئۇنى يىڭى بىر ھاياتقا . يىڭى بىر يولغا باشلايتتى  . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

تۈگدى

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،(ئاخىرسى)بوران114

    بىر خىل بۇرۇقتۇرمۇلۇق،سىسق پۇراق،بىز تىخچە يالىڭاچ،مەن نۇمۇس قىلدىم،ئۆزۈمنى دوزاقتا كۆرگەندەك بولدۇم،يۈركىم بەك تىز-تىز سوقاتتى،نەپسىم سىقلدى،ئاخىرى بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىدىن كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم،قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ ،مىشم قاتتىق چىڭقىلىپ ئاغىريتتى،يەنە كۆز ئا...

  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،،(1)بوران114

    بۇ راسلا مەنكەنمەنغۇ،ساقاللار ئۆسكەن،بىشمدا 80نەچچە تال چاچ،بۇڭ قەيەر،چىراغنى ياقايمۇ ،بولدىلا ھىلمۇ كۈننىڭ نۇرى چۈشۈپتۇ،بىشم قاپاق،كارۋاتتا بىرى ياتاتتى،ئۇ كىم؟بىز بىللە ياتقان ئوخشىمامدۇق،تاماكىغا قول ئۇزاتتىم،ئەمما چەكمىدىم،ئاخشام ئىچكەن،جىقلا ئىچكەن،ن...

  • <<ھېلىقىدەك قىز >>نى سۆيىمەن (پوۋسىت)

    سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ...

  • مېنىڭ پۇت -قولۇممۇ يوق، غېمىممۇ يوق !!

    ناۋادا بىر كۈنى سىز پۇت -قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ،قانداق تاماق يەپ ،كىيىم كىيىپ يول يۈرىسىز ؟ سىز ئۇنىڭدەك ھايات كەچۈرەلەمسىز ؟ 27 ياشقا كىرگەن ئاۋۇستىرالىيىلىك نىك ۋۇجىسس ھەر كۈنى مۇنداق بىر رىئاللىققا دۇچ كىلىدۇ : ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا پۇت-قولى يوق بولوپ...

  • بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە

    { بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە} ھەدەمنىڭ 3 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى مەھلىياغا قاراپ بەكمۇ مەسلىگىم كەلدى ھەم كۆڭلۈمدە:ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرى نىمە دىگەن ئەركىن،نىمە دىگەن غەمسىز ھە؟دەپ ئويلاپ قالدىم. مومام ئۇنى ئۇخلاتقاندا ئېيتىپ بىرىدىغان ئەللەي ناخشىسى...

  • كىچىك بالىلار يامان بۇلۇپ كىتىپتۇ.

    يېقىندا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى قەۋەتكە بىر ھەدەش يېڭىدىن كۈچۈپ كەلدى. ئۇ ھەدەش شۇنچىلىك مودا يۈرۈيدىكەنكى،چەتئەللىك ئاياللار بىكار قالسۇن.ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى قاسىلدىتىپ،سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى لەپەڭشىتىپ بىر ماڭىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،پىششىق-تو...

  • « ئىككى باشلىق مومىيا »

    بۇ توردىن يىغىۋىلىنغان ئەسەر .......

  • ئائىلە ئەخلاقى توغرىسىدا ھېكمەتلەر

    ئائىلە تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىق يامان كەيپىياتنىڭ زەھەرلشىنى قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. _روسسو ئىناق ئائىلە ھاۋاسى دۇنيادىكى بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ مجەز-خاراكېترىنى قەيسەر، ئادىل ۋە تۈز قىلىپ يېتشتۈرۈشتە ئۇنىڭدىن ئىللىق، ئۇنىڭدىن گۈزەل نەر...

  • [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس

    [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس...

  • بۇ دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق !

    بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىدىن ئىشەنچىمىز يوقالمايدۇ ؛ بەلكى ئىشەنچىمىزنىڭ يوقالغانلىقىدىن بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن قىيىن تۇيۇلىدۇ ......