-مەن بىر نەچچە يىلدىلا بۇلۇتقا تاقىشىمەن،- دىسە ، ب كۆچەت :
-لاپ ئۇرما ،يلدا ئاران نەچچە سانتىمىتىرلا ئۆسەلەيىمىز .تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە يەتكەندە بۇلۇتقا تاقىشىدىغان ئوخشايمىز.مىنىڭ بۇ ئىشقا كۆزۈم يەتمەيۋاتىدۇ،-دەپتۇ. س كۆچەت:
-بىر نەچچە يىلدىلا بۇلۇتقا تاقىشىمەن ،دىگەنلىك پەقەتلا قۇرۇق خىيال ،خالاس . مەڭگۈ بۇلۇتقا تاقىشالمايمەن، دەپ ئۈمۈتسىلىنىپ ياشاش تىرىك تۇرۇپ گۆردە ياتقان بىلەن باراۋەر. ئەڭ مۇھىمى ،قانۇنىيەتكە بوي سۇنۇپ ،چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كىرەكلىك ماتىرىيالغا ئايلانساقلا بولدى ،- دەپتۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
شۇنىڭدىن كىيىن نەچچە يىل ئۆتۈپتۇ. ئا كۆچەت ھەدەپ يۇقىرىغا قاراپ ئۆسۈپتۇ ، ب كۆچەت ئۆسۈشكە كۆزى يەتمەي شۇ پىتى تۇرىۋىرىپتۇ ،س كۆچەت بولسا قۇياش نۇرى ۋە نەملىكنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ ،يىلتىزىنى تەرەققىي قىلدىرىپتۇ. ئارىدىن يەنە نەچچە يىل ئۆتۈپتۇ .بىر كۈنى توساتتىن قاتتىق بوران چىقىپ، ئا دەرەخنى نەلەرگىدۇر ئۇچۇرۇپ كىتىپتۇ. ب دەرەخ بوراندا ئۇچۇپ كەلگەن يانتاق ۋە ئەخلەتلەر ئارىسدا كۆمۈلۈپ قالغاچقا ،دىھقان ئۇنى قۇمۇرۋىتىپتۇ . س دەرەخ خۇددى چوققىدىكى قارىغايدەك تىك تۇرۇپتۇ.
ئادەممۇ دەل شۇنداق . ئاساسىي ياخشى بولغان كىشى رىقابەتتەئۈزۈپ چىقالايدۇ.
www.iz.la
كونىلاردا :<<قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرماس >> دىگەن گەپ بار ،شۇڭا ھەرقانداق ئىش قىلماقچى بولغاندا ، ئاساسنى پۇختا سىلىش ھەممىدىن مۇھىم . قورساقتىكى << ئۇماچ>> نىڭ تايىنى يوق لاپ ئۇرۇش ھەم ھىچقانداق ئىشنى قىلالمايمەن ،دەپ ئۈمۈتسىزلىنىپ ياشاش كىشىنى ئوخشاشلا مەغلۇبىيەتكە باشلايدۇ .