يىگىت ئۈندىمەستىن قىزغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى .
بۈگۈن ھاۋا باشقا كۈندىكىگە قارىغاندا خېلىلا سوغۇق ئىدى.ئەتراپ شۇنچلىك جىمجىت...
پەقەت ئىككىسىنىڭ ئاياق تىۋىشىدىن باشقا ھېچنەرسە ئاڭلانمايتى. سۈكۈت...مۇڭ...خىيال...
ئۇلار بۇ يولدا نەچچە قېتىم بىللە مېڭىشقان بولسىمۇ ، بۈگۈن ھەر ئىككىلىسىى ئەتراپقا تويماي قارايتتى . قىز مۇشۇلار ئىچىدىن ئۆزى ئىزدىمەكچى بولغان بىر نەرسىنى تاپماقچى بۇلاتتى ، ھەممە نەرسە قىزغا بۈگۈن باشقىچە كۆرۈنەتتى.ئۇ يىگىتكە پات-پات قاراپ قوياتتى.نىمىشقىكىن تولىمۇ گەپدان بۇ قىز مانا ئەمدى بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلالمىدى.
ھەي ، ھەسرەت!...
www.iz.la
-شۇنداق،ئەتە-يا ئۆگۈن يولغا چىقىمەن.بۇ قېتىم قەتئىي نىيەتكە كىلىپ بولدۇم .
قىز باشقا گەپ قىلاي دېدىيۇ...ئەمما يەنە توختاپ قالدى. تىلىنىڭ ئۇچىغا كىلىپ قالغان گەپلەرنى يۈتىۋىتىشكە مەجبۇر بولدى .
-ئەمىسە بۈگۈن مۇشۇ يەردە ئۇزۇنراق تۇرىۋالساق بۇلامدۇ ؟-قىز يىگىتكە كۆزلىرىنى تىكتى .
-بۇلىدۇ،-دېدى يىگىت ئۆز ىنى سالماق ،ئېغىر تۇتۇشقا تىرىشپ .
بۇ يەر ئۇلار كۈندە نەچچە قېتىم ئۈتىدىغان ،بەزى كۈنلىرى مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدىغان جاي ئىدى . قىز يەنە ئادىتى بۇيىچە يۇلتۇز ساناشقا چۈشۈپ كەتتى .
-ھەممە ئادەم ئۆز بەختىنى ئۆزى بەلگىلىيەلىسە،ئۆزى ئۆزگەرتەلىسە،خالىغان كىشى بىلەن بىللە ئۆتەلىسە نىمىدىگەن ياخشى -ھە!!!
-بۇ مۇمكىن،ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىشى كېرەك،-قىزنىڭ تۇلىمۇ سەبىيلىك ئارلاشقان سۆزلىرىگە يىگىت مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇردى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-بەزى ۋاقىتتا مۇمكىن بولماي قالىدىكەن، سىز سۆيگەن كىشى سىزنى سۆيمىسە...-قىز گىپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى .
يىگىت بۇرۇلۇپ قىزغا قارىدى ، قىزنىڭ كۆز چاناقلىرى ياش تامچىسىغا تولغانىدى .
-ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بۇلىدۇ...
-شۇنداق،سىز مېنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈپ باقمىغان،بىلىمەن،سىز پەقەت مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپلا مېنى ياخشى كۆرگەن بولىۋالغان، ئەمما مەن چوقۇم ئۆزگىرەتتىم. سىز مىنى سۈيۈپ قالغۇچە سىزنى ساقلاشقا رازى ئىدىم ،-قىز تېخىچە ئېسەدەۋاتاتتى .
-ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن،ئەمما...ئەمما مەن سىزنى بەخىتسىز قىلىپ قويىمەن...شۇڭا بىزنىڭ يەنىلا ئايرىلىپ كەتكىنىمىز ياخشى ...-يىگىت قىزنى يىغىدىن قانداق توختىتىشنى بىلمەي قالدى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-بولدى،مەن چۈشىنىمەن...مەن ياخشى قىز ئەمەس...سىز ياخشى كۈرىدىغان قىز ...-قىز توختاپ قالدى .
-قاراڭ،يۇلتۇزلار نېمىدىگەن چىرايلىق...بىرى كەتسە بىر كېلىدۇ،-يىگىت قىزنىڭ تېخىمۇ ئازابلىنىشىنى خالىماي سۆز تېمىسىنى باشقا ياققا ئېلىپ قاچتى .
-ئەمما يەنە شۇ چاقنايدىغىنى بىر-يا ئىككى يۇلتۇز ...-قىز ئاسماندىكى چىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ خىياللارغا چۈكۈپ كەتتى .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-سىز كەتسىڭىز ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ئۇنى ئەمدى ئىزدىمەمسىز؟ئۇنى ئۇنتۇپ كەتمەكچىمۇ سىز؟؟- قىز يىگىت ياخشى كۆرىدىغان قىزنى دەۋاتاتتى . يىگىت قىزغا بۇنى سۆزلەپ بەرگەن ، ئۆزىنى بىر قىزنى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن ئىدى .
-ئۇ،-يىگىت سوغۇق كۈلۈپ قويدى ،-بەلكى بۇ ئۆمرىدە مېنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغنىمنى بىلمەي ئۆتۈپ كىتىشى مۇمكىن .ئۇنى دىسەم زادى كەتكۈم يوق ... لىكىن...
-ئۇ ھەقىقەتەن بەخىتلىك قىز ئىكەن ،-دېدى قىز يىگىت ياخشى كۆرىدىغان قىزغا مەستلىكى كىلىپ ،-مۇھەببەت شۇنداق بۇلىدىكەن ، سىز سۆيگەننى سۆيدۈرمەيدىكەن ، سىز سۆيمىگەننىڭ يۈرىكىگە مۇھەببەت ئۇرىقى سالىدىكەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يىگىتنىڭ خىيالىغا تۇرۇپلا ئۆزى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرىدىغان قىز كىرىپ قالدى...
-راست،ئۇ شۇ تاپتا نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟...
ئۇلار پاراڭلىشىپ قىزنىڭ ئۆيى ئالدىغا كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ سېزىشمىگەنىدى . ئەمدى ئۇلار ئايرىلىدۇ،بەلكى بۇ ئۆمرىدە قايتا ئۇچرىشىش نىسىپ بولماسلىقى مۇمكىن....
قىزنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى ، ئۆزىنى شۇنچە تۇتىۋىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ كۆزلىرىدىن ياشلىرى تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى...يىگىتنىڭ كۆڭلىمۇ بىردىنلا يېرىم بۇلۇپ قالدى .
ئىز تورى بەك ياخشى
-خوش،-دېدى يىگىت .
-خوش ،-دېدى قىز.
ئەمما ھەر ئىككىسى بىر -بىرىگە قارىشىپ جايىدا قىمىر قىلماي تۇرۇپ قېلىشتى .
سۈكۈت...ھەسرەت...ئاچچىق ئايرىلىش...
-سىزدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر نەرسىنى تەلەپ قىلسام بولارمۇ؟-دېدى قىز كۆز ياشلىرىنى تەستە تۇتۇپ .
-قېنى ،دەڭ،-يىگىت يەنىلا شۇنداق تەمكىن تۇراتتى .
-سىزنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم سۆيۈپ قويۇشۇمغا رۇخسەت قىلامسىز؟-دېدى قىز جۈرئەتكە كېلىپ .
يىگىت ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەستىنلا ، قىزنى ئۆزىگە تارتىپ باغرىغا باستى .
قىز ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . يىگىت قىزنىڭ ئارقىسىدىن بىر ھازاغىچە قاراپ تۇرۇپ قالدى .
-خەير ، بەختسىز قىز ،-دەيتتى يىگىت ئۆز -ئۆزىگە پىچىرلاپ ،-ماڭا تۇنجى سۈيۈشنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرغىنىڭغا رەھمەت ،-قاراڭغۇلۇقتىن چىقىۋاتقان سوغۇق شاماللار ئۇنىڭ ئاۋازىنى يىراقلارغا ئېلىپ كەتتى .
-خەير ، بەختلىك بول ! ياخىش كۆرگەن قىزىڭنىڭ ۋىسالىغا بالدۇرراق يىتىشىڭنى تىلەيمەن . ھەرگىز مەندەك ئازاب ، ھەسرەت چىكىپ قالمىغىن ! ،-قىز شۇنداق دەپلا ئۆزىنى كارۋاتقا ئېتىپ بۇغۇلۇپ -بۇغۇلۇپ يىغلاپ كەتتى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئايرىلىش ، ھەي ئايرىلىش !!!