مانا بۇ ھەقىقىي مۇھەببەت~

ۋاقتى:2010-06-12 09:39مەنبە: يوللىغۇچى: ئاي چېھرى چېكىلىشى:قىتىم
   بىر يىگىت بىلەن بىر قىز بۇلۇپ، ئۇلار بىر-بىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى،ئۇلار ئۈچۈن بىر-بىرىدىن ىردەم بولسىمۇ ئايرىلىپ ياشاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
لىكىن قىز باي ئائىلىدىن بۇلۇپ، قىزنىڭ ئۆيدىكىللىرى يىگىتنى"ھىچنىمىسى يوق، نامرات، يالاڭـتۆش، قەلەندەر يىتىمەك ئىكەن"دەپ نەزىرىگىمۇ ئىلىپ قويمىدى. قىزنى بولسا قاتتىق ئەيىپلەپ، مەجبۇرىي ھالدا باي بىرەيلەنگە ياتلىق قىلماقچى بولدى.
قىز قان-قان يىغلىدى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ بۇنداق ھاقارەتلەنگىنىگە ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ قىزنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆمۈرلۈك بەختىگە ئولتۇرماقچى بولغىنىغا چىدىيالمىغان بىچچارە قىز ئاتا-ئاتىنىسى ھەم بارلىق نەرسىلەرنى تاشلاپ يىگىت بىلەن يۇرۇتنى تاشلاپ باشقا يۇرۇتقا چىقىپ كەتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇلار نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاخىرى توي قىلدى. ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمى شۇنچىلىك ئاددىي ئۆتكۈزۈلدى، گەرچە قىز باشقا كىلىنچەكلەردەك ئەڭ چىرايلىق توي كۆڭلەكلەرنى كىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئىسىل ماشىنىدا كۆچۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، قەۋەت ئۆيلەردە ئولتۇرالمىسىمۇ، ياخشى يەپ ئىسىل كىيەلمىسىمۇ، لىكىن ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، يۈرۈگىدىن سۆيىدىغان ئادىمى بىلەن توي قىلغىنىدىن مىڭ مەرتىۋە رازى ئىدى.
يىگىت كۈنلۈك سېتىپ پۇل تاپاتتى. ئۇلار بىر ئېغىزلىق كىچىك ئۆيدە شۇنچىلىك بەخىتلىك، خوشال-خورام ،خاتىرجەم ياشىدى. بىر ناننى تەڭ يىسىمۇ، بىر چىنە سۇنى تەڭ ئىچسىمۇ بىر ئېغىز ۋايساشمىدى،قاخشاشمىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بىر كۈنى قىز تۇيۇقسىز يىقىلدى، يىگىت ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى، دوختۇر يىگىتگە قىزنىڭ ئىنتايىن يامان خارەكتىرلىك كېسەكگە گىرىپتار بولغىنىنى خەۋەر قىلدى، دوختۇرخانىدا داۋالىتىش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىدى.
يىگىتنىڭ شۇ كۈنلۈك سېتىپ تاپقان ئازغىنە پۇلى ھىچقانچە ئەمەس ئىدى، مۇشۇ كۈنلەردە كۈنلۈك ئالىدىغان خېرىدارمۇ يوق ئىدى. يىگىت كۆڭلىدە:"يامغۇر توختىماي ياققان بولسا، كۈنلۈكلەرنى جىق ساتسام،پۇلنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ،ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاتسام،مىنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق..."دەپ ئويلاپ كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياشنىڭ سىرغىپ چۈشكىنىنى سەزمەي قالدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


تەڭرى ئۇنىڭ ئاھىنى ئاڭلىغاندەك، شۇنداق بىر مۆجىزە يۈز بىرىپ چىلەكلەپ قۇيغاندەك شارقىراپ قاتتىق يامغۇر ياغدى، كۈنلۈك ئالىدىغان خېردارنىڭ كۆپلىكىدىن يىگىت ئالدىراش پۇت-قول يەرگە تەگمەي قالدى.ھەتتا قورسىقىغا تاماقمۇ يىمىدى.يامغۇرمۇ توختىمىدى...
كەچ بولدى،ئۇ بىر كۈن تاپقان پۇللىرىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە خوشال ھالدا دوختۇرخانىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى، ئەمما ئۇنىڭ كۆرگىنى بولسا قىزنىڭ جەسستى ئىدى...
يىگىت خۇدىنى يوقاتتى، ئۇ ئەسەبىيلەرچە يۈگۈرۈپ چوڭ يولغا چىقتىدە، ئاسمانغا قاراپ ئۈن سېلىپ يىغلىغىنىچە:"تەغدىر نىمانداق رەھىمسىز، نىمىشقا مىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتمەيسەن،مەن ئەمدى قانداق ياشايمەن..."دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى. يىگىتنىڭ يىغىسى يۈرەكنى ئىزەتتى، يولدىن ئۆتكەنلەر ئۇنى ساراڭمىكىن دەپ قالدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


توساتتىن بىر يۈك ئاپتۇموبىلى تۇرمۇزىنى تۇتالماي يىگىتنى قاتتىق سوقتى، يىگىت قاڭقىپ يولنىڭ ياققىسىدىكى تاشقا بېشى تەككىنىچە دۈم يېتىپ قالدى، يىگىتنىڭ ئۆلىمى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ئىدى...
يامغۇر تېخىچە شارقىراپ يېغىۋاتاتتى، يىگىتنىڭ بېشىدىن چىقىۋاتقان قىپقىزىل قان يامغۇر سۈيىدە كېڭىيىپ يىراقلارغا سىرغىپ ئاقتى، لىكىن يىگىتنىڭ چىرايىدىن بىرخىل خاتىرجەملىك چىقىپ تۇراتتى، بەلكىم ئۇ ئۇ دۇنيادا ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان چىن مۇھەببىتى بىلەن تېز ئۇچۇرشىدىغانلىقىنى ئويلاپ خوشال بولغاندۇ ... ؟
ياخشىكەن
(36)
81.8%
ناچار
(8)
18.2%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • <<ھېلىقىدەك قىز >>نى سۆيىمەن (پوۋسىت)

    سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ...

  • مېنىڭ پۇت -قولۇممۇ يوق، غېمىممۇ يوق !!

    ناۋادا بىر كۈنى سىز پۇت -قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ،قانداق تاماق يەپ ،كىيىم كىيىپ يول يۈرىسىز ؟ سىز ئۇنىڭدەك ھايات كەچۈرەلەمسىز ؟ 27 ياشقا كىرگەن ئاۋۇستىرالىيىلىك نىك ۋۇجىسس ھەر كۈنى مۇنداق بىر رىئاللىققا دۇچ كىلىدۇ : ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا پۇت-قولى يوق بولوپ...

  • بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە

    { بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە} ھەدەمنىڭ 3 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى مەھلىياغا قاراپ بەكمۇ مەسلىگىم كەلدى ھەم كۆڭلۈمدە:ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرى نىمە دىگەن ئەركىن،نىمە دىگەن غەمسىز ھە؟دەپ ئويلاپ قالدىم. مومام ئۇنى ئۇخلاتقاندا ئېيتىپ بىرىدىغان ئەللەي ناخشىسى...

  • كىچىك بالىلار يامان بۇلۇپ كىتىپتۇ.

    يېقىندا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى قەۋەتكە بىر ھەدەش يېڭىدىن كۈچۈپ كەلدى. ئۇ ھەدەش شۇنچىلىك مودا يۈرۈيدىكەنكى،چەتئەللىك ئاياللار بىكار قالسۇن.ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى قاسىلدىتىپ،سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى لەپەڭشىتىپ بىر ماڭىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،پىششىق-تو...

  • « ئىككى باشلىق مومىيا »

    بۇ توردىن يىغىۋىلىنغان ئەسەر .......

  • ئائىلە ئەخلاقى توغرىسىدا ھېكمەتلەر

    ئائىلە تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىق يامان كەيپىياتنىڭ زەھەرلشىنى قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. _روسسو ئىناق ئائىلە ھاۋاسى دۇنيادىكى بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ مجەز-خاراكېترىنى قەيسەر، ئادىل ۋە تۈز قىلىپ يېتشتۈرۈشتە ئۇنىڭدىن ئىللىق، ئۇنىڭدىن گۈزەل نەر...

  • [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس

    [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس...

  • بۇ دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق !

    بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىدىن ئىشەنچىمىز يوقالمايدۇ ؛ بەلكى ئىشەنچىمىزنىڭ يوقالغانلىقىدىن بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن قىيىن تۇيۇلىدۇ ......

  • ناۋادا ئىرادىڭزنى يۇقاتسىڭز

    بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېلىپ بىرىلغان تەجىرىبە. تەجىرىبە ئىشلىگۈچى ھەربىي دوختۇر ، تەجىربە ئوبيېكتى ئۈلۈم جازاسى ئىجىرا قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئەسىر. ھەربىي دوختۇر ئەسىرنىڭ كۈزنى تېڭىپ ،كارۋاتقا باغلىغاندىن كېيىن تۇمۇرىغا بىر تال ئۇكۇل يىڭنىسىنى سانج...

  • ئىنسانىي قەلب

    مىھرى مۇساببەت تەسۋىرلىندۇ...