دادا، ئەمدى سىزدە ئوقۇيمەن

ۋاقتى:2010-06-08 19:46مەنبە: يوللىغۇچى: ئېلى چېكىلىشى:قىتىم
  

(مەتروزى نۇرى)

www.iz.la

ئەقلىمگە كەلسەم بىزنىڭ ئۆيدە دادام، ئانام ۋە مەن ئۈچەيلەن بار ئىكەنمىز. دادام ئائىلىدە ئاساسەن ئىتىز- ئىرىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، ئانام ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىكەن. مەن ھازىر ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرۇس سىنىپىنى پۈتتۈردۈم. ئائىلىدە بىرلا بالا بولغانلىقىمدىنمۇ ياكى ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىسى بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ، ئۆيدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتكە سازاۋەرمەن. مەھەللىدىكىلەر ماڭا ئىززەت- ئىكرام بىلەن مۇئامىلە قىلىشىدۇ. بەلكىم ئۇلار مىنى باشقىچىرەك ئويلىسا كىرەك. ئەمما مەن خىجىللىقتىن ئۆزۈمنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالىمەن. چۈنكى قورساقتىكى ئوماچ ئۆزۈمگە ئايانىدى. دادام 16 يىشىدا ئەترەتتىن بىر قازان ۋە بىر تەلەڭگە مۇكاپات ئاپتىكەن. دىمەك، دادام شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئۆز ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىققان. مەن ھازىرغا قەدەر بىر ئورۇننىڭ بىرەر پارچە تەقدىرنامىسىگىمۇ ئىرىشەلمىدىم. دادام 17 ياش ۋاقتىدا بوز يەرگە سۇ باشلاپ، 200-300 تۈپ كۆچەت تىكىپتىكەن. مەن ئەقلىمگە كىلىپ ھازىرغىچە بىر تۈپ كۆچەت تىككىنىمنى بىلمەيمەن. دادام 22 ياش ۋاقتىدا ئات چىپىپ ئوغلاق ئوينايدىكەنتۇق. مەن توپتوغرا 26 ياشقا كىردىم. مىنىڭ ئۆز پۇلۇمغا ئالغان بىرەر ۋىلىسپىتىممۇ يوق. دادامنىڭ نەزىرىدە دۇنيا ئادەمدىن باشقا، ھايۋانلار بىلەنمۇ گۈزەل، قۇۋانچىلىق بولسا كىرەك، چۈنكى ئۇ ھەرقانداق ھايۋاندىن قورقمايلا قالماستىن، يەنە ئۇلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەپسۇس، مەن سەھرا قوينىدا چوڭ بولۇپمۇ، توخۇ بىلەن قويدىن باشقا ھەممىسىدىن قورقىمەن. دادام ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسىمى دەپ بىلەمدىكىن تاڭ، كۈندۈزگە قانداق مۇئامىلە قىلسا كىچىسىمۇ شۇنداق ئەركىن. ئەمما مەن كەچ كىرىشى بىلەن تالا- تۈزگە چىقىشتىن قورقىمەن. دادام مال سويىدىغان، ئەتىيازلىرى ئۇلاق ئۇلايدىغان ئىشلارنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرۋىتىدۇ.

copyright by www.iz.la


مەن توخۇ بوغۇزلاش تۈگۈل، قەلەم ئۇچلايدىغان بەكىنىمۇ ئوڭلاپ تۇتالمايمەن، دادام خۇشال بولسا، قۇلۇم- قوشنىلارنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە چاي ئىچىپ خۇشاللىقىنى باشقىلار بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىدۇ. ئىچى پۇشۇپ قالسا جەينىمازدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ كىتىدۇ. ئەمما مەن ئۇنداق ئەمەس. خۇشال بولسام، دوستلىرىمنى چاقىرىپ تازا ئىچىمەن، خاپا بولساممۇ ھەم شۇنداق.
دادام مەھەللىدە توي- تۆكۈن بولسا ئۇلارغا كەچكىچە قارىشىپ بىرىپ قايتىدۇ. مەن پولودىن كىيىنلا قايتىمەن. دادام مەھەللىدە بىرەر ئۆلۈم نامىزى بولۇپ قالسا، شۇنداق تۆكۈلۈپ، شۇ ۋاپات بولغۇچىنىڭ تەرىپىنى قىلىپ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ قايتىدۇ. ئەمما مىنىڭ ئۇنداق جايلاردا كۈلۈپ سالمىغىنىمنىڭ ئۆزى بىر ئىش. دادام مەھەللىدىكىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن زىيانغا ئۇچراشقا رازى. دادام بۇنداق ئىشلارنى خالايدۇ، بىراق مەن ئۆزۈمگە زىيان يىتىدىغان بارلىق ئىشلارنى خالىمايمەن. دادام تىخى دۇتار، تەمبۇرلارنى راسا سازلاپ چالالايدۇ، ماڭا سۇناي بەرسە، پۈۋلەپ ئاۋازىنى چىقىرالماسلىقىم تۇرغانلا گەپ. دادام- ئاپام 45 يىل ئۆي تۇتۇپ، ئىجىل ئۆتۈۋاتىدۇ. ئەپسۇس، مەن ئىككى- ئۈچ قىز يەڭگۈشلەپ بولدۇم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دادام يىغقان پۇللىرىنى كۆڭۈلنىڭ ساغلام بولغان خۇشلۇقى، تىنىنىڭ سالامەتلىكى، ھويلا- ئاراملارنى كۆكەرتىش ئۈچۈن خەجلەيدۇ. ئەپسۇس، مەن دادام بەرگەن پۇللارنى كۆڭۈلنىڭ ئەرزىمەس خۇشلۇقى ئۈچۈن خەجلەيمەن. بىلىشىمچە، دادامنىڭ كوچا- كويلاردا بىرەرى بىلەن ئۈنلۈك پاراڭلىشىپ قالغىنىنى بىلمەيمەن، دادام چوڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسا، كىچىكلەرگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەمما مەن ئىككى- ئۈچ كۈندە بىرەرى بىلەن قىزىرىشىپ تۇرىمەن. دادامدىكى بۇ كۆيۈم ۋە مىھرىبانلىقتىن ھەممە بەھىرلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. مەن ئۆزۈمدىن ئارتۇق كىبىرنى يۈدۈپ يۈرىمەن. مەندىكى بۇ ئىنسانىي كەمتۈكلۈكلەرنى دادام ئويلىمىسا كىرەك. 26 ياشلىق بىر يىگىتتە دادىسىنىڭ ياشانغاندىكى ئالامەتلىرىدىن بىرەرسى تىپىلمىسا بۇنىڭدىن كىيىن مەنمۇ ئەر، دادا بولۇپ قالسام قانداق قىلارمەن؟ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
دادام مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتلىقلا بولغان. ئەمما مەن قىلىن- قىلىن كىتاپلارنى ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتىمەن. ئوقۇغان كىتابلىرىمنىڭ ھەم ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى بىلىم ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ. بىلىم دىگەن ھەق بىلەن ناھەقنى، خاتا بىلەن توغرىنى، راسىت بىلەن يالغاننى ئايرىيالىسا، شۇ ھەقىقىي بىلىم ئوخشايدۇ. مەن يىڭىۋاشتىن شۇ جاپاكەش دادامدا قايتا بىر ئوقۇسام بولغۇدەك. مىنى داۋاملىق قىينايدىغىنى دادامدىكى ئىنساني خىسلەتلەرنىڭ مىنىڭ ۋۇجۇدۇمدىن بارا- بارا يىراقلاۋاتقانلىقى... دادا، ئەمدى چوقۇم سىزدە ئوقۇيمەن. ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئۆزۈمنى تارتىمەن.
(ئاپتور: خوتەن ناھىيە لاڭرۇ يىزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى) ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
"مىراس" ژورنىلىنىڭ "2004.6" سانىدىن ئېلىندى
copyright by www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • <<ھېلىقىدەك قىز >>نى سۆيىمەن (پوۋسىت)

    سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ...

  • مېنىڭ پۇت -قولۇممۇ يوق، غېمىممۇ يوق !!

    ناۋادا بىر كۈنى سىز پۇت -قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ،قانداق تاماق يەپ ،كىيىم كىيىپ يول يۈرىسىز ؟ سىز ئۇنىڭدەك ھايات كەچۈرەلەمسىز ؟ 27 ياشقا كىرگەن ئاۋۇستىرالىيىلىك نىك ۋۇجىسس ھەر كۈنى مۇنداق بىر رىئاللىققا دۇچ كىلىدۇ : ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا پۇت-قولى يوق بولوپ...

  • بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە

    { بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە} ھەدەمنىڭ 3 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى مەھلىياغا قاراپ بەكمۇ مەسلىگىم كەلدى ھەم كۆڭلۈمدە:ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرى نىمە دىگەن ئەركىن،نىمە دىگەن غەمسىز ھە؟دەپ ئويلاپ قالدىم. مومام ئۇنى ئۇخلاتقاندا ئېيتىپ بىرىدىغان ئەللەي ناخشىسى...

  • كىچىك بالىلار يامان بۇلۇپ كىتىپتۇ.

    يېقىندا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى قەۋەتكە بىر ھەدەش يېڭىدىن كۈچۈپ كەلدى. ئۇ ھەدەش شۇنچىلىك مودا يۈرۈيدىكەنكى،چەتئەللىك ئاياللار بىكار قالسۇن.ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى قاسىلدىتىپ،سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى لەپەڭشىتىپ بىر ماڭىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،پىششىق-تو...

  • « ئىككى باشلىق مومىيا »

    بۇ توردىن يىغىۋىلىنغان ئەسەر .......

  • ئائىلە ئەخلاقى توغرىسىدا ھېكمەتلەر

    ئائىلە تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىق يامان كەيپىياتنىڭ زەھەرلشىنى قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. _روسسو ئىناق ئائىلە ھاۋاسى دۇنيادىكى بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ مجەز-خاراكېترىنى قەيسەر، ئادىل ۋە تۈز قىلىپ يېتشتۈرۈشتە ئۇنىڭدىن ئىللىق، ئۇنىڭدىن گۈزەل نەر...

  • [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس

    [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس...

  • بۇ دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق !

    بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىدىن ئىشەنچىمىز يوقالمايدۇ ؛ بەلكى ئىشەنچىمىزنىڭ يوقالغانلىقىدىن بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن قىيىن تۇيۇلىدۇ ......

  • ناۋادا ئىرادىڭزنى يۇقاتسىڭز

    بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېلىپ بىرىلغان تەجىرىبە. تەجىرىبە ئىشلىگۈچى ھەربىي دوختۇر ، تەجىربە ئوبيېكتى ئۈلۈم جازاسى ئىجىرا قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئەسىر. ھەربىي دوختۇر ئەسىرنىڭ كۈزنى تېڭىپ ،كارۋاتقا باغلىغاندىن كېيىن تۇمۇرىغا بىر تال ئۇكۇل يىڭنىسىنى سانج...

  • ئىنسانىي قەلب

    مىھرى مۇساببەت تەسۋىرلىندۇ...