ئۈلگە _ ئىنسان ئۈچۈن مەنىۋى يېتەكچى. ئۈلگە ئارقىلىق كىشى دۇنيا قارىشىنى، قىممەت قارىشىنى، تۇرمۇشىنى، ھاياتىنى ئۆزگە رتەلىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى مەسىلە _ ئاشۇ «ئۈلگە»نىڭ قانداق بولۇشى؛ ئاكتىپ ئىدىيىگە ياكى پاسسىپ ئىدىيىگە ۋەكىللىك قىلىشىدا بولىدۇ. ئىنسان ۋۇجۇدى يەنە چەكسىز ھەم سىرلىق ئوكيانغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا بىھېساب نەرسىلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇنى بايقاش، ھېس قىلىش ۋە جارى قىلدۇرۇش كۆپىنچە ھاللاردا شۇ ئىنساننىڭ ئۆزىگە باغلىق بولىدۇ. يەنى ھەرقانداق بىر ئىنسان ۋۇجۇدىدا ئومۇمەن ئوخشاش بولغان، شۇنىڭدەك ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىك ۋە قابىلىيەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىنىڭ بىر مىللەت ئۈچۈنمۇ ئورتاق ئىش ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.
copyright by www.iz.la
ئالدىنقى قېتىم «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى ئەركىن ئەبەيدۇللا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «قابىلىيەت ۋە ئەخلاق _ مىللەتنىڭ پەرۋاز قانىتى» دېگەن تېمىدىكى سۆھبەتتە مەن «زامانىۋى، ئىلغار مىللەتلەر بىلەن بىزنىڭ پەرقىمىز» ھەققىدە توختالغان؛ «زامانىۋى، ئىلغار مىللەت _ ئۆزىدىكى خۇراپاتلىقلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، يوشۇرۇن قابىلىيەتلىرىنى ئاچالايدىغان مىللەت» دېگەن قاراشنى تەكىتلەپ، ئىلغار مىللەتلەردىكى پەزىلەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدىم. شۇ سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەن تولۇقلاشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم مەسىلىنى ھېس قىلدىم. ئۇ بولسىمۇ، ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە _ يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى. چۈنكى بىزنىڭ بۇنداق ئىلغار ئۇسۇلغا ئىگە بولۇشىمىز _ زامان تەلىپىدىكى ئىلغار ئادەم، ئىلغار مىللەتكە تەرەققىي قىلىشىمىزدىكى ئەڭ زور ئەخلاقىي بۇرچ بولۇپ، بۇنداق بىر توغرا ئۇسۇل بولماي (يورۇتۇلماي) تۇرۇپ، بۇ يەردە بېرىلگەن جاۋابتىكى بىر تالاي ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۈنۈملۈك قىلىشقا مۇمكىن بولمايتتى. شۇڭا مەن بۇنى مېڭىمىزدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ باش - بۇرنى ھېسابلاپ، ئوقۇرمەنلەر سەمىگە تولۇقلىما قىلىشنى لايىق كۆردۈم. بۇ ئىشنى مەن مۇبارەك ژۇرنالدىكى ئىلمىيلىكنىڭ تېخىمۇ ئۆسۈپ بېرىشىغا قىلىنغان ئاددىي بىر خىزمەت بولدى، دەپ قارايمەن. سىز ئۆزىڭىزدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى بىلەمسىز؟ يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىشنىڭ ئاكتىپ ئۇسۇلىنى يېتىلدۈردىڭىزمۇ؟ قېنى، سۆھبىتىمىزگە مەرھەمەت قىلغايسىز.