ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېيتقان سۆزى

ۋاقتى:2010-01-21 15:01مەنبە: يوللىغۇچى: مۇسىلىنە چېكىلىشى:قىتىم
  

بىر سائەتلىك دەرس تىڭشاش خاتىرسى ئىز تورى www.iz.la


     سەبىي بۇغۇنلۇرۇم، سىلەر  بىلىم  بېغىدا  شىرنە  يىغىۋاتقان  ھەسەل  ھەرىلىرى، ئېسىڭلاردا  بارمىكىن، سىلەر  ئەمدىلا  مەكتەپ  قوينىغا  قەدەم  باسقان ، مەن  سىلەرنى  تۈنجى  كۆرگەن  چېغىمدا، ئۇماق، غۇبارسىز، پاك، سەبىي، لېكىن، مەكتىپىڭلارنىڭ  نامىنىمۇ  ئوقۇيالمايدىغان، ئوقۇتقۇچۇڭلارنىڭ  ئىسمىنى  ئالماشتۇرۇپ  قويىدىغان،

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئۆز  سىنىپىڭلارنى  تاپالماي، باشقا  سىنىپقا  يۈگۈرۈپ  كىرىپ  كېتىدىغان ، ھاجەتخانىغا  بېرىشنى ئۇنتۇپ  قېلىپ، ئىشتىنىڭلارغا  چىقىرىپ  قويۇدىغان، خېتىڭلارنى  يازالماي  ئۆيگە  كېتىش   غەلۋىسىنى قىلىپ  يىغلايدىغان...گۆدەكلەر  ئىدىڭلار، ھازىر  چوڭ  بولدۇڭلار، خېلى  چوڭ  ھەجىمدىكى  كىتاپلارنى  ئوقۇيالايدىغان، ئادەمنى   قايىل  قىلغۇدەك شېئىر، ماقالىلەرنى  يازالايدىغان ،ئورۇنلۇق  پىكىرلەرنى  بايان قىلالايدىغان  بالىلارغا  ئايلاندىڭلار ، بەزى سۆزلىرىڭلار  خۇددى  چوڭ  ئادەملەرنىڭ  نەسھەتلىرىدەكلا  ئادەمنى  قايىل  قىلغىدەك  ھالغا  يەتتىڭلار. مەكتەپكە  يېڭى  كىرگەن ۋاقتىڭلاردا  كىيىم -كېچىكىڭلارنىڭ تۈگمىسىنى قالايمىقان ئېتىۋاللاتتىڭلار، ئالتە يىل مەكتەپ تەربىيىسىدە تۇرۇپ،كىيم -كېچىكىڭلارنى رەتلىك ،پاكىزە كىيىدىغان، يۇقۇپ قالغان توپىلارنى قېقىۋېتىشنى بىلدىغان ھالەتكە كەلدىڭلار،سىنىپىمىزدا ئىزچىل تۈردە تىرىشىپ ئۆەخنىپ سىنىپىمىزدىكىلا ئەمەس مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئۈلگە بولغۇدەك  ياخشى ئوقۇغۇچىلار يېتىشىپ چىقتى، بۇ سىلەرنىڭ  ،مەكتەپنىڭ ۋە ككيۈمچان ئوقۇتقۇچىڭلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئەلۋەتتە.....سىلەر ئوتتۇرا مەكتەپكە قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىلەر، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ھاياتىڭلار باشلانغۇچ مەكتەپسىلەر ئوتتۇرا مەكتەپكە قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىلەر، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ھاياتىڭلار باشلانغۇچ مەكتەپكىدەك ئاددى بولماسلىقى مۈمكىن، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭلار نۇرغۇنلىغان ئەگرى -توقايلىقلار ئىچىدە ئۆتىدۇ،مەن سىلەردىن ھەسەل ھەرىسىدىن ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەسلىكنى،ئانا تەبىئەتتىن كەڭ قورساقلىقنى، گۈللەردىن گۈزەللىككە ئىنتىلىشنى ۋە گۈزەللىكنى سۆيۈشنى،چۆمۈلىدىن ئۆملۈكنى ۋە ئىشچانلىقنى، بۈركۈتتىن باتۇرانە ھالدا يۇقۇرى ئۆرلەشنى،تاغلاردىن قىيىنچىلىقلار ئالدىدا باش ئەگمەسلىكنى،قارىغايدىن قەيسەر ، چىداملىق ۋە غۇرۇرلۇق بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.شۇندىلا ئاندىن ۋەتەنگە ، خەلققە،  مىللەتكە،مەكتىپىڭلارغا، ئاتا -ئاناڭلارغا، ئوقۇتقۇچى ئۇستازىڭلارغا( ماڭا)...يۈز كېلەلەيسىلەر......تىرىشىپ ئۆەىنىپ ئىلىم -پەننىڭ يۈكسەك چوققىلىرىغا  تىرىشىپ يۈرۈش قىلىۋاتقىنى ،ئىشىنىمەنكى مېنىڭ ئوقۇغۇچۇلۇرۇم، سۆيۈملۈك غۇنچىلىرىم......ئىشىنىڭلاركى مېنىڭ ئۈمىدىم سىلەر......سىلەرنىڭ بەختىڭلارنى ككرۈش مېنىڭ بەختىم...... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

      ئاخىرىدا مەن سىلەرگە مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ماڭا  ھەدىيە قىلغان مۇنۇ بىر جۈملە سۆزنى قالدۇراي...... ھەرقانداق بىر كىشى ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىنى باشتىن كەچۈرگەن بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس كەچمىشلەرنى ،گۈزەل مىنۇتلارنى ئەسكە ئالمايدىغان كىشى بەك ئاز بولسا كېرەك،بولۇپمۇ ئادەمنىڭ ئەڭ پاك، سەبى دەۋرى دەل باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتى......ساۋاقداشلىق مېھرى ئاجايىپ چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك بولغان بىر خىل مېھر...... سىلەردىن كۈتىدىغىنىم بۇ مېھرى -مۇھاببەتنى قەدىرلەڭلار، ئۆزەڭلارنىڭ ئەڭ پاك ، بىغۇبار ۋاقتىڭلارنى قەدىرلەڭلار، بىلسەڭلار ،بۇ بەختلىك مىنۇتلار ئىنسان ھايادىدىكى ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلار بولۇپ، بۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە مەڭگۈ قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ........بۇ ئالتۇندەك قىممەتلىك،  ھېچقانداق غەيرى مەقسەت -مۇدىئالار قوشۇلمىغان پاك، بىغۇبار ،ئالتۇندەك ۋاقىتنى قەدىرلەش ئۆزەڭلارنى قەدىرلەش، ھاياتىڭلارنى قەدىرلەش بولىدۇ......   مەن سىلەرنىڭ چوقۇم شۇنداق قىلالايدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن.....

ياخشىكەن
(41)
91.1%
ناچار
(4)
8.9%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،(ئاخىرسى)بوران114

    بىر خىل بۇرۇقتۇرمۇلۇق،سىسق پۇراق،بىز تىخچە يالىڭاچ،مەن نۇمۇس قىلدىم،ئۆزۈمنى دوزاقتا كۆرگەندەك بولدۇم،يۈركىم بەك تىز-تىز سوقاتتى،نەپسىم سىقلدى،ئاخىرى بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىدىن كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم،قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ ،مىشم قاتتىق چىڭقىلىپ ئاغىريتتى،يەنە كۆز ئا...

  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،،(1)بوران114

    بۇ راسلا مەنكەنمەنغۇ،ساقاللار ئۆسكەن،بىشمدا 80نەچچە تال چاچ،بۇڭ قەيەر،چىراغنى ياقايمۇ ،بولدىلا ھىلمۇ كۈننىڭ نۇرى چۈشۈپتۇ،بىشم قاپاق،كارۋاتتا بىرى ياتاتتى،ئۇ كىم؟بىز بىللە ياتقان ئوخشىمامدۇق،تاماكىغا قول ئۇزاتتىم،ئەمما چەكمىدىم،ئاخشام ئىچكەن،جىقلا ئىچكەن،ن...

  • <<ھېلىقىدەك قىز >>نى سۆيىمەن (پوۋسىت)

    سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ...

  • مېنىڭ پۇت -قولۇممۇ يوق، غېمىممۇ يوق !!

    ناۋادا بىر كۈنى سىز پۇت -قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ،قانداق تاماق يەپ ،كىيىم كىيىپ يول يۈرىسىز ؟ سىز ئۇنىڭدەك ھايات كەچۈرەلەمسىز ؟ 27 ياشقا كىرگەن ئاۋۇستىرالىيىلىك نىك ۋۇجىسس ھەر كۈنى مۇنداق بىر رىئاللىققا دۇچ كىلىدۇ : ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا پۇت-قولى يوق بولوپ...

  • بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە

    { بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە} ھەدەمنىڭ 3 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى مەھلىياغا قاراپ بەكمۇ مەسلىگىم كەلدى ھەم كۆڭلۈمدە:ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرى نىمە دىگەن ئەركىن،نىمە دىگەن غەمسىز ھە؟دەپ ئويلاپ قالدىم. مومام ئۇنى ئۇخلاتقاندا ئېيتىپ بىرىدىغان ئەللەي ناخشىسى...

  • كىچىك بالىلار يامان بۇلۇپ كىتىپتۇ.

    يېقىندا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى قەۋەتكە بىر ھەدەش يېڭىدىن كۈچۈپ كەلدى. ئۇ ھەدەش شۇنچىلىك مودا يۈرۈيدىكەنكى،چەتئەللىك ئاياللار بىكار قالسۇن.ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى قاسىلدىتىپ،سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى لەپەڭشىتىپ بىر ماڭىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،پىششىق-تو...

  • « ئىككى باشلىق مومىيا »

    بۇ توردىن يىغىۋىلىنغان ئەسەر .......

  • ئائىلە ئەخلاقى توغرىسىدا ھېكمەتلەر

    ئائىلە تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىق يامان كەيپىياتنىڭ زەھەرلشىنى قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. _روسسو ئىناق ئائىلە ھاۋاسى دۇنيادىكى بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ مجەز-خاراكېترىنى قەيسەر، ئادىل ۋە تۈز قىلىپ يېتشتۈرۈشتە ئۇنىڭدىن ئىللىق، ئۇنىڭدىن گۈزەل نەر...

  • [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس

    [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس...

  • بۇ دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق !

    بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىدىن ئىشەنچىمىز يوقالمايدۇ ؛ بەلكى ئىشەنچىمىزنىڭ يوقالغانلىقىدىن بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن قىيىن تۇيۇلىدۇ ......