داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆل

ۋاقتى:2009-10-03 09:01مەنبە: تەھىرىر: چېكىلىشى:قىتىم
داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆلەمنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەندىكى ئۆلچەملەر بويىچە بېكىتىلىدۇ : (1) داۋالاش ھەققى : داۋالاشتىكى سەۋەنلىك بىمارغا ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي زىياننى داۋالاش جەريانىدا شەكىللەنگەن بارلىق داۋالاش چىقىمى بويىچە ھېسا
   داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆلەمنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەندىكى ئۆلچەملەر بويىچە بېكىتىلىدۇ : (1) داۋالاش ھەققى : داۋالاشتىكى سەۋەنلىك بىمارغا ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي زىياننى داۋالاش جەريانىدا شەكىللەنگەن بارلىق داۋالاش چىقىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ ، تالۇننى ئاساس قىلىدۇ . ئەمما ئەسلىدىكى كېسەلنىڭ داۋالاش ھەققىنى ئۆزئىچىگە ئالمايدۇ . دەۋا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق داۋالاشقا توغرا كەلسە ، ئاساسىي داۋالاش چىقىمى تۆلىنىدۇ . (2) ئىشقا دەخلى قىلىش تۆلىمى : بىمارنىڭ مۇقىم كىرىمى بولسا ، مەزكۇر بىمار خىزمەتكە چىقالماسلىق سەۋەبىدىن كېمىيىپ كەتكەن كىرىمى تۆلەپ بېرىلىدۇ . كىرىمى ۋەقە يۈز بەرگەن رايۇننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرگە 3 ھەسسىسى بويىچە تۆلەپ بېرىلىدۇ . مۇقىم كىرىمى يوقلارغا مۇشۇ رايۇننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە تۆلەم تۆلىنىدۇ . (3) دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدىكى ئوزۇقلىنىش تۆلىمى : ۋەقە يۈز بەرگەن رايۇندىكى دۆلەت خادىملىرىنىڭ كاماندۇرۇپكا يېمەك - ئىچمەك ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ . (4) باققۇچى ھەققى : بىمار دوختۇرخانىدىكى مەزگىلدە مەخسۇس بىر ئادەمنىڭ قارىشى زۆرۈر بولغانلارغا ، ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بىر يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى بويىچە ھېسابلىنىپ تۆلەم تۆلىنىدۇ . (5) مېيىپلىق تۇرمۇش تۇلۇقلىما پۇلى :مېيىپلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن ، ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش چىقىمى سەۋىيىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ . مېيىپ بولۇپ قالغاندىن تارتىپ ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 يىلغىچە تۆلىنىدۇ . ئەمما 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ 15 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ، 70 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ 5 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . (6) مېيىپلار قوراللىرى سېتىۋىلىش تۆلىمى : مېيىپلار مەلۇم ئىقتىدارلارغا ئېگە بولغان ئەسۋابلارنى ئىشلىتىشى زۆرۈر بولغانلىقتىن ، داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ ئىسپاتى بويىچە ، ئەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل تىپتىكى ئەسۋابلارنىڭ باھاسى بويىچە ھېسابلىنىپ تۆلىتىلىدۇ . (7) دەپنە قىلىش تۆلىمى : ۋەقە يۈز بەرگەن رايۇندىكى بەلگىلەنگەن دەپنە ھەققى بويىچە ھېسابلىنىپ تۆلىتىلىدۇ . (8) بېقىلىۋاتقانلارنىڭ تۇرمۇش پۇلى تۆلىمى : ئۆلگەنلەرنىڭ ياكى مېيىپ بولۇپ قىلغانلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتقان ، ئۆزىنى بېقىش ئىقتىدارى يوق كىشىلەر بىلەن چەكلىنىدۇ ، نوپۇسى تەۋە رايۇندىكى ئاھالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلىدۇ . 16 ياشقا توشمىغانلارنى 16 ياشقا توشقىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىدۇ . 16 ياشقا توشقان ئەمما ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلارنى 20 يىلغىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىشى كېرەك . ئەمما 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋاقتى 15 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . 70 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ 5 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . (9) قاتناش ھەققى : بىمار رىئال تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان قاتناش ھەققى بويىچە ھېسابلىنىدۇ ، تالۇن ئاساس قىلىنىدۇ . (10) ياتاق پۇلى : ۋەقە يۈز بەرگەن رايۇندىكى ئادەتتىكى دۆلەت خادىملىرىنىڭ كاماندۇرۇپكا ياتاق چىقىمى تۇلۇقلىما پۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ ، تالۇن ئاساس قىلىنىدۇ . (11) روھىي زىيان تۆلىمى : ۋەقە يۈز بەرگەن رايۇندىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش چىقىمى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. تۆلەم مەزگىلى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 6 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .بىمار باشقا كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا ، تۆلەم مۇددىتى 3 يىلدىن .ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىمارنىڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ دەۋانى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى قاتناش ھەققى ، ئىشتىن قېلىش ھەققى ، ياتاق ھەققى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بېكىتىلىدۇ . ئەمما ئىككى كىشىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .
ياخشىكەن
(4)
66.7%
ئالقىشلايمەن
(2)
33.3%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قانداق ئەھۋاللاردا ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم قىلمايلا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ ؟

    قانداق ئەھۋاللاردا ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم قىلمايلا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ ؟ 《ئەمگەك قانۇن》 نىڭ79ـماددىسىدىكى بەلگىلىملەرگە ئاساسلانغاندا،ئەمگەك ماجراالىرىرى دىلو ماجرالىرىنى كېسم قىلىش تارمىقىنىڭ كېسىمى، داۋا دىلولىرىدىكى زۇرۇ...

  • توختام تۈزۈشتىكى زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى

    توختام تۈزۈشتىكى زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى ئالاقىدارلاردىن توختام تۈزۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللانىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ قارشى تەرەپكە زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكالرىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك: (1) توختام تۈزۈشنى سۈيئىستىمال قىلىپ، يامان غەرەزدە...

  • توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاش

    توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاشتا ،توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۈلەشنى پۈتۈشكەن-پۈتۈشمىگەنلىكىگە ئاساسەن تۈۋەدىكى ئۇسۇللار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: ئەگەر توختامدا ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى پۈتۈشكەن بولسا،پۈتۈم بويىچە بىر...

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختامى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى (2007-يىل 6- ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەتلىك10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 28-سانلىق يىغىندا ماقۇللاندى بىرىنچى باپ ئومۇمي پىرىنسىپ 1- ماددا: بۇ قانۇن ئەمگەك توختام تۈ...

  • ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام

    ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار توختامنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇشى سەۋەبىدىن ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ زىيان تارتىپ قالىدۇ. مۇتەخەسىسلەر ئىشلەمچىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل توختامغا ئىمزا قويماسلىققا ئاگاھلاندۇردى: 1.ئاغزاكى توختام كىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ: بۇ خى...

  • توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنى ھېسابلاش

    ئەگەر توختامدىكى ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا ، توختام بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . توختام قانۇنىدا ، توختامدىكى قايسى بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغان ۋاقتىدا ئەھۋالغا قاراپ مەلۇم مىقداردا تۆلەم تۆلەيدۇ . ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىم...

  • داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆل

    داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆلەمنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەندىكى ئۆلچەملەر بويىچە بېكىتىلىدۇ : (1) داۋالاش ھەققى : داۋالاشتىكى سەۋەنلىك بىمارغا ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي زىياننى داۋالاش جەريانىدا شەكىللەنگەن بارلىق داۋالاش چىقىمى بويىچە ھېسا...

  • ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپلا چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمى

    ئالىي خەلىق سوت مەھكىمىسى ۋارىسلىق قانۇنى نى ئىجرا قىلىشتىكى بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارالمىلارنىڭ 46 ماددىسىدا : ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىك باھانىسى بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن بېقىش مەجبۇرىيىتىدىن قېچىشقا بولمايدۇ . ئۇنداق ب...