پۇقرالار قانداق مەمۇرىي جازالارنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؟

ۋاقتى:2010-04-28 17:59مەنبە: تەھىرىر:مىرئادىل تۇرسۇن چېكىلىشى:قىتىم
  

پۇقرالار قانداق مەمۇرىي جازالارنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋالىشىش جەريانىدا نامۇۋاپىق مەمۇرىي جازانى رەت قىلىشى ئەدلىيە ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ھەرىكىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىغا قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملارنى تۈزۈپ يولغا قويدى. ‹‹مەمۇرىي دەۋا قانۇنى›› پۇقرالارنىڭ مەمۇرىي دەۋالىشىش جەريانىدىكى ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى. بۇ ‹‹قانۇن››نىڭ 2 – ماددىسىدا: ‹‹پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ۋە مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىمىزگە دەخلى – تەرۇز قىلدى، دەپ قارىسا، بۇ قانۇنغا ئاساسەن خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق›› دەپ بەلگىلەندى ۋە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش دائىرىسى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج، مۇھىت ئاسراش، مائارىپ، مال باھا، شەھەر قۇرۇلۇشى، ج خ ۋە تاموژنا قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتىلدى. دېمەك، ھەرقانداق پۇقرا ياكى قانۇنىي ئىگە مەلۇم ھۆكۈمەت تارمىقىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىمىزگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزدى، دەپ قارىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى

     مەمۇرىي ئورگان بەرگەن مەمۇرىي جازانىڭ قانۇنىي ئاساسى بولمىسا ياكى ئۇنىڭدا قانۇن تەرتىپىگە ئەمەل قىلىنمىغان بولسا، جازالانغۇچى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازانى رەت قىلىپ، ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىسا بولىدۇ:

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

     1. مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يۈرگۈزىدۇ. باشقا مەمۇرىي ئورگانلار بۇ ھوقۇقنى يۈرگۈزمەكچى بولسا، ئالاقىدار كىشى رەت قىلسا بولىدۇ؛ 2. ئالاقىدار كىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ بىر ئىشىغا ئىككى قېتىم ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇشتەك مەمۇرىي جازا بېرىشكە بولمايدۇ؛ 3. 14 ياشقا توشمىغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا مەمۇرىي جازا بېرىشكە بولمايدۇ، بالا ۋەسىيىلىك قىلىدىغان كىشىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە تەربىيىلىنىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ؛ 4.روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ، ئۇ ۋەسىيىلىك قىلىدىغان كىشىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛ .5.مەمۇرىي جەھەتتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىككى يىلغىچە سېزىلمىگەن بولسا مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ، بۇنىڭ مۇددىتى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئۇدا يۈز بەرگەن ياكى داۋاملاشقان بولسا، مۇددىتى ئاخىرقى قېتىم جىنايەت يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل بولىدۇ؛ 6. مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى مەمۇرىي جازا بېكىتىشتىن ئىلگىرى مەمۇرىي جازا بېكىتىشتىكى پاكىت، سەۋەب، ئاساس ۋە ئالاقىدار كىشىنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى تۈرلۈك سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ ئالاقىدار كىشىگە ئېيتمىغان بولسا ياكى ئالاقىدار كىشىنىڭ بايانى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشىنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان بولسا، مەمۇرىي جازا قارارى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ؛ 7. مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى نەق مەيداندا جەرىمانە قويغان بولسا، جەرىمانە قويۇلغان كىشىگە ئۆلكىلىك(ئاپتونوم رايونلۇق)، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مالىيە تارماقلىرى بىر تۇتاش تۈزۈپ تارقاتقان جەرىمانە تالونى بېرىشى كېرەك؛ ئەگەر مالىيە تارماقلىرىنىڭ بىر تۇتاش تۈزۈپ تارقاتقان جەرىمانە تالونىنى بەرمىسە، ئالاقىدار كىشى جەرىمانە تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ 8. مەمۇرىي ئورگانلار ئالاقىدار كىشىلەرگە جەرىمانە قويغاندا، مال – مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلغاندا ساختا جەرىمانە تالونى ئىشلەتكەن بولسا، ئالاقىدار كىشى بۇنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ 9. پۇقرالارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشتەك مەمۇرىي جازا بېرىلگەندە، قانۇن ئىجراچىلىرى نەق مەيداندا مەمۇرىي جازا بېرىشنى قارار قىلىشى، بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە مەمۇرىي جازا قارارنامىسىنى يېزىپ چىقىشى كېرەك؛ 10. قالايمىقان مەبلەغ توپلاش، سېلىق سېلىش، تەستىق سېلىش، رۇخسەت قىلىش، ھوقۇق بېرىش ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان پۇقرالار ۋە ئورۇنلار مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(2)
66.7%
ئالقىشلايمەن
(1)
33.3%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • توختام تۈزۈشتىكى زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى

    توختام تۈزۈشتىكى زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى ئالاقىدارلاردىن توختام تۈزۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللانىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ قارشى تەرەپكە زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكالرىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك: (1) توختام تۈزۈشنى سۈيئىستىمال قىلىپ، يامان غەرەزدە...

  • توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاش

    توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاشتا ،توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۈلەشنى پۈتۈشكەن-پۈتۈشمىگەنلىكىگە ئاساسەن تۈۋەدىكى ئۇسۇللار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: ئەگەر توختامدا ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى پۈتۈشكەن بولسا،پۈتۈم بويىچە بىر...

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختامى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى (2007-يىل 6- ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەتلىك10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 28-سانلىق يىغىندا ماقۇللاندى بىرىنچى باپ ئومۇمي پىرىنسىپ 1- ماددا: بۇ قانۇن ئەمگەك توختام تۈ...

  • ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام

    ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار توختامنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇشى سەۋەبىدىن ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ زىيان تارتىپ قالىدۇ. مۇتەخەسىسلەر ئىشلەمچىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل توختامغا ئىمزا قويماسلىققا ئاگاھلاندۇردى: 1.ئاغزاكى توختام كىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ: بۇ خى...

  • توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنى ھېسابلاش

    ئەگەر توختامدىكى ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا ، توختام بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . توختام قانۇنىدا ، توختامدىكى قايسى بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغان ۋاقتىدا ئەھۋالغا قاراپ مەلۇم مىقداردا تۆلەم تۆلەيدۇ . ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىم...

  • داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆل

    داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆلەمنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەندىكى ئۆلچەملەر بويىچە بېكىتىلىدۇ : (1) داۋالاش ھەققى : داۋالاشتىكى سەۋەنلىك بىمارغا ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي زىياننى داۋالاش جەريانىدا شەكىللەنگەن بارلىق داۋالاش چىقىمى بويىچە ھېسا...

  • ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپلا چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمى

    ئالىي خەلىق سوت مەھكىمىسى ۋارىسلىق قانۇنى نى ئىجرا قىلىشتىكى بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارالمىلارنىڭ 46 ماددىسىدا : ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىك باھانىسى بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن بېقىش مەجبۇرىيىتىدىن قېچىشقا بولمايدۇ . ئۇنداق ب...