

80 -، 90 -يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار كورىيە فىلىملىرىدىن ھۇزۇلىنىش ھېسىياتىدا چوڭ بولىدۇ ، كورىيە فىلىملىرىدىكى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلار ، مېزىلىك تائاملار ، ئېسىل كىيىملەر ، داڭلىق ئاپتوموبىللار ... بىراق ئەمەلىيەتتە بىر يىل ئىچىدە يېڭى كۆكتات يەيدىغانلارمۇ ناھايىتى ئاز بولغاچقا چىلىغان سەي ئۇلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى ئاساسلىق يىمەكلىككە ئايلانغان ، كورىيەدە يەنە گۆش باھاسىمۇ ناھايىتى قىممەت . يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ، كورىيە فىلىملىرىدىكى ئەنە شۇ ئېسىل كۆرۈنۈشلەر كورىيەلىكلەرنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىغا ئوخشاشمايدۇ . ئۇنداقتا كورىيەلىكلەرنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى زادى قانداق ؟ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

شەھەر مەركىزىدىن چىقىپلا 30 مىنۇت ماڭسىڭىز ، شەھەردىكىدەك ئىگىز بىنالارنى كۆرەلمەيسىز ، پاكار -پاكار ئۆيلەر ۋە توپىلىق يوللار كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ . بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ ، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ ، ھەقىقىي سەھرا مۇھىتىدىن بەھىر ئالىسىز .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

كورىيەلىك دېھقانلار ئاساسلىق گۈرۈچ تېرىيدۇ ، گۈرۈچ بولسا كورىيەنىڭ بىر كۈنلۈك تامىقىدا كام بولسا بولمايدىغان يىمەكلىك تۈرى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

كەنت ئېغىزىدىكى چوڭ تاشقا كەنتنىڭ ئىسمى يېزىلىدۇ ، لېكىن كەينىدىكى لوزۇنكىغا يېزىلغان خەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقالمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن ، بۇ لوزۇنكىدىكى مۇشۇ كەنتتىكى مەلۇم بىرەيلەننىڭ ئوغلىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلەپ يازغان خەت بولۇپ ، كورىيەدە ھازىرمۇ بىرەيلەننىڭ خۇشاللىقىغا ھەممەيلەن جۈر بولۇشتەك ياخشى ئادەت داۋاملىشىپ كەلگەن . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

