قايسى كۈنى تۈگەپ كەتتى بىر خوشنام ،
كىرگەن ئىدى ئوتتۇز بەشكە ئەمدىلا .
ئۆزى قاۋۇل ئېسىل ئىدى شۇنچىلىك ،
ئەمما بىرخىل يۈرەر ئىدى غەمدىلا . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇقسام كىيىن ساق ئىكەنتۇق بىتاپسىز ،
تۇيۇقسىزلا تۈگەپ قاپتۇ ئۆيىدە .
ئارزۇسى شۇ ئانىسىنى ئەكىلىپ ،
كۈتۈشىتىكەن قېلىن مەخمەل كۆرپىدە . www.iz.la
ئۆلۈم شۇنداق ئەگىپ يۈرەر يېنىمىزدىلا ،
ئامالى يوق بەندىلەرنىڭ بۇنىڭغا .
ئېلىپ كىتەر ھەممىمىزنى بىركۈنى ،
باقماس ئۆلۈم ھېچكىمنىڭمۇ رايىغا . www.iz.la
ساۋابى بار ياخشىلىقنىڭ ھەرجايدا ،
يىتىم - يېسىر مىسكىنلەرنى يۆلەيلى .
قادىر ئەمەس مال - دۇنيا ،پۇل ئىنسانغا ،
ئىنساپ بىلەن شۈكۈر ئېيتىپ يۈرەيلى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن