ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئەنگلىيەلىك ۋولتون ئەر–ئايال 1983–يىلى تۇغماسلىق كېسىلىنى داۋالاتقاندىن كېيىن ، ئۇزاق ئۆتمەي بىراقلا ئالتە كېزەك قىز تۇغقان .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالتە كېزەك دۇنيادىكى تۇنجى بولۇپ ھەممىسى ھايات قالغان قىز كۆپ كېزەك بوۋاقلار بولۇپ قالغان . ئالتە كېزەك تۇغۇلغاندىن كېيىن كۆپلىگەن داڭلىق ئېلان شىركەتلىرى ئۇلارنى ئېلان ئىشلەشكە تاللىغان ، لېكىن ۋولتون ئەر–خوتۇن قىزلىرى ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئېلان ئىشلەشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 27 يىل ئۆتۈپ كەتتى ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئالتە كېزەك بۈگۈنكى كۈندە بىر– بىرسىدىن چىرايلىق چوڭ بولۇپ ، ئالتە كېزەكنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوغۇل دوستلىرى بار بولدى . 60 ياشتىن ئاشقان ۋولتون ئەر–خوتۇننىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى شۇكى ، قىزلىرى بالدۇرراق ئۆي–ئوچاقلىق بولسا ، ئۇلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۆرۈشتىن ئىبارەت . www.iz.la



