بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
‹‹ يىلان ئوينىتىش ›› جەنۇبىي ئاسىيادا مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى سىند ئۆلكىسىگە ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك پۈتۈن بەدىنىنى يىلان چىرمىۋالغان سەرگەردان سەنئەتكارلارنى كۆرەلەيدۇ ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى يىلانلار نەي مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇل ئويناپ ، ئىگىسىگە تاپاۋەت قىلىپ بېرىدۇ . بۇ سەنئەتكارلار دەل جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قەدىمىي ھەم ئاجايىپ توپ — ‹‹يىلان ئويناتقۇچىلار›› دۇر. copyright by www.iz.la
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تارىختىكى ‹‹يىلان ئويناتقۇچىلار›› توختىماي كۆچكەن ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان تېخى ئايرىلمىغان چاغدا ، ھازىرقى ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھىرىدىن پاكىستاننىڭ پېشاۋر شەھىرىگىچە بولغان ھەممىلا يەردە ‹‹يىلان ئويناتقۇچىلار›› نىڭ ئىزىنى كۆرگىلى بولاتتى .
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70–يىللىرىدىن باشلاپ ، پاكىستان ھۆكۈمىتى سىند ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى مەخسۇس بىر پارچە يەرنى ‹‹يىلان ئويناتقۇچىلار›› قەبىلىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ئاجرىتىپ بېرىپ، مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋارىسلىق قىلىنغان بۇ سەنئەت شەكلىنى داۋاملاشتۇردى. ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
‹‹يىلان ئويناتقۇچىلار›› توپى قەبىلە دەپ ئاتالغان ، چۈنكى بۇ خىل ئويۇن سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئۆزگىچە ئۆرپ–ئادەت ۋە مۇراسىملارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ راۋاجلاندۇرغان . ھەر قېتىم ‹‹يىلان ئويناتقۇچىلار›› جەمەتىدە ئوغۇل بوۋاق دۇنياغا كەلگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ تېنىگە بىر قانچە تامچە زەھەرلىك يىلان سۈيىنى تېمىتىدۇ . ‹‹يىلان ئويناتقۇچىلار›› بۇنىڭ بالىنىڭ تۇغۇلۇپلا يىلاننىڭ خاراكتېرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشىگە ھەمدە بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يىلان ئوۋلاش — ‹‹يىلان ئويناتقۇچىلار›› نىڭ ئائىلىسىنى قامداشتىكى قابىلىيىتى، ‹‹يىلان ئويناتقۇچىلار›› قەبىلىسىدىكى ئوغۇللارنىڭ چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسىمۇ دەل ئۆزى مۇستەقىل تاغقا كىرىپ بىر يىلان تۇتۇپ چىقىشتۇر . ‹‹يىلان ئويناتقۇچىلار›› نىڭ نەزەرىدە، يىلان ئوۋلاشنى بىلمەيدىغان يىگىتلەرنىڭ توي قىلىش سالاھىيىتى يوق ، ئۇلار قىزلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن ، يەنە مەڭگۈ ئۆي–ئوچاقلىق بولالمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەسەبىنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرگەن ‹‹نانقېپى›› دەپ قارىلىدۇ . ھەر قېتىم باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان پەسىلدە ، ‹‹يىلان ئويناتقۇچىلار›› تەرەپ–تەرەپكە قاتراپ يىلان ئىزلەيدۇ . ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ، ئوۋلاشتىن بۇرۇن ئۇلار يىلان بىلەن ‹‹سۆزلىشىپ›› پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قوغدايدىغانلىقى ، بىر يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بېرىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
