«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى»گە «يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش»

ۋاقتى:2011-06-06 12:41مەنبە: تەھىرىر:uygur214 چېكىلىشى:قىتىم
  
«يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش» ـــ «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى»نىڭ مۇھىم تەرتىپلىرىنىڭ بىرى. ئېنىقكى، بۇ ئويۇن ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرى كۈچلۈك، سەنئەت تۈسى قويۇق پائالىيەت. مەشرەپلىرىمىزنىڭ بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلىشىدە بۇ تۈرنىڭ رولى تولىمۇ زور بولغان.
مەلۇمكى، بىر مىللەتنىڭ ھەر قانداق بىر سەنئەت شەكلى، بولۇپمۇ خەلق سەنئىتى تۈرىگە تەۋە مەدەنىيەت شەكىللىرى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا، ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ، مەزمۇن جەھەتتىن بېيىيدۇ، شەكىل جەھەتتىن رەڭدارلىشىدۇ، تاكامۇللىشىدۇ. جۈملىدىن مەشرەپلىرىمىزمۇ شۇنداق. خەلق سەنئىتىگە مەنسۇپ مەشرەپلىرىمىزنىڭ پەيدا بولغاندىن تارتىپ، بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىشىنى، ئاددىيلىقتىن - مۇرەككەپلىككە، تېيىزلىقتىن-چوڭقۇرلۇققا، مۈجمەل، مەۋھۇملۇقتىن، روشەن جەزبىدارلىققا ئىگە بولۇشىنى ئەينى دەۋرلەردىكى مەشرەپ ئەھلىلىرىنىڭ ھەر بىر مەيدان مەشرەپ ئۆتكۈزگەندە، مەشرەپكە يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىپ، مەشرەپلىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئۈزۈلمەس ئېقىن ھاسىل قىلىشتەك ئۆرنەك ياراتقانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
نېمە ئۈچۈن ھەر بىر مەيدان مەشرەپ ئۆتكۈزگەندە «يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش»نى مەشرەپنىڭ مۇھىم بىر تەرتىپى دەيمىز؟ چۈنكى، بىر مەيدان مەشرەپ تاماملىنىپ، يەنە بىر مەيدان مەشرەپ باشلانغىچە ئەسلىدىكى مەشرەپ ئەھلىلىرىنىڭ بىر قىسىملىرى ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەبلەر بىلەن كەملىشى، ياشلارنىڭ بەردەم يېتىلىپ، جامائەتكە قوشۇلۇش تەلىپى، مۇھىمى، گۈزەل ئەخلاق-تەربىيە، ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئۈزۈپ قويماسلىق قاتارلىقلار ئۇنىڭ مۇھىم تەرتىپ بولۇشىنى تەقەززا قىلغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، تارىختىن بۇيان مەشرەپكە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئەزالار مەشرەپنى داۋاملاشتۇرغۇچى، شۇنداقلا دەۋرلەردىن-دەۋرلەرگە ئۇلىغۇچىلار بولغان.
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، مەشرەپكە «يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش» مۇئەييەن قائىدە-يوسۇن، تەرتىپ-ئىنتىزام، شۇنداقلا بەلگىلىك جامائەت ئەخلاقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. يەنى شۇ دائىرىدە ياكى شۇ يۇرتتا يېتەرلىك ئەقىل-پاراسەت، ئىنساپ-دىيانەت، خۇلق - لاتاپەت، غەيرەت-شىجائەت ۋە ئەخلاق - پەزىلەتنى ۋۇجۇدىدا ھازىرلىغان، ئەل نەزىرىگە چۈشكەن، قۇرامىغا يېتىپ، يۇرت ئىشلىرىدا دادىللىقنى، ھەق-ناھەقتە ئادىللىقنى ياقلىيالايدىغان، ھالال ئەمگىكى بىلەن ئەل ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدىغان يۈرەكلىك ئەزىمەتلەر مەشرەپ سورۇنىنىڭ ئۆزىدىلا سىنىلىپ، مەشرەپ ئەھلىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەشرەپكە قوبۇل قىلىنىپ، ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ بىر گۈلى سۈپىتىدە مەشرەپ سورۇنىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
خەلقىمىزدە «بالاڭنى مەكتەپكە بەر، مەكتەپتىن ئېلىپ مەشرەپكە بەر» دېگەن گەپ بار. شۇ بويىچە ئوغلى چوڭ بولغانلار بالىسىنى ئەدەپ - ئەخلاق ئۆگەنسۇن، جامائەت ئىشلىرىغا پىشسۇن دېگەن مەقسەتتە مەشرەپكە بېرىدۇ. مەشرەپ ئەھلى ئۇنى قائىدە بويىچە سىنايدۇ. مەسىلەن: مەشرەپكە قوبۇل قىلىنغۇچىدىن «ئادەم بىرەر نەرسە تاللىغاندا، كۆز بىلەن كۆڭۈل ئوتتۇرىسىدا كەسكىن تاللاش بولىدۇ. سېنىڭچە كۆزگە ياققىنى كۆڭۈلگە، كۆڭۈلگە ياققىنى كۆزگە ياقمىسا، ئۇنداقتا كۆز ئىشەنچىلىكمۇ، كۆڭۈلمۇ؟» دەپ سورالسا، چېچەن يىگىت «كور كۆزدىن كۆڭۈل، ئالا كۆڭۈلدىن كۆز ئىشەنچلىك» دەپ جاۋاب بېرىپ، مەشرەپ ئەھلىنى قايىل قىلىپ ئالقىشلىنىدۇ. بۇنداق مەنىلىك سوئال، چېچەن جاۋابلار باشقىلارنى، بولۇپمۇ ئىنتىلىش كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلارنى تەربىيەگە ئىگە قىلىدۇ.
مەشرەپكە «يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش»نىڭ شەكىل ۋە ئۇسۇللىرى شۇ ئورۇن، شۇ سورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن. دېمەكچىمەنكى، مەشرەپكە «يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مەشرەپ تەرتىپىنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەھەتتە ھەر قايسى دەۋرنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ جانلىق، كونكرېت، قىزىقارلىق ھەم قايىل قىلارلىق تۈستە بېيىپ كەلگەنلىكى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە.
خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قەرز سۈيلەش تاكتىكىلىرى

    قەرز سۈيلەش تاكتىكىلىرى ئېلىشقا تىگىشلىك پۇلنى سۈيلەپ قايتۇرىۋېلىش نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر ئىش. قەرز ئىگىلىرى پۇل دېسەڭ يوق، ئالساڭ ئىسسىق جان بار دەيدىغان مۇشۇنداق لەۋزىدە تۇرمايدىغان قەرزدارلار ئالدىدا بەزىدە ناھايىتى ئىلاجسى...

  • ‹‹قەشقەر تەسىراتلىرى›› ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمسىى داغدۇغلۇق ئىچىلدى

    2010- يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە سارىيدا قەيسەر ھىسامدىنىڭ قەشقەر تەسراتلىرى ماي بوياق ئەسەلىرى كۆرگەزمىسى داغدۇغلۇق ئىچىلدى. ئىچىلىش مۇراسىمىغا قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسى...

  • ‹‹قەشقەر تەسىراتلىرى›› ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمسىى

    قەشقەر تەسىراتلىرى ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمسىى قەشقەر تەسىراتلىرىقەيسەر ھېسامدىنماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمسىى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە سارىيدا ئۆتكۈزۇلىدۇ، بۇقىتىملىق كۆرگەزمە11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇكەڭ خەلىق ئاممىس...

  • 2010-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 100 ئۇنىۋېرسىتنىڭ رەت تەرتىپى ....

    2010-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 100 ئۇنىۋېرسىتنىڭ رەت تەرتىپى .......

  • غايىپ بولغان دۇنيادىكى ئون چوڭ مەدەنىيەت

    چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ، ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئارخىئولوگ ۋە تارىخچىلار نۇرغۇن قان-تەرلىرىنى سەرپقىلدى، تارىخنى ئەسلىگىنىمىزدە ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان نۇرغۇن ئەگىر-توقايلىق ۋە كۆچۈشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلى...

  • دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىردىن _ بۇددالا سارىيى

    ئورنى: جۇڭگو شىزاڭ لىخاسا شەھىرىدىكى قىزىلتاغدا ياسالغان ۋاقىت: مىلادى 7-ئەسىر باھا: دۇنيادىكى داڭلىق 10 چوڭ توپا-تاش قۇرۇلىشىنىڭ بىرى. قۇرۇلۇش ، رەسساملىق، دىن بىر گەۋدە قىلىنغان سىرلىق ئوردا دېڭىز يۈزىدىن 3770 مېتىر ئىگىزلىكتىكى قىزىلتاغدا قەد كۆتۈرۈپ ت...

  • شىنجاڭدىكى كۆپ خىل تىل خاتىرىلەنگەن قەدىمكى يېزىقلار

    قەدىمكى دەۋرلەردە شىنجاڭ غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، زامانىسىدىكى خەلقئارا سودا – مەدەنىيەت چوڭ بازىرى ئىدى. شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى، يەر ئاستىدىن بايقالغان تارىخىي ماددىي پاكىتلار، مەدەنىيەت – سەنئەت دۇردانىلىرى...

  • نورۇزلۇق ئوۋ پائالىيىتى ئاقچى ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى

    3-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگونىڭ بۈركۈت ماكانى دەپ نام ئالغان شىنجاڭ ئاقچى ناھىيىسى سۇمتاش يېزىسىدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كوللېكتىپ ئوۋ پائالىيىتى ۋە ئوۋ بۈركۈتلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . يەرلىك قىرغىز ئوۋچىلىرىنىڭ قولىد...

  • پىچان ناھىيىسى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئايانماي مەبلەغ سالدى

         ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبىراھىم خەۋىرى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، پىچان ناھىيسى مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ ، مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، مەدەنىيەت ئارقىلىق پىچاننى تەشۋىق قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى .        ب...

  • شايارلىق پىشقەدەم ھۈنەرۋەن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدە

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەد سەمەد خەۋىرى : يېقىندا، شايارلىق 80 ياشلىق پېشقەدەم ھۈسەن مەمەت 3 – تۈركۈمدىكى ۋەكىللىك خاراكتېردىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارسىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى . بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە نىسبەتەن بىردىنبىر دۆ...

  • شىنجاڭدىكى تۇنجى گىلەم مۇزېي خوتەن ناھىيىسىدە ئېچىلدى

    يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمى      17 – ئاۋغۇست ، شىنجاڭدىكى تۇنجى گىلەم مۇزېي خوتەن ناھىيىسىدە ئېچىلدى . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەمەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي مۇزېينىڭ يۇپۇقىنى ئاچتى . كۆرگە...

  • ئۆچمەس ئىزلار ئارقىلىق نۇرلىنىۋاتقان ھايات

        مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زور ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ، بۇ خىزمە...