تويدىن بۇرۇن ئۆي سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىڭ...

ۋاقتى:2011-06-06 12:45مەنبە: تەھىرىر:uygur214 چېكىلىشى:قىتىم
  

ھازىر نۇرغۇن ياشلار توي قىلىشتىن بۇرۇن ئورتاق تىرىشىپ، يىغىش قىلىپ، بىرلىكتە ئۆي سېتىۋېلىۋاتىدۇ. لېكىن، ئۆينى كىمنىڭ نامىدا ئېلىش بۇ بىر مۇھىم مەسىلە. چۈنكى توي قىلغاندىن كېيىن، ياكى توي قىلىشتىن بۇرۇن، ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا زىددىيەت بولمايدۇ، دەپ ھېچكىم ئېيتالمايدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

قىز-ئوغۇللار ئۆز ئارا ئارىلىشىپ مىجەزى كېلىشكەندىن كېيىن توي قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنى ئويلايدۇ. ھازىر نۇرغۇن شەھەرلىك ياشلار مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدە، بىرلىكتە ئۆي سېتىۋېلىشقا تىرىشىدىغان بولدى. ئەمما، تويدىن كېيىن قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى كىم بولسۇن! ناۋادا تاسادىپىي بىر تەرەپ توي قىلىش نىيىتىدىن يېنىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسىچۇ؟ ئۆي سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىدارلىق كىنىشكىسىگە كىمنىڭ ئىسمىنى يېزىش كېرەك؟ سېتىۋالغان ئۆينىڭ قەرزىنى كىم قايتۇرىدۇ؟... دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى ياشلار ئەستايىدىل ئويلىشىشى لازىم. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

تويدىن بۇرۇن ئۆي سېتىۋالغاندا، ئۆي ئىگىدارلىق كىنىشكىسىگە كىمنىڭ ئىسمىنى يېزىشنى ياخشى مەسلىھەتلىشىش كېرەك. «يېڭى نىكاھ قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، تويدىن ئىلگىرىكى مال-مۈلۈك ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولىدۇ. توي قىلىش سەۋەبلىك تويدىن بۇرۇنقى مال-مۈلۈك ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مۈلكى بولۇپ قالمايدۇ. ئەمما ئورتاق بولۇش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن بولسا، بۇ ئۇنىڭ سىرتىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ. كەسپى خادىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تويدىن ئىلگىرى سېتىۋالغان ئۆيگە ئىككى تەرەپ ئورتاق پۇل چىقارغان، ئەمما ئۆي ئىگىدارلىق كىنىشكىسىگە بىر تەرەپنىڭ ئىسمى يېزىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپ يۈز كېلەلمەسلىك ياكى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى ئويلاپ ئۆي ئىگىدارلىق كىنىشكىسى ياكى ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە ئۆزىنىڭ ئۆي-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلمىغان ئەھۋالدا، ناۋادا تويدىن كېيىن ئىككى تەرەپ كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئاجرىشىپ مال-مۈلۈكنى ئايرىيدىغان ئەھۋال يۈز بەرسە، يەنە بىر تەرەپنى قانۇن قوغدىمايدۇ. دېمەك بۇنىڭدا يەنە بىر تەرەپ پايدىسىز ئورۇندا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئەمەلىيەتتە ئۆي سېتىۋالغاندا مەيلى يېڭى ياكى نىمكەش ئۆي بولسۇن ئۆي ئىگىدارلىق كىنىشكىسىدە چوقۇم ئىككى تەرەپنىڭ ئىسمى بولۇشى لازىم. ئۆي ئىگىدارلىق كىنىشكىسىگە ئىككى ئادەمنىڭ ئىسمى يېزىلغاندا، بۇلار چوڭ ۋە كىچىك مۈلۈك ئىگىسى دەپ ئايرىلىدۇ. ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپ ئۆزىگە تەئەللۇق ئۈلۈشىگە ئاساسەن مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ياكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسا، بۇنىڭدا تالاش-تارتىشمۇ كۆرۈلمەيدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ياشلارنىڭ ئۆي سېتىۋالىدىغانغا يېتەرلىك پۇلى بولمىغاچقا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمىگە تايىنىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆي سېتىۋالغاندا، ناۋادا ئۆي كىنىشكىسىگە ئىككى تەرەپنىڭ ئىسمى يېزىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئايرىم بىر كېلىشىم تۈزۈلۈشى كېرەك. چۈنكى، ئىككى تەرەپ ناۋادا ئاجرىشىپ كەتسە، ھېچقانداق كېلىشىم ياكى ئىسپات بولمىغان ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىسىنىڭ چىقارغان مەبلىغى ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ ئىگىدارلىقىغا تەۋە دەپ قارىلىپ، ئاتا-ئانىسى بۇ پۇلنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى ئاتا-ئانىسى ياردەم قىلسۇن ياكى دوست-بۇرادەرلىرىدىن قەرز ئالسۇن، قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى مەبلەغ چىقارغان تەرەپنى چوقۇم ئېنىق ئىزاھلاپ قويۇش، كېيىنكى تالاش-تارتىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

تويدىن ئىلگىرىكى ئۆي-مۈلۈكنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش ياكى كېلىشىم تۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم. ياشلارنىڭ تويدىن ئىلگىرى ئۆي سېتىۋېلىشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۆي-مۈلۈكنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشى ياكى كېلىشىم تۈزۈۋېلىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ئەتە نېمە ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم قانۇننىڭ قوغدىشى بولۇشى كېرەك. كەسپى مەسلىھەت بەرگۈچىلەر، ئىككى تەرەپنىڭ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى بېكىتىلىشتىن بۇرۇن، تويدىن بۇرۇنقى مال-مۈلۈكنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش ياكى ئورتاق كېلىشىم تۈزۈش لازىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ. چۈنكى، ناۋادا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، بۇلار ئوتتۇرىغا قويىدىغانغا ئىسپات بولۇپ، كېيىنكى ئۆي-مۈلۈك ماجراسىدىن قۇتۇلۇپ قالغىلى بولىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

نۆۋەتتە، بانكىلارنىڭ شەخسىلەرگە ئۆي قەرز پۇلى بېجىرىشنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىنتايىن چىڭ. توي قىلمىغان ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى كۆپ بولۇپ، سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىرىنىڭ قولىدا بىر قانچە خىل ئىناۋەت كارتىسى بار. ناۋادا ئۇلار كارتىنى ئىشلىتىپ چىقىم قىلىۋېرىپ، ۋاقتىدا قايتۇرمىسا، ئىشەنچىسىز دېگەن قارا تىزىملىككە كىرىپ قېلىپ، قەرز ئېلىشى تەسكە توختايدۇ. توي قىلمىغان ياشلار قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالغاندا، بىر تەرەپنىڭ ئارخىپىغا ئىشەنچىسىز دېگەن قارا تىزىملىك خاتىرىلىنىپ قالسا، بۇ تەرەپ قەرز پۇلى بېجىرەلمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا قەرز ئېلىش يەنە بىر تەرەپكە يۈكلىنىپ قالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالىدىغان ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى قانۇنلۇق جۆرە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەھۋالدا، چوقۇم كېلىشىم تۈزۈۋېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ قەرز ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش لازىمكەن. بۇنداق بولغاندا ناۋادا بىر تەرەپ قەرزنى قايتۇرالمىسا ياكى بۇ يۈكنى زىممىسىگە ئالالمىسا، يەنە بىر تەرەپ بانكىنىڭ قەرزىنى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(7)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قەرز سۈيلەش تاكتىكىلىرى

    قەرز سۈيلەش تاكتىكىلىرى ئېلىشقا تىگىشلىك پۇلنى سۈيلەپ قايتۇرىۋېلىش نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر ئىش. قەرز ئىگىلىرى پۇل دېسەڭ يوق، ئالساڭ ئىسسىق جان بار دەيدىغان مۇشۇنداق لەۋزىدە تۇرمايدىغان قەرزدارلار ئالدىدا بەزىدە ناھايىتى ئىلاجسى...

  • ‹‹قەشقەر تەسىراتلىرى›› ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمسىى داغدۇغلۇق ئىچىلدى

    2010- يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە سارىيدا قەيسەر ھىسامدىنىڭ قەشقەر تەسراتلىرى ماي بوياق ئەسەلىرى كۆرگەزمىسى داغدۇغلۇق ئىچىلدى. ئىچىلىش مۇراسىمىغا قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسى...

  • ‹‹قەشقەر تەسىراتلىرى›› ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمسىى

    قەشقەر تەسىراتلىرى ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمسىى قەشقەر تەسىراتلىرىقەيسەر ھېسامدىنماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمسىى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە سارىيدا ئۆتكۈزۇلىدۇ، بۇقىتىملىق كۆرگەزمە11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇكەڭ خەلىق ئاممىس...

  • 2010-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 100 ئۇنىۋېرسىتنىڭ رەت تەرتىپى ....

    2010-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 100 ئۇنىۋېرسىتنىڭ رەت تەرتىپى .......

  • غايىپ بولغان دۇنيادىكى ئون چوڭ مەدەنىيەت

    چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ، ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئارخىئولوگ ۋە تارىخچىلار نۇرغۇن قان-تەرلىرىنى سەرپقىلدى، تارىخنى ئەسلىگىنىمىزدە ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان نۇرغۇن ئەگىر-توقايلىق ۋە كۆچۈشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلى...

  • دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىردىن _ بۇددالا سارىيى

    ئورنى: جۇڭگو شىزاڭ لىخاسا شەھىرىدىكى قىزىلتاغدا ياسالغان ۋاقىت: مىلادى 7-ئەسىر باھا: دۇنيادىكى داڭلىق 10 چوڭ توپا-تاش قۇرۇلىشىنىڭ بىرى. قۇرۇلۇش ، رەسساملىق، دىن بىر گەۋدە قىلىنغان سىرلىق ئوردا دېڭىز يۈزىدىن 3770 مېتىر ئىگىزلىكتىكى قىزىلتاغدا قەد كۆتۈرۈپ ت...

  • شىنجاڭدىكى كۆپ خىل تىل خاتىرىلەنگەن قەدىمكى يېزىقلار

    قەدىمكى دەۋرلەردە شىنجاڭ غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، زامانىسىدىكى خەلقئارا سودا – مەدەنىيەت چوڭ بازىرى ئىدى. شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى، يەر ئاستىدىن بايقالغان تارىخىي ماددىي پاكىتلار، مەدەنىيەت – سەنئەت دۇردانىلىرى...

  • نورۇزلۇق ئوۋ پائالىيىتى ئاقچى ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى

    3-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگونىڭ بۈركۈت ماكانى دەپ نام ئالغان شىنجاڭ ئاقچى ناھىيىسى سۇمتاش يېزىسىدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كوللېكتىپ ئوۋ پائالىيىتى ۋە ئوۋ بۈركۈتلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . يەرلىك قىرغىز ئوۋچىلىرىنىڭ قولىد...

  • پىچان ناھىيىسى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئايانماي مەبلەغ سالدى

         ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبىراھىم خەۋىرى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، پىچان ناھىيسى مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ ، مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، مەدەنىيەت ئارقىلىق پىچاننى تەشۋىق قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى .        ب...

  • شايارلىق پىشقەدەم ھۈنەرۋەن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدە

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەد سەمەد خەۋىرى : يېقىندا، شايارلىق 80 ياشلىق پېشقەدەم ھۈسەن مەمەت 3 – تۈركۈمدىكى ۋەكىللىك خاراكتېردىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارسىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى . بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە نىسبەتەن بىردىنبىر دۆ...

  • شىنجاڭدىكى تۇنجى گىلەم مۇزېي خوتەن ناھىيىسىدە ئېچىلدى

    يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمى      17 – ئاۋغۇست ، شىنجاڭدىكى تۇنجى گىلەم مۇزېي خوتەن ناھىيىسىدە ئېچىلدى . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەمەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي مۇزېينىڭ يۇپۇقىنى ئاچتى . كۆرگە...

  • ئۆچمەس ئىزلار ئارقىلىق نۇرلىنىۋاتقان ھايات

        مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زور ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ، بۇ خىزمە...