بىلەمسەن ؟ ئالدىنقى كۈنى مەن بىلەن گەپ تالىشىپ قېلىپ كىرىسلودا يېتىۋالغىنىڭدا سىنى يالۋۇرۇپ ياتاق ئۆيگە ئەكىرۋالغىنىم ، چىرايلىق گەپلىرىممۇ ئەسقاتمىغان بولسا كېرەك،بۈگۈن يەنە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي كىرىسلوغا چىقىۋاپسەن ، مېنىڭمۇ ئەمدى يالۋۇرغۇم كەلمىدى، نىمە بولسا بولمامدۇ بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي دىدىم ،بالام ئۈچۈن گەرچە ئۆزەمدە گۇناھ بولمىسىمۇ نەچچە قېتىم يالۋۇرغانىدىم، ئەمدى تاقىتىىم توشتى ، ئەتىگەن ئۆزەڭ ناشتا قىلىپ مىنى چاقىرمىغانىدىڭ ، گەرچە ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ بالامنى ئويلاپ ئارتۇقچە گەپ قىلمايلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم . بەلكىم خوش بۇلىۋاتقانسەن، ياكى ئاچچىقىىڭ كىلىۋاتقاندۇ ؟ توغرا ،سەن ماڭا پادىشاھلاردىنمۇ ئۇلۇغ ،مەن ئۈچۈن سۈيۈملۈك ، مەن كۈرۈشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان پەرزەنتىمنى قورسىقىڭدا كۆتۈرۈپ يۈردۈڭ، بۇنىڭغا رەھمەت ~~~~بۈگۈن يەنە ناشتا قىلماي چىقىپ كەتتىم .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
خاتىرجەم بول ! ناشتىسىز قالدىمىكىن دەپ ئەنسىرمە! ئەتتىگەندە كۆنچى دەرياسىنىڭ بۇيىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ قورسۇقۇم تازا تويغىچە يەپتىمەن، بەلكىم ساڭا بۇگۈن ناشتىدا يىگەن نەرسىلەرنى ئىتىپ بەر دىسەم، چۇقۇم سىنىڭ ئاۋۋال ئاشپەزلىكتە بىلىم ئاشۇرۇپ كىلىشىڭگە توغرا كىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساڭا ئوخشاش ھۇرۇن خۇتۇنلار بۇنداق ئېسىل تاماقلارنى بىر ئۆمۇر ئېتەلمەسلىكى مۇمكىن .
بۇگۈن كەچ ئۆيگە بارمىسام ئەندىشە قىلمىغىن، ئەتىگەن ناشتا قىلغان بۇ مېھمانخانىنىڭ ئاجايىپ مۇلازىمەتلىرى بار ئىكەن ، شۇڭا بۇ يەردىن بىر نەچچە كۈنلۈك ياتاق ئېلىپ قويدۇم~ئەمدى يۇيۇنماقچى بولسام سىنىڭ ماڭا ئاۋارە بۇلۇپ سۇ ئىسسىتىپ قۇيۇشۇڭنىڭ ھاجىتى يوق ~ 24 سائەت ئىسسىق سۇ ......... نىمدىگەن راھەت ~ ئىز تورى بەك ياخشى
بۈگۈن بۇ ياتاقتا يېتىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى كىچىكىپ ھېس قىلغانلىقىمنى بىلىدىم، جاھان كۆرۈپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرگۈم كەلدى، خوشال-خورام ياشاپ باقاي دىدىم ،بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ساياھەتكە چىقماقچى بۇلىۋاتىمەن ، ئۆي ئالىمىز ، ماشىنا سېتېۋالىمىز دەپ يىققان پۇللارنى خەجلەپ تۈگىتىپ كېلەي دەيمەن ، مىنىڭ قايتىپ كىلىشىمنى خالىساڭ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تېلفۇن قىلغىن ، يىراقتىن كىلىپ بولالماي قالماي يەنە ~~~
ئەتىدىكى ، بۇندىن كىيىنىكى ئىشلىرىمنى كۈندە ساڭا دوكىلات قىلىپ تۇرىمەن ~~ خالىساڭ مۇنبەرگە چىقىپ كۆرۈپ تۇرغىن ~~~
خوش
مەنبە: ئۆزەمنىڭ