ئىز تورى بەك ياخشى
ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ تولۇق نامى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ سەرخىل ئالاھىدە قىسىمى، ئۇ ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئادەتتىكى ئۇرۇش قىلىش، تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاساسىي كۈچىگە ئايلاندى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى 1962 – يىلى رەسمىي قۇرۇلغان. 1942 – يىلىدىكى تاراۋا ئارىلى ئۇرۇشىدىن ئاچچىق ساۋاق ئالغان ئامېرىكا ئارمىيەسى كېيىنكى يىلى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلۇش قىسىمى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى رازۋېدكا قىسىمى ۋە زەربىدارلار ئەترىتىدىن كەلگەن پىدائىيلاردىن ‹‹دېڭىز ئارمىيەسى پارتلىتىش ئەترىتى›› قۇرغان، بۇ ‹‹دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى›› نىڭ ئاساسى ئىدى. ۋىيېتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى تازا زورايغان، بۇ مەزگىلدە بۇ ئەترەت تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش، رازۋېدكا قىلىش، قەستلەش قاتارلىق نۇرغۇن ۋەزىپىنى ئۆتىگەن. كېيىن گرېنادا، ھايتى، پانامالاردا ھەرىكەت قىلغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھازىر دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملار قوماندانلىق ئىشتابىغا قارايدۇ، سەككىز جەڭگىۋار ئەترەت ۋە بىر تەرەققىيات زاپاس ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن، تەخمىنەن 2000 ئىشتاتى بار. دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتىگە كىرمەكچى بولغانلار دۇنيا بويىچە ئەڭ جاپالىق، ئەڭ قاتتىق، دەپ قارالغان ھەربىي مەشىقتىن ئۆتۈشى كېرەك، مەشىقتە بەزىدە راست ئوق ئىشلىتىلىدۇ، كۇرسانتلار دەرىجىدىن تاشقىرى جاپالىق شارائىتتا قەيسەر ئىرادە ۋە كوللېكتىپ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ، ئاخىرىدا مەشىقلەندۈرۈلگەنلەرنىڭ %70ى شاللىنىدۇ. شۇڭا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتىگە كىرىش ئامېرىكا ھەربىيلىرىنىڭ ئالىي شەرىپى ھېسابلىنىدۇ. www.iz.la

دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى ئەزالىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا بەزىدە بىر – ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولىدۇ، بەزىدە 16 ئادەمدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، ئادەتتە ئادەم سانى سەككىزدىن ئاز ئۇرۇش قىلىش گۇرۇپپىسى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئىجرا قىلىدىغان ۋەزىپە مۇتلەق مەخپىي بولىدۇ. ئەترەت ئەزالىرى ئادەتتە ئامېرىكا سىترىدېر خەنجىرى بىلەن سۇرفېر چىرىغىنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ، ئۇلار ئېلىپ يۈرىدىغان قوراللار ئەجەللىك زەربە بېرىش ۋە كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە پارتلىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى