قوشناڭ كەلسە ئاشقا ، چىرايىڭ بولمىسۇن باشقا
قوشناڭ بولسا كۆكەرمە، جېدەلگە مۇشىت كۆتەرمە .
تاغامدىن تاغار ياخشى ، ھاممامدىن باداڭ ياخشى.
بىر قوشنا بولۇپ سىناش ، بىر قۇدا بولۇپ سىناش .
پىچاقنى ئىشلەتمىسە داتلىشىدۇ، تۇغقان ئىزدەشمىسە ياتلىشىدۇ
كۆيى يوق تۇققاندىن ،كۆيۈمى بار يات ياخشى.
نان ياققاندا كەلگەن مىھمان ، مىھمان ئەمەس.
ئوتتۇردا قاڭشار بولمىسا ،ئۇ كۆز بۇ كۆزنى يەيدۇ.
ئۆينى بىر سەرگە ئالساڭ ،قوشناڭنى مىڭ سەرگە ئال.
ئۆزۈڭنى چىڭ تۇت ، قوشناڭنى ئوغىرى تۇتما .
ياخشى قوشناڭدىن ئايرىلغىچە ، يامان قوشناڭدىن ئايرىل. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئېلىشنى بىلىپ بېرىشنى بىلمىگەن ،قوشىنادارچىلىققا يارىماس.
ياخشى قوشنا دەردكە داۋا ، يامان قوشنا بالا .
ئوبدان ئادەم خوشلىشىپ كۆچەر ، ئەسكى ئادەم مۇشتىلىشىپ كۆچەر.
مەنبە ؛ئۇيغۇر خەلىق ماقال _ تەمسىللىرىدىن ئىلىندى.