مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىر مەكتەپ.
ئاشىقلىقنى سۆزلەيدۇ ھەق !دەپ ،
يازغانلىرى ۋاپا دەستۇرى ،
قىلغانلىرى قەدىمدىن ھەق گەپ .
ئىز تورى www.iz.la
گۇناھ دېمەس كۆڭۈل بەرگەننى ،
كاككۈك _ زەينەپ بولۇپ يۈرگەننى .
بۇ دۇنيانڭ ھوزۇرى دەيدۇ،
شۇ مەكتەپتە ئۆتكەن ھەر دەمنى. ئىز تورى بەك ياخشى
جىمى ئىنسان ئۇنىڭ ئىلكىدە ،
بىنا ، قەسىر يوقتۇر مۈلكىدە.
شۇنداق مەكتەپ مۇھەببەت دېگەن ،
سائادىتى تويدا _ مەرىكىدە . copyright by www.iz.la
ئون سەككىزدە ئۆمۈر ئۇز دەيدۇ ،
ئون سەككىزلەر جۈپلۈك ئىزدەيدۇ.
بوۋايلارمۇ يەتمىشكە يەتكەن ،
<< شۇ مەكتەپتە تېخى بىز!>> دەيدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
2004 _ يىلى 20 _ ئىيۇل
ئاپتۇرى ؛ مۇھەممەتجان راشىدىن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!