تاقەتلىرىم تامام بولدى يار كەلمەي،
ھالال ئۇيقۇم ھارام بولدى يار كەلمەي.
يار بولامدۇ جان چىققاندا كەلگەن يار،
ياشلىق كېتىپ يامان بولدى يار كەلمەي.
ئىز تورى بەك ياخشى
ئايلار كەتتى مېنى ئالماي يادىغا،
يىللار ئەجەپ ئالدى يارنى دالدىغا.
ئەمدى كەلسە چىقالماسمەن ئالدىغا.
بوسۇغىلار داۋان بولدى يار كەلمەي.
باراي دىسەم،كەتتى تەندىن دەرمانلار،
ئەزرائىلدن كېلىپ قالدى پەرمانلار.
يۈرەكلەردە قالدى بىراق ئارمانلار،
ئەمدى ئۆلۈپ ئايان بولدى يار كەلمەي.
2001-يىل،2-مارت
ئىز تورى بەك ياخشى