يۈدۈپسەنغۇ تاغنى ئاتا يەلكەڭدە،
كۈزۈم ياشلىق مەن قەدرىڭنى بىلگەندە.
نە قىلارىم بىلمەي يىغلاپ يۈرىمەن،
ئەمدى ماڭا تاغدەك تەشۋىش كەلگەندە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۆزۈڭ بىلىپ ئاتا تارتقان دەردىڭنى،
لىۋىڭ چىشلەپ تاپقانكەنسەن بەختىڭنى.
كۈلپەت چىكىپ ئەمدى بىلدىم قەدرىڭنى،
ئەمدى ماڭا تاغدەك تەشۋىش كەلگەندە. ئىز تورى www.iz.la
بىر جېنىمنى تۈزۈككىنە باقالماي،
قالدىم تىنەپ ھاياتتا يول تاپالماي.
بىر كەلسەڭچۇ ئاياغىڭغا باش قوياي،
ئەمدى ماڭا تاغدەك تەشۋىش كەلگەندە.