ھايات رەڭدار بولغاندەك، مۇرەككەپتۇر ئىنسانمۇ،
ئۆزگەرمەيدۇ يىپەككە قىلنى يەنە تىلساڭمۇ .
بىلەلمەستىن بەزىلەر خالىس نىيەت-ئويۇڭنى،
جىدەل تىرار شۇ ھامان ئوبدان گەپنى قىلساڭمۇ.
ئىز تورى www.iz.la
پىنھان دېمە سۆزلىسەڭ بۇلۇڭ - پۇشقاق، چەتنىمۇ،
‹‹سەتكەن››دىمە قومۇشقا ، كۆرۈپ قالساڭ سەتنىمۇ.
بەكمۇ نازۇك تىل دىگەن مىڭنى ئويلاپ بىرنى دە،
بىلىپ قويغىن ، بىراۋلار ئۆزگەرتىدۇ گەپنىمۇ.
دوستۇڭ تولا جاھاندا ، دۈشمىنىڭمۇ يوق ئەمەس،
قاراپ قويساڭ كۈلسىمۇ، يۈرەكلىرى توق ئەمەس.
‹‹يىقىن›› دەپلا ئەي يارىم ھەممە گەپنى دىمىگىن،
جاننى ئالار بەزى سۆز، دىمە ئۇنى ئوق ئەمەس. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەنبە؛‹‹يىڭى قاشتىشى ››ژورنىلى2009-يىللىق 5-سانىدىن ئىلىندى