تۈركمەنىستاندا ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان قانۇن تۈزۈملەر ناھايىتى كۆپ . مەسىلەن ، شوپۇرلار ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە رادىيو ئاڭلاش قانۇنغا خىلاپ ، يول بويىدا تاماكا چېكىش قانۇنغا خىلاپ ، ئوپىرا ، بالېت ئۇسسۇلى قاتارلىق سەنئەت پائالىيەتلىرنى رۇخسەتسىز ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنغا خىلاپ ؛ قىزلار چوقۇم ئوزۇن ئۆرۈم چاچ قويۇش ، گۈل كەشتىلەنگەن ئۇچى ئۇچلۇق ئەنئەنىۋى دوپپا كىيىشى ، ياغلىق ، چۈمبەل ئاراتماسلىق قاتارلىق قانۇن تۈزۈملەر بار. تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى شۇكى ، تۈركىمەنىستان قىزلىرنىڭ چەت ئەللىك بىلەن توي قىلىش توغرسىدىكى قانۇنلار بولۇپ ، بۇ قانۇندا چەت ئەللىك يىگىتلەت تۈركمەنىستانلىق قىزلار بىلەن توي قىلماقچى بولسا ، ئۇنداقتا بۇ يىگىت چوقۇم قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئون دانە ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك سوغا قىلىشتىن باشقا يەنە تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتىگە 45 مىڭ دوللار شىرىنئاي بېجى تاپشۇرشى كېرەككەن . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!



