<< يارىڭ بىلەن ئېتقىنىڭ ياخشى ،
بىلمەيدغان ناخشاڭ بولسىمۇ >>
بىللە يېسەڭ ئاق نان تېتىيدۇ ،
زاغرا ، تالقان ناشتاڭ بولسىمۇ .
راھىتى بار ، مۇشەققىتى يۇق ،
يارىڭ بىلەن قىلغان سەپەرنىڭ .
يارىڭ بىلەن باغلىنار قولى ،
بەلكىم ساڭا كەلگەن خەتەرنىڭ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تاغنى تاغلار تۇرغاندەك يۆلەپ ،
يۆلەك بولساڭ بىرىڭ بىرىڭگە ،
كۆرسەتمەيدۇ ئۆز يارىڭ ئەسلا ،
يىرتىقىڭنىدۈشمەنلىرىڭگە . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يارىڭ بىلەن چىققىنىڭ ياخشى ،
چىقالمىغان چوقىلارغىمۇ .
ئايلىنىدۇ ياىشى يار بىلەن
بەخىتسىزلەر بەختىيارغىمۇ .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەنبە _ مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ << ياخشىلارغا ناخشىلار تولا >> نامىلىق كىتابىدىن