ياخشىلارنى كۆرەلمەيدۇ كۆزىمىز،
چۆچەك تۇقۇپ تۈگىمەيدۇ سۆزىمىز.
پەرىق قىلماي ئاق،قارىنى مىڭ توۋا،
قاچانغىچە غۇدۇراش بىلەن ئۆتىمىز.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ياخشىلارغا نىچۈن رىغبەت بەرمەيمىز؟
پاك ئەجىرىنى دۇرۇس كۆزدە كۆرمەيمىز؟
ئەجرىمىزنى تارازىدا ئۆلچىمەي،
ماختىنىپلا ھەر قەدەمدە سۆزلەيمىز؟
ئاسان ئىشقۇ ئۆزىمىزنى ماختىماق،
باشقىلاردىن ئۆزىمىزچە قاخشىماق.
ئەمما قىيىن ئەجرىمىزدىن شان قۇچۇپ،
ئەل قەلبىدە تۆھپىمىزدىن چاقنىماق. ئىز تورى www.iz.la
مەنچە بولسا ئۆتكۈر بولسۇن كۆزىمىز،
لىللا بولسۇن ھەرقەدەمدە سۆزىمىز.
ئىللەتلەرنى يۇقتۇرمايلى دوستلۇرۇم،
تۆھپىمىزدىن جۇلالانسۇن ئىزىمىز.