كەپتىرىم ،قاقما قانات ،
كۆڭلۈم پاراكەندە مېنىڭ .
ئايىرىلىپ ياردىن ئەزىز ،
يالغۇز بېشىم غەمدە مىنىڭ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كەپتىرىم، كەتمە ئۇچۇپ،
سالما جۇدالىققا مېنى .
بۇ جۇدالىق دەستىدىن
كەتتى چىرايىمنىڭ خۇنى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كەپتىرىم، ئۇچىما يىراق ،
كىرمە ياماننىڭ كەينىگە .
مېنى خار ئەتتى پەلەك،
قويماي ئۆزۇمنىڭ مەيلىگە. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كەپتىرىم، ئۇچىما ئېگىز ،
ئاسماننى كەزمە، پەستىمەن.
تاڭلا كۆرسەڭ خار ئەمەس،
مەيدەڭدىكى گۈل دەستىمەن!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە ؛ مۇھەممەتجان راشىدىنىڭ<< ياخشىلارغا ناخشىلار تولا>> نامىلىق شىئىر توپلىمىدىن ئىلىندى.