ياشلىق دىگەن گويا بىر كۆچەت،
ئېگىپ كۆرەر ئۇنى بەڭۋاشلىق.
ئېگىلگەننىڭ يولى باشقىدۇر ،
بەڭۋاشلىقتا سۇنمىسۇن ياشلىق.
ئىز تورى www.iz.la
ياشلىق دىگەن گويا قىزىلگۈل،
قىزىلگۈلنىڭ ھىدى باشقىچە.
پۇراق چاچسۇن ياشلىقىڭ شۇنداق،
يىللار ئۇنى ئىلىپ قاچقۇچە.
ئىز تورى www.iz.la
ياشلىق دىگەن گۈزەل بىر ناخشا،
بىراق بولماس مەڭگۈ ئىيىتقىلى .
بىلگەنلەرگە قەدرىنى ئۇنىڭ،
پۇرسەت ئىكەن ئەقىل يىغقىلى. ئىز تورى بەك ياخشى
ھەزەر ئەيلەڭ؛ ئىشرەت بېغىدا،
سىزنى شەيتان ۋەيران ئەتمىسۇن.
ياشلىق كەتسە كەتسۇن ، ۋە لىكىن ،
جىسمىڭىزدىن ئەقىل كەتمىسۇن. copyright by www.iz.la
مەنبە؛<ياخشىلارغا ناخشىلار تولا> دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.
www.iz.la