يالغۇز ياتقاندا ئەسلەرسەن مىنى،
ئۇقۇڭ قاچقاندا ئەسلەرسەن مىنى.
گۈلنى يايرىم دەپ باھاردا بۇلبۇل،
قۇشاق قاتقاندا ئەسلەرسەن مىنى
يالغۇز ھۇجىراڭدا باشلىنىپ كىچە،
چىراق ياققاندا ئەسلەرسەن مىنى.
ئويغانساڭ سەھەر يىنىڭدا مەن يوق،
ھەر تاڭ ئاتقاندا ئەسلەرسەن مىنى . copyright by www.iz.la
يامغۇر سۆزلىرىم يادىڭدا بولسا ،
يامغۇر ياغقاندا ئەسلەرسەن مىنى.
تاھىر ئاققاندەك ئەزىم دەريادا ،
مەنمۇ ئاققاندا ئەسلەرسەن مىنى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سۈرەتلىرىمنى ساقلاپ قوي ،يايرىم،
ئەلبۇم ئاچقاندا ئەسلەرسەن مىنى.
مەندىن ئايرلىپ ،ئىتىڭ تارتالماي،
ھارۋاڭ پاتقاندا ئەسلەرسەن مىنى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە: مۇھەممەتجان راشىدننىڭ<< ياخشىلارغا ناخشلار تولا>> ناملىق شىئىر توپلاملىرىدىن ئىلىندى.
ئىز تورى بەك ياخشى