كىرىپ باقسام بېغىڭغا،
غورا بوپتۇ ئۆرۈكۈڭ.
تاشلاپ كىتىپ سەن مىنى،
قانداق چىدار يۈرۈكۈڭ.
www.iz.la
كۆكتە لاچىن ئەگىيدۇ،
پەستە كەكلىك بولغاچقا.
ناخشا ئىيىتسام يىغلايمەن،
ياردىن كۆڭلۈم قالغاچقا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يارىشىپتۇ سەھراغا،
تورغاي ئۇچقان بۇغدايلىق.
قايدا بولساڭ ئامان بول،
ئامانلىقمۇ بىر بايلىق. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە؛ <ياخشىلارغا ناخشىلار تولا > دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى. ئىز تورى www.iz.la