ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئوباما بىرازىلىيە، چىلى ۋە سالۋادوردا زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا ماقالە ئېلان

2011-يىلى03-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تۈنۈگۈن بىرازىلىيە، چىلى ۋە سالۋادوردا زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىغا قىلىدىغان سەپىرىمنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىشدىن ئىبارەت. ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىقتىسادىدا بارغانسېرى مۇھىم رول ئويناۋاتقان قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، مېنىڭ بۇ قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئۈچ دۆلەتكە قىلىدىغان سەپىرىمدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئوباما سايلام رىقابىتىدە داۋاملىق سايلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلدى. 2010-يىلى بۇندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتىنى بىر قاتلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.   تەرجىمان: ئىلھام مامۇت  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر