جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
گېرمانىيە باش مىنسىتىرى مېركىل تۈنۈگۈن بېرلىندا مۇنداق دېدى: گېرمانىيەنىڭ لىۋىيەگە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشماسلىق ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيەدە ئۇچۇش مەنئىي قىلىنغان رايون تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئاۋازغا قويغاندا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، بىراق گېرمانىيە بۇ قارارىنىڭ نىشانىنى تامامەن قوللايدۇ.
مېركىل بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنىلارنى تەكىتلىدى: ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش بىتەرەپ ئورۇندا تۇرغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. مىركىل مۇنداق دېدى: گېرمانىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا دائىرە ئىچىدە ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئىلىش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ئالدىن سېگنال بېرىش ئايروپىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىگە قاتنىشىقا ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ قويدى. بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىدە لىۋىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە رازۋېدكا ئايروپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت