جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
سېرىلانكا سايلام كومىتېتى تۈنۈگۈن پۈتۈن مەملىكەتتىكى 234 يەرلىك ھۆكۈمەت سايلىمىدا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان بىرلىككە كەلتۈرۈش خەلق ئەركىنلىك ئىتتىپاقى جەمئىي 205 يەرلىك ھۆكۈمەتنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.
سېرىلانكا يەرلىك سايلىمى 17-مارت ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ 2009-يىلى 5-ئايدا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات تامىل ئىلام يولۋىسى ئازادلىق تەشكىلاتىنى مەغلۇب قىلغاندىن بۇيان سېرىلانكىدىكى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلام. ئاۋاز بېرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سېرىلانكا ھۆكۈمىتى 70 مىڭ ساقچى ۋە ئەسكەرنى تەرتىپنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇردى.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!