ھاياتلىق ئۆزنى قۇتقۇزالايدىغانلارغا مەنسۇپ

ۋاقتى:2011-03-15 21:14مەنبە: يوللىغۇچى: ئاتتىلا چېكىلىشى:قىتىم
   ئىنسانىيەت روھىيىتىنىڭخەزىنە ئىشىكىنى دادىللىق بىلەن ئېچىپ قارىغاندا، باراقسان كۆكلىگەن خۇشاللىقبىلەن كۈلپەت دەرىخىنىڭ سىماسىنى كۆرىمىز. بۇ دەرەخ بىپايان، قۇدرەتلىك دېڭىزدەك مەڭگۈلۈك ھەرىكەتتە تۇرمۇش ۋە تەپەككۇرنىڭ تىك قىيالىرىغا ئۇرۇلۇپ، ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇشنىڭ سەلتەنەتلىگۈلزارىنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. شادلىق- ئىنسانغا ئۆزىنىڭجەلپكار، قۇۋناق چېچەكلىرى ئارىسىدىن قانائەتلىنىشنىڭ يوشۇرۇن كۆلەڭگۈسىنىتاشلىسا، دەرد -ئەلەم - ئالىيجاناب تامچە سۈپىتىدە يۈكسەك چوققىلارغا پەرۋاز قىلىشنىڭ سېگنالىنى چالىدۇ. بۇ، ئويغانغان قەلبنىڭ كامالەت سەزگۈرلۈكىدىكى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا باغلىق. ئادەم بۇ دۇنياغا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، كامالەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ. اللە مۇ بۇ ھۇقۇقنى ئنسالارغا بەرگەن ،شۇڭا، ھەر بىر ئادەم ئۆمۈر مەنزىلىدە ئۆزىنىڭ روھىنى ئىزدەش ھوقۇقىغائىگە. بۇ ھوقۇقنى قەدىرلىمىگەندە، بىلمىگەندە چاقناش نۇقتىسىنى قولدىن بېرىپقويىدۇ. ھەقىقىي ئورنىنى تاپالمىغان روھ سەرسانلىق دالاسىغا قەدەم قويىدۇ. ئەنگلىيە مۇتەپەككۇرى سامۇئىل سمىلىس: «ئۆز ئورنىنى تاپقان روھ - شەخسنىڭ بارلىقھەقىقىي تەرەققىياتى ھەم ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مەنبەسى، سىرتتىن كەلگەن ياردەم پەقەت ياردەم قىلىنغۇچىنى ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭدۇرىدۇ. ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزغۇچىنى گۈللەپ ياشنىتىدۇ» دەيدۇ. ئېنىقكى، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش سەپىرى روھىيەتتىن باشلىنىدۇ. ئىنساننىڭ مەنىۋىيەت چىراغلىرى ھەردائىم چاراقلاپ يېنىپ تۇرمىسا، ئىچكى (روھىي) ئالەم زۇلمەتكە غەرق بولىدۇ. زۇلمەتكە غەرق بولغان دۇنيادا جاھالەت دىۋىلىرى بەزمە قۇرۇپ، ئىنساننىڭتەڭداشسىز، ئەركىن قۇدرىتىگە قارشى ئاسىيلىق ۋە ئەقلىي ئەمالىق بورانلىرىنى ھۇۋلىتىدۇ، ماھىيەتنىڭ ئەسلىي نۇرلۇق جىلۋىلىرى ئۆچىدۇ. مۇستەقىل ھەرىكەت خاراكتېرىنى يوقىتىپباشقىلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش- ئوبيېكتنىڭ كېلەچىكىنى زەبۇنلۇققا، خارابلىققا باشلايدۇ. بۇ نۇقتىدا پەقەت ھەربىر ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى بىردىنبىر ياردەم قىلغۇچىدۇر. ئۆزىگە ياردەم قىلىشنى بىلمىگەن ئادەم مەھكۇملۇققا، قۇللۇققا، قەدىرسىزلىككە ھامىيلىق قىلغۇچىدۇر. بۇ، ھەرگىزمۇ شەخسىيەتچىلىكنىڭ زەئىپ ھاۋاسىدا پەرۋاز قىلىدىغان چاكىنا مەنپەئەتپەرەسلىك بولماستىن، بەلكى توغرا، ھالال ئەقىدىنى مىزان قىلغان، ئىنسان ماھىيىتىنى دولقۇنلىتىدىغان، يۈكسەكلىككەكۆتۈرۈلگەن ئالىيجاناب قۇتقۇزۇشتۇر. ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش - دەبدەبىلىك شوئارلار، بىردەملىك ھاياجانلىق چۇقانلار، ئەسەبىيلىكنى قۇترىتىدىغان رەڭۋازلىق ئۈستىگەقۇرۇلماستىن، بەلكى خالىس تىرىشچانلىق، ۋىجداننى نۇرلاندۇرىدىغان پاك-گۈزەل ئەمگەك ئاساسىدا، سوغۇققان ئەقىلنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسىدىن ئىبارەت ئۆزگىرىشچان رېئاللىقنىنادامەتتىن خالىي قۇۋۋەتلەندۈرۈشىدىن ھاسىل بولغان تۆھپىكار ھەرىكەتتۇر. نوقۇل شۆھرەت قۇچۇش ئۈچۈنلا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت ھەرقانچە يېقىملىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتەئۇ، ئادەمنى پۇچەكلەشتۈرىدۇ، شەرمەندە قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىخەيرلىك ئەمەس. يەنە ھۇرۇن پارازىتلارغا ياردەم قىلىش بولسا پەقەت ئۇلارنى تېخىمۇكۆپەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.تەشەببۇسكارلىقنىڭ يىلتىزى قىرقىلغان جايدا ۋەتەن، مىللەتنىڭ قېنىنى شورايدىغان تۇزكورلۇق ھۆكۈم سۈرىدۇ. غەپلەتتە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى روھىي دۇنيا ئېتىزىدا يانتاق، خۇخا-تىكەن ئۈنگەن، ۋۇجۇدىنى شور باسقان ئادەملەردۇر. ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭماھىيىتىدە ئومۇملۇقنىڭ ئالىي پەللىدىكى تاكاممۇللۇقىنىڭ گۈلدۈرمامىسى ياڭرايدۇ. بىر مىللەتتە ئۆزىنىقۇتقۇزۇش ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئادەملەر كۆپەيسە، شۇ مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچىتوختاۋسىز ئاشىدۇ. يەككە تاكامۇللۇق ماھىيەتتە ئورتاق گۈللىنىشنىڭ، مىللەت سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ جەڭگىۋار ساداسىدۇر. يۈزمىڭ پاتمان قۇرۇق ۋەز-نەسىھەتكە قارىغاندا،ئىنسانىيەت روھىيىتىنىڭخەزىنە ئىشىكىنى دادىللىق بىلەن ئېچىپ قارىغاندا، باراقسان كۆكلىگەن خۇشاللىقبىلەن كۈلپەت دەرىخىنىڭ سىماسىنى كۆرىمىز. بۇ دەرەخ بىپايان، قۇدرەتلىك دېڭىزدەك مەڭگۈلۈك ھەرىكەتتە تۇرمۇش ۋە تەپەككۇرنىڭ تىك قىيالىرىغا ئۇرۇلۇپ، ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇشنىڭ سەلتەنەتلىگۈلزارىنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. شادلىق- ئىنسانغا ئۆزىنىڭجەلپكار، قۇۋناق چېچەكلىرى ئارىسىدىن قانائەتلىنىشنىڭ يوشۇرۇن كۆلەڭگۈسىنىتاشلىسا، دەرد -ئەلەم - ئالىيجاناب تامچە سۈپىتىدە يۈكسەك چوققىلارغا پەرۋاز قىلىشنىڭ سېگنالىنى چالىدۇ. بۇ، ئويغانغان قەلبنىڭ كامالەت سەزگۈرلۈكىدىكى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا باغلىق. ئادەم بۇ دۇنياغا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، كامالەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئادەم ئۆمۈر مەنزىلىدە ئۆزىنىڭ روھىنى ئىزدەش ھوقۇقىغائىگە. بۇ ھوقۇقنى قەدىرلىمىگەندە، بىلمىگەندە چاقناش نۇقتىسىنى قولدىن بېرىپقويىدۇ. ھەقىقىي ئورنىنى تاپالمىغان روھ سەرسانلىق دالاسىغا قەدەم قويىدۇ. ئەنگلىيە مۇتەپەككۇرى سامۇئىل سمىلىس: «ئۆز ئورنىنى تاپقان روھ - شەخسنىڭ بارلىقھەقىقىي تەرەققىياتى ھەم ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مەنبەسى، سىرتتىن كەلگەن ياردەم پەقەت ياردەم قىلىنغۇچىنى ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭدۇرىدۇ. ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزغۇچىنى گۈللەپ ياشنىتىدۇ» دەيدۇ. ئېنىقكى، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش سەپىرى روھىيەتتىن باشلىنىدۇ. ئىنساننىڭ مەنىۋىيەت چىراغلىرى ھەردائىم چاراقلاپ يېنىپ تۇرمىسا، ئىچكى (روھىي) ئالەم زۇلمەتكە غەرق بولىدۇ. زۇلمەتكە غەرق بولغان دۇنيادا جاھالەت دىۋىلىرى بەزمە قۇرۇپ، ئىنساننىڭتەڭداشسىز، ئەركىن قۇدرىتىگە قارشى ئاسىيلىق ۋە ئەقلىي ئەمالىق بورانلىرىنى ھۇۋلىتىدۇ، ماھىيەتنىڭ ئەسلىي نۇرلۇق جىلۋىلىرى ئۆچىدۇ. مۇستەقىل ھەرىكەت خاراكتېرىنى يوقىتىپباشقىلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش- ئوبيېكتنىڭ كېلەچىكىنى زەبۇنلۇققا، خارابلىققا باشلايدۇ. بۇ نۇقتىدا پەقەت ھەربىر ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى بىردىنبىر ياردەم قىلغۇچىدۇر. ئۆزىگە ياردەم قىلىشنى بىلمىگەن ئادەم مەھكۇملۇققا، قۇللۇققا، قەدىرسىزلىككە ھامىيلىق قىلغۇچىدۇر. بۇ، ھەرگىزمۇ شەخسىيەتچىلىكنىڭ زەئىپ ھاۋاسىدا پەرۋاز قىلىدىغان چاكىنا مەنپەئەتپەرەسلىك بولماستىن، بەلكى توغرا، ھالال ئەقىدىنى مىزان قىلغان، ئىنسان ماھىيىتىنى دولقۇنلىتىدىغان، يۈكسەكلىككەكۆتۈرۈلگەن ئالىيجاناب قۇتقۇزۇشتۇر. ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش - دەبدەبىلىك شوئارلار، بىردەملىك ھاياجانلىق چۇقانلار، ئەسەبىيلىكنى قۇترىتىدىغان رەڭۋازلىق ئۈستىگەقۇرۇلماستىن، بەلكى خالىس تىرىشچانلىق، ۋىجداننى نۇرلاندۇرىدىغان پاك-گۈزەل ئەمگەك ئاساسىدا، سوغۇققان ئەقىلنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسىدىن ئىبارەت ئۆزگىرىشچان رېئاللىقنىنادامەتتىن خالىي قۇۋۋەتلەندۈرۈشىدىن ھاسىل بولغان تۆھپىكار ھەرىكەتتۇر. نوقۇل شۆھرەت قۇچۇش ئۈچۈنلا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت ھەرقانچە يېقىملىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتەئۇ، ئادەمنى پۇچەكلەشتۈرىدۇ، شەرمەندە قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىخەيرلىك ئەمەس. يەنە ھۇرۇن پارازىتلارغا ياردەم قىلىش بولسا پەقەت ئۇلارنى تېخىمۇكۆپەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.تەشەببۇسكارلىقنىڭ يىلتىزى قىرقىلغان جايدا ۋەتەن، مىللەتنىڭ قېنىنى شورايدىغان تۇزكورلۇق ھۆكۈم سۈرىدۇ. غەپلەتتە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى روھىي دۇنيا ئېتىزىدا يانتاق، خۇخا-تىكەن ئۈنگەن، ۋۇجۇدىنى شور باسقان ئادەملەردۇر. ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭماھىيىتىدە ئومۇملۇقنىڭ ئالىي پەللىدىكى تاكاممۇللۇقىنىڭ گۈلدۈرمامىسى ياڭرايدۇ. بىر مىللەتتە ئۆزىنىقۇتقۇزۇش ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئادەملەر كۆپەيسە، شۇ مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچىتوختاۋسىز ئاشىدۇ. يەككە تاكامۇللۇق ماھىيەتتە ئورتاق گۈللىنىشنىڭ، مىللەت سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ جەڭگىۋار ساداسىدۇر. يۈزمىڭ پاتمان قۇرۇق ۋەز-نەسىھەتكە قارىغاندا، بىر تال ئۇچقۇن قالدۇرالايدىغان، زامانغا مىننەتتىنخالىي شولا چاچالايدىغان زەررىچە ھەرىكەت ئەۋزەلدۇر. ئىنسان ئۆز قىممىتىنىبىلجىرلاش بىلەن ئەمەس، سەمىمىي ھەرىكەت بىلەن تىكلەيدۇ. مەنزىلنى تىنىمسىزئىزدەيدىغان يېقىملىق ئەمگەك-بارلىق قۇتقۇزۇشنىڭ ئاساسى. چۈنكى ئۇنىڭ ئوق يىلتىزىدا قان بىلەن رەڭداش بولغان «ۋەتەن» دېگەن، ھېچكىم مۇكەممەل ئوقۇپ بولالمىغان ھارارەتلىك خەت لاۋۇلداپ تۇرىدۇ! ۋەتەن - ھەرىكەتتە. خەلق، مىللەت - ھەرىكەتتە، ئۆزىنىڭ روھىنى ئازاد قىلىش - ھەرىكەتتە؛ ئىجادكارلاردىن، ئىجتىھاتلىقپەرۋازكار كىشىلەردىن ھايات زېرىكمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ روھى، قاسراقلارنىڭئەرزىمەس جۇلالىسىدا چىرىمىگەن. تىرىكتاپلارنىڭ ئۆلۈۋاتقان روھى - دۇنياغا قارا سايىلەرنى پۈركۈپ تۇرىدۇ. ھەقىقىي ھايات ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا، تاكامۇللاشتۇرۇشقاجۈرئەت قىلغان جەسۇر ئەزىمەتلەرگە مەنسۇپ .  بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بىر تال ئۇچقۇن قالدۇرالايدىغان، زامانغا مىننەتتىنخالىي شولا چاچالايدىغان زەررىچە ھەرىكەت ئەۋزەلدۇر. ئىنسان ئۆز قىممىتىنىبىلجىرلاش بىلەن ئەمەس، سەمىمىي ھەرىكەت بىلەن تىكلەيدۇ. مەنزىلنى تىنىمسىزئىزدەيدىغان يېقىملىق ئەمگەك-بارلىق قۇتقۇزۇشنىڭ ئاساسى. چۈنكى ئۇنىڭ ئوق يىلتىزىدا قان بىلەن رەڭداش بولغان «ۋەتەن» دېگەن، ھېچكىم مۇكەممەل ئوقۇپ بولالمىغان ھارارەتلىك خەت لاۋۇلداپ تۇرىدۇ! ۋەتەن - ھەرىكەتتە. خەلق، مىللەت - ھەرىكەتتە، ئۆزىنىڭ روھىنى ئازاد قىلىش - ھەرىكەتتە؛ ئىجادكارلاردىن، ئىجتىھاتلىقپەرۋازكار كىشىلەردىن ھايات زېرىكمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ روھى، قاسراقلارنىڭئەرزىمەس جۇلالىسىدا چىرىمىگەن. تىرىكتاپلارنىڭ ئۆلۈۋاتقان روھى - دۇنياغا قارا سايىلەرنى پۈركۈپ تۇرىدۇ. ھەقىقىي ھايات ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا، تاكامۇللاشتۇرۇشقاجۈرئەت قىلغان جەسۇر ئەزىمەتلەرگە مەنسۇپ . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بالام دەپ

    بالام دەپ يالقۇنىدا ۋاپانىڭ چوغلنارسەن بالام، دەپ، ھەر بىر تىنىق، قەدەمدىن زوقلىنارسەن بالام، دەپ. يۈرىكىڭدە تىلەكلەر، چوغلۇق كەبى يۈرەكلەر، سەھەردىكى شەبنەمدەك يالتىرارسەن بالام، دەپ. يېنىپ ئىقبال ئىشقىدا، تەرك ئەيلەپ غەپلەتنى، تەشۋىشلەرنىڭ قەھرىدە تولغن...

  • قەلبىمدىكى سۆيگۇ

    مەن مۇھەببەتنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيمەن.پەقەت يىگانە قەلبىمنىڭ بىر ساڭا ئەبەدىيلىك رىشتە بىلەن باغلىنىپ قالغانلىغىنى بىلىمەن. مەن ھەقىقى سۆيگۈ لەززىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى بىلمەيمەن.پەقەت سەن بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلاردا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنىڭ ھاياجاندىن لەر...

  • مۇھەببەت داستانى

    ...

  • ئانا مىنى تۇغقان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن!

    ئانا مىنى تۇغقان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن! تۇغۇلغان كۈنۈمدە مەن ئۆزۈمنى ئەمەس،ئانامنى تەبرىكلەيمەن !دوستۇم،بۇنۇڭغا ھەيران قالماڭ! مەن تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ تېزرەك يېتىپ كېلشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۋاتقان بۇكۈنلەردە ئەينى ۋاقىتتا،ئانام مېنىڭ ساق-سالامەت تەۋەللۇ...

  • قەدرىڭنى ساقلىغىن ئۇيغۇر قىزى

    ...

  • قارياققاندا كۆزۈم يۇلىڭغا باقار

    ...

  • قالمايدۇ دىلىمدا ئارمانىم

    قالمايدۇ دىلدىمدا ئارمانىم قەلبىمدە ئۆركەشلىك بىر قىيان ، تۇمۇرلىرىمدا مۇڭلۇق ئاھاڭ. سەن ماڭغان يوللار بۇلۇپ ئىلھام، يىراقتىن ئاڭلىنار شوخ ناخشاڭ. كۆزۈمدە ياش تىترەر قوللۇرۇم، ۋۇجۇدۇم ئايلانغان سىماپقا. ئاھ ،بۇ جانان سالغان ئىپتىخار، قەلبىمنى سالدى مۇڭ ئا...

  • سۆيگۈمگە مىھرىڭدىن بەرگىنەمەدەت

    سۆيگۈمگە مىھرىڭدىن بەرگىنەمەدەت سىھىرلەپ ئالدىڭمۇ ئەركىمنى مىنىڭ، باغلاندى تىلىممۇ باقىمەن ئۈنسىز. كۆندۈم مەن نەئىلاج بىمارىڭ سىنىڭ، سېنىڭدۇر بارلىقىم ،شىپا يوق سەنسىز. تىكىلىپ قارالماس چېھرىڭگە ھېچكىم، ئەمما مەن سەۋدادەك باقتىم دەممۇدەم. پۇكۇلدى ھۆسنۇڭدى...

  • كۈتمىگەندىم بۇنداق بۇلۇشنى (فاتىمە)

    كۈتمىگەنتىم بۇنداق بۇلۇشنى كۈتتۈم نەچچە رەت قاراپ ئىكرانغا، سەندىن كەلمىدى تەبرىك سۆزى. باستىم نۇمرۇڭنى تىترەپ تۇرۇپ، قالمىدى ئۇرۇشقا تەننىڭ مادارى. يىڭى يىلنى تەبرىكلەپ دوسلاردىن، كەلدى قۇتلۇق مۇبارەك كارتىسى. بىراق شۇنچە كۈتسەم سەندىن، كەلمىدى ماڭا مۇبا...

  • <<ئالدانغان سىڭلىمغا>>غا جاۋاب

    ساددا ئوڭلۇق قىزچاقتىڭ ،ئۆزلۈكۈڭدە يىگانە ، پاكىزلىقتا چاقنايتتىڭ ،يۇلتۇز كەبى نۇرانە ، ئەخلاقىڭدىن ئايلىنىپ ،چۆرگىلەيتتى يەر ئالەم ، سەندىن تۇلا سۈيۈنۈپ ،پەخىرلەنگەن زامانە . نۇزۇك ئىدىڭ ،قەلبىڭدە يالقۇنجايتتى ساداقەت، چىن مۇھەببەت سېغىنىپ كۈيۈر قەلبىڭ ھ...

  • بىلگەن چاغدا

    بىلگەن چاغدا ئاپتورى: ئەنەيتۇللا قۇربان ئانىلارنىڭ قۇچاقلىرىدىن چوڭ بولغاندا قاچىدىكەنمىز . بالىلىق بوپ بالا كەينىدىن بىزمۇ شۇنداق چاپىدىكەنمىز . بالىلارغا ئاتا ئانىنىڭ باغرى قانماي ئۆتەركەن شۇنداق . بالام، قوزام، باغرىم، دەپ يۈرەك كۆيۈپ توزۇپ كېتەركەن شۇ...

  • [مۇخەممەس] ئۇيغۇر كاۋاپلىرى

    «كاۋاپچى»دەپ ئاتالغان بىز، كېلىڭ مېھمان، كاۋاپ يەيسىز، ھۈنەر پەمىگە ئۇيغۇرنىڭ بولۇپ ھەيران، كاۋاپ يەيسىز، تېپىپ تەنگە يېڭى قان ھەم قۇۋۋەت- دەرمان، كاۋاپ يەيسىز، ھوزۇرىنى سۈرۈپ گوياكى شاھ - سۇلتان، كاۋاپ يەيسىز، ئېغىز تەگمەكنى مەڭگۈلۈك قىلىپ ئارمان، كاۋاپ...

  • نېمىشقا ؟!

    يۇرۇپ كەتتىڭ تەنھا نىمىشقا، ھەمشىرەڭدىن چاندىڭمۇ ياكى. ئاھسىراپلا يۇردۇڭ نىمىشقا، ئۆز-ئۆزۇڭدىن تاندىڭمۇ ياكى. ئاچچىق كۇلۇپ كەتتىڭ نىمىشقا، ناشتىلىققا لازا يىگەنمۇ؟ ياكى سىنى ئاچچىق كۇلدۇرگەن، پۇتلىرىڭغا كىرگەن تىكەنمۇ؟ پۇتلىرىڭغا كىرگەن تىكەنگە، سەۋەپ بول...

  • سۆيگۈ خاتىىرسى

    مۇھەببەت شەرىت-شارائىت ئارقىلىق ئۆز ۋىسالىنى تاپىدۇ...

  • ئىز تورىغا (مەلىكە0996 )

    ھايات دىگەن شۇنداق ئىكەن، مۇھتاجلىقتا ئوتەركەن. قوللىغاچقا ئىز تورى، ئەجىرىمىزدىن گۈل ئۇنەركەن. گۈل ئېچىلسۇن ئىز توردىن، يازغان ھەربىر خەتلەرگە. پۇرسەت كەلسە ئايىماڭ، يېزىپ تۇرۇڭ ئىز تورغا. كەچۇرۇڭلار ياخشى چىقماي قالدى....