
يېقىندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربى مىدلاندتا 3 ياشلىق «بالا ھاراقكەش»نىڭ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىدەك ئادەمنى چۆچۈتىدىغان خەۋەر تارقالدى. بۇ بالىنى داۋالىغان دوختۇرلارنى ناھايىتىمۇ چۆچۈتكىنى بۇ بالا ئۇلار داۋالىغان ھاراقكەشلەر ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك «ھاراقكەش» ھېسابلىنىدىكەن. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بۇ بالىنىڭ ئىسمى ھازىرغىچە ئاشكارلانمىغان، ئىگەللىنىشىچە، ئۇنىڭ ھاراق ئىچىشنى باشلىغىنىغا ئالتە ئاي بولغان، يەنە تېخى ئۇنىڭدا پۈتۈن بەدىنى تىترەش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇشتەك نورمالسىزلىقلار كۆرۈلۈپ باققان بولۇشى مۇمكىنكەن. ئەنگىلىيەدە، نۇرغۇن كىچىك بالىلار ھاراققا خۇمار بولغان بولۇپ، 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، ئەنگىلىيە خەلق ساقلىقنى ساقلاش ھاۋالە كومىتېتى 12 ياشتىن تۆۋەن بالا ھاراقكەشتىن 13 نى داۋالىغان. «ئىسپىرت مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش جەمئىيىتى»دىكى نىكولاس سورېنسىن مۇنداق دەيدۇ: «ھاراق خۇمارى تەكشۈرۈپ چىقىرىلغان بالىلارنىڭ بەدىنىدە، ئىسپىرتقا تايىنىش ئىپادىلىرى ئىپادىلەنگەن بولىشى مۇمكىن».
پراكتىكانت تەرجىمان: ئامىنە ئابدۇراخمان
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!