
دۇنيا بويىچە ئەڭ ياش «موما» نەۋرىسى بىلەن بىرگە ئىز تورى www.iz.la
تەيۋەن «بىرلەشمە گېزىتى» نىڭ 8-مارت خەۋەر قىلىشىچە، رۇمىنىيەدىكى رۇيفۇكا ئىسىملىك سىگان قىزى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياش «موما» بولۇپ قالغان، ئۇ 12 يېشىدا قىزىنى تۇغقان بولۇپ، قىزى 11 يېشىدا ئوغۇل تۇغقان، بۇنىڭ بىلەن رۇيفۇكا دۇنيا بويىچە ئەڭ ياش «موما» بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئاپىسى 40 يېشىدا «ئۇلۇغ موما» بولۇپ بولغانىكەنتۇق. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇ 11 يېشىدا 13 ياشلىق سىتان يىسىكۇ بىلەن قېچىپ كېتىپ توي قىلغان ئىكەن، بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ دادىسى پۈتۈشۈپ قويغان قوشنا كەنتتىكى بالا بىلەن توي قىلىشنى خالىمىغانىكەن. 2 ياش ۋاقتىدىلا ئۇنىڭغا چاي ئىچۈرۈلگەنىكەن.
رۇيفۇكا 12 يېشىدا قىزى مارىيەنى تۇغقان، ئارقىدىنلا يەنە ئوغلى نىكولاسنى تۇغقان. ئۇ بالىلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بالدۇر توي قىلىشىنى خالىمىغان، بالىلىرىنىڭ مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. بىراق قىزى ئۆزىگە ئوخشاش بالىلىق چېغىدىلا يەنى 10 يېشىدىلا توي قىلىپ، ئالتە ئايدىن كېيىن ئوغۇل تۇغقان. رۇيفۇكانىڭ نەۋرىسىگە 8 ياشلىق بىر قىز بىلەن چاي ئىچۈرۈلۈپ بولغانىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
پراكتىكانت تەرجىمان: ئامىنە ئابدۇراخمان
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
www.iz.la